ئايتۇرسۇن روسۇل مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كارخانىچى بولۇپ باھالاندى
0
2018-04-12 10:57:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

جۇڭگو ئايال كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ 2018-يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش ۋە «كۆزگە كۆرۈنگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئايال» لارنى مۇكاپاتلاش يىغىنى 3-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە پايتەختىمىز بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ياڭ ليۇ، جۇڭگو كارخانىلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە كېڭەش باشلىقى جۇ خۇڭرېن، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى چۈنمېي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. جۇڭگو ئايال كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لى داڭ يىغىندا خىزمەت دوكلاتى بەردى. يىغىنغا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىن كەلگەن 400 دىن ئارتۇق ئايال كارخانىچىلار ۋەكىللىرى قاتناشتى.

مەملىكەت بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇنەۋۋەر ئايال كارخانىچىلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئايال كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ شانئال ئىگىلىك تىكلەش كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئايتۇرسۇن روسۇل خانىم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئايال كارخانىچىلىرىغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك «كۆزگە كۆرۈنگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئايال» مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاياللىرىغا زور شان-شەرەپ كەلتۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەتلىك «كۆزگە كۆرۈنگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئايال» مۇكاپاتى مەملىكەت بويىچە قاتمۇ-قات ئۆتكەللەر ئارقىلىق تاللىنىپ چىققان ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئاياللارغا بېرىلىدىغان ئالاھىدە مۇكاپات بولۇپ، بۇ قېتىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئايتۇرسۇن روسۇل خانىمنى شىنجاڭدىن ئالاھىدە مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ بۇ مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىپ بەرگەن ئىكەن. تۆۋەندە ئۆز مۇخبىرىمىز ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى مۇخبىرى ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئايال كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ شانئال ئىگىلىك تىكلەش كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى، مەملىكەتلىك «كۆزگە كۆرۈنگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچى» ئايتۇرسۇن روسۇل خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە دىققەت قىلغايسىلەر.

 

U020180412334812559665.jpg