پارتىيەلىك كادىرلار تور دۇكىنى ئاچسا بولامدۇ؟
0
2018-04-12 11:00:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

ئۈندىدار ھازىر كۈندىلىك خىزمەتلەردە ئالاقە قىلىشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئالاقە قورالىغا ئايلاندى، پارتىيەلىك كادىرلار ئۈندىدارنى قانداق توغرا ئىشلىتىش كېرەك، ئۈندىداردا دۇكان ئېچىپ تىجارەت قىلسا، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان بولامدۇ؟ بۇ سوئاللارغا قارىتا، كۆڭۈلدە چوقۇم سان بولۇشى كېرەك.

1. ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى شەخسىي بوشلۇقمۇ ياكى ئاممىۋى سورۇنمۇ؟

جاۋاب: ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ھەر بىر ئادەم «ۋاسىتىچى»غا ئايلاندى. ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى ئەنئەنىۋى مەنىدىكى پەقەت ئائىلىدىكىلىرى ۋە دوستلىرىلا بار بولغان دوستلار چەمبىرىكى بولماستىن، بەلكى نۇرغۇن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردىن تەشكىللەنگەن، مەسىلەن، خىزمەت جەريانىدىكى بېرىش كېلىش، دوستلارنىڭ دوستلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىدىن شەكىللەنگەن.

ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى ئەمەلىيەتتە ئاستا-ئاستا تاراتقۇ خاراكتېرىگە ئىگە بولماقتا، شۇڭا ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى شەخسىي بوشلۇق ئەمەس، بەلكى بىر ئاممىۋىي سورۇن ھېسابلىنىدۇ.

2. پارتىيەلىك كادىرلار ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىن پايدىلىنىپ دۇكان ئېچىپ مال ساتسا بولامدۇ؟

جاۋاب: پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى كادىرلار، دۆلەت مەمۇرلىرىدىن باشقا پارتىيە ئەزالىرى، تاۋباۋ دۇكىنى، ئۈندىدار دۇكىنى قاتارلىقلارنى ئېچىپ پايدا ئالسا بولىدۇ، لېكىن ئالدىنقى شەرتى خىزمەت ھوقۇقى ياكى خىزمەت ئورنىنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزى، يېقىن تۇغقانلىرى ۋە پايدا-مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغانلارغا پايدا كۆزلىمەسلىكى كېرەك.

3. پارتىيەلىك كادىرلار ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە «ئىدارىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسى»دىكىلەرلا كۆرەلەيدىغان قىلىپ، مەخپىي خەت-ئالاقىلەرنى چىقارسا بولامدۇ؟

دۆلەت ۋە خىزمەت ئورۇننىڭ مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغان نەرسىلەرنى قالايمىقان چىقارماسلىق كېرەك، بىرگە بىر تارقىتىشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس، ئۇچۇر-تور دەۋرىدە مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ.

4. پارتىيەلىك كادىرلار ماقالىلەرنى دوستلار چەمبىرىكىدە ھەمبەرھىرلەنگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

جاۋاب: پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئادەتتىكى پۇقرالارغا ئوخشاش، توردا پىكرىنى بايان قىلىش، ماقالىلەرنى يۆتكەپ ئەۋەتىش ھوقۇقى بولىدۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى چوقۇم ياخشى بەلگىلەش، سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك. تورغا ماقالە چىقارغاندا ياكى توردىن ماقالە چۈشۈرگەندە، ئاۋۋال ماقالىنى چۈشۈنۈپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، چىقىرىش كېرەك. ساختا-ئويدۇرما ئۇچۇرلارنى، مەركەزنىڭ مۇھىم سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەرنى خالىغانچە چىقارماسلىقى كېرەك.

5. ئۈندىداردىكى شەخسىي ئۇچۇرلارنى قانداق بىخەتەر ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

جاۋاب:

1) كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھەقىقىي رەسىمىنى باش سۈرەت قىلىشنى ياقتۇرىدۇ، لېكىن بۇنى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئوڭايلا ئوغرىلاپ ئىشلىتىپ، سىزنىڭ سالاھىيىتىڭىز ئارقىلىق قانۇنسىز قىلمىشلار قىلىدۇ، شۇڭا ئۆز رەسىمىنى باش سۈرەت قىلىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

2) ئىمكانقەدەر ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى نام ئورنىدا ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

3) رايون ئورۇنلاشتۇرۇشى سىزنىڭ ئۈندىدار ئۇچۇرىڭىزدا كۆرۈنىدۇ، ساختا جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئىشلىتىپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارغا پۇرسەت بەرمەسلىك تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

4) «مېنى يېقىن دوستقا قوشقاندا دەلىللەشتىن ئۆتۈشى كېرەك» تاللىشىنى ئېچىش كېرەك.

5) «ناتونۇش ئادەملەرنىڭ ئون پارچە رەسىم كۆرەلىشىگە يول قويۇش» تاللىشىنى ئېتىۋېتىش كېرەك.

6) ئۈندىدارنىڭ مەخپىي نومۇرىنى بەك ئاددىي قىلىۋەتمەسلىك، سان ۋە ھەرپلەرنى ئىمكانقەدەر ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش، ھەمدە ھەرپلەرنىڭ چوڭ-كىچىك يېزىلىشىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش كېرەك، ئەڭ ياخشىسى « @ » ياكى « . » قاتارلىق بەلگىلەرنى قوشۇپ قويۇش كېرەك.

 

U020180412334812559665.jpg