ئابدۇقادىر ھاشىم نېمىشقا «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»شەرىپىگە ئېرىشەلەيدۇ؟
0
2018-04-19 09:35:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل خۇدابەردى

 

ھەر بىر ئاڭلىغۇچى رادىيونى شۇنداقلا ئېچىپ، مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئاڭلىتىش چاستوتىسىغا توغرىلىغىنىدا، رادىيودىن ئاڭلىنىۋاتقان بۇلبۇل كەبى يېقىملىق ئاۋازلاردىن دىلى شادلىنىدۇ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىدىن ئالەمچە سۆيۈنىدۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىدىن ئۆزلىرىنى ۋاقتىدا ۋاقىپلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان دېكتورلىرىغا ھۆرمەت ۋە قايىللىقى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. شۇنداق، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر دىكتورىمىزنىڭ  ئىسمى-ئابدۇقادىر ھاشىم. ئىسمى -جىسمى زەپ ياراشقان بۇ تۆھپىكار دىكتور ئابدۇقادىر ھەقىقەتەنمۇ بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر. شۇڭا ئەلمۇ ئىچ-ئىچىدىن قايىل!   

ئابدۇقادىر ھاشىم دىكتورلۇق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش چاستوتىسىنىڭ خەۋەر، مەخسۇس پىروگرامما، سەنئەت پىروگراممىلىرىنى ئاڭلىتىش، لېنتىغا ئېلىش، تەھرىرلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغاندىن باشقا يەنە مەركىزى ھۆججەتلىك فىلىم ئىستۇدىيەسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى بىرلىكتە ئىشلىگەن «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت- شىنجاڭ»، «بانكا سېپىدىكى ئەنقار»، «ئازسانلىق  مىللىي رايونلارنىڭ مائارىپ ئەھۋالى» قاتارلىق ھۆججەتلىك فىلىملەرنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىق تەرجىمىسى، ۋە چۈشەندۈرۈش ئىشلىرىغا ھەمدە «ئاخىرقى پادىشاھ»، «نەسردىن ئەپەندى»، «ۋۇ زېتىيەن» قاتارلىق كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا قاتنىشىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. ئابدۇقادىر ھاشىمنىڭ دىكتورلۇق ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، ئاۋازى تەبىئىي، سۆزلەرنى ئىپادىلەش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ بارلىق ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ياقتۇرۇشىغا نائىل بولدى. ئابدۇقادىر ھاشىمنىڭ رادىيودا ئاڭلاتقان بىر قىسىم پىروگراممىلىرى مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە مەملىكەتلىك ئۇيغۇرچە، رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى باھالاشتا كۆپ قېتىم 1-2،-3،-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. ئابدۇقادىر ھاشىم يازغان «دىكتورلار مىكروفون ئالدىدىكى روھى ھالىتىگە دىققەت قىلىشى كېرەك»، « مىللىي رادىيونىڭ جەلپكارلىقىنى قانداق قىلغاندا ئاشۇرغىلى بولىدۇ»، «رادىيو ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھى»، «دىكتورلاردا كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك»، «ئاڭلىغۇچىلارنىڭ تەلەپ-ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش-پىروگراممىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسى»، «ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئۇيغۇرچە رادىيونىڭ يېڭى باھارىنى كۈتۈۋالايلى»، «ئۇيغۇرچە رادىيونى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىش كېرەك» قاتارلىق تېمىلاردىكى كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلىرى «جۇڭگو رادىيو ژۇرنىلى»، «زامانىمىز ئاخباراتچىلىقى»، «ئۈن-سىن گۈلزارى» ،«شىنجاڭ گېزىتى» ۋە مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى مىللەتلەر رادىيو ئىشلىرىنىڭ 55 بەش يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نەشر قىلىنغان «ئەمەلىيەت ۋە تەپەككۇر» دېگەن كىتاب قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى ھەمدە ئالى مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.     

ئابدۇقادىر ھاشىم رادىيو خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان  نەچچە 10 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ،  تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ كەسىپنى سۆيۈپ، كومپارتىيە ئەزالىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى، ئابدۇقادىر ھاشىم  تۇرمۇشقا بولغان چەكسىز قىزغىنلىقى، ئائىلىگە بولغان مېھرى-مۇھەببىتى، ئايالى ۋە پەرزەنتىگە بولغان كۆيۈمچانلىقى بىلەن خىزمەتلىرىنى بەجانىدىل ياخشى ئىشلەپ، ئالتۇن ئۈزۈككە خوپ ياراشقان ياقۇت كۆزدەك ساپ، ساداقەتمەن ئايالى، كەسىپدىشى دىلدار مۇھەممەدرېھىم بىلەن بىرگە مىللىي رادىيو ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتى ۋە قان-تەرىنى سەرپ قىلىپ كەلدى. 

كەڭ ئاڭلىغۇچىلار ئابدۇقادىر ھاشىمنىڭ ئاۋازىنى گوياكى دىلغا ئارام بېغىشلىغۇچى بۇلبۇلنىڭ يېقىملىق سايرىشىغا ئوخشىتىدۇ. ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىخلاسى-ئۇنى سۆيۈندۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلدۇردى، ئابدۇقادىر ھاشىم ھەر ۋاقىت پارتىيەنىڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ ھەر ۋاقىت ئاڭلىغۇچىلار نەزىرىدە پارتىيەنىڭ ياخشى تەشۋىقاتچىسى، ياخشى دىكتور-رىياسەتچى، نەمۇنىلىك خىزمەتچى بولۇشقا تېرىشتى. ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتىنى ئۇ،- ئۆزىنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلدى.     

ئابدۇقادىر ھاشىم ھەر يىلدىكى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن  تەشۋىقاتى بولسۇن ياكى مۇھىم ئىشلارنى بىخەتەر ئاڭلىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش مەزگىلىدە بولسۇن دائىم ئەڭ ياخشى روھى كەيپىيات بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ، ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرنى ئاڭلىتىپ، ئاڭلىغۇچىلارنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك فاڭجېن-سىياسەتلىرى، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى، يېڭىلىقلار ۋە تۈرلۈك ساۋاتلاردىن ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈپ، تەشۋىقات سېپىدىكى ھارماس تۇلپارغا، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشىغا ئايلاندى. 

ئابدۇقادىر ھاشىم خىزمەتتە ئۆزىگە دائىم قاتتىق تەلەپ قويۇپ كەلدى، خەۋەرلەر ياكى مەخسۇس پىروگرامما بولسۇن ئاڭلىتىشتىن بۇرۇن، ئەستايىدىل كۆرۈپ، مەزمۇنىنى تولۇق ئىگىلەپ ۋە چۈشىنىپ، پىروگراممىنىڭ سۈپەتلىك بولۇشى ئۈچۈن كۆپ كۈچ سەرپ قىلدى، شۇڭا ئۇ ئىشلىگەن ياكى ئاڭلاتقان پىروگراممىلار ئاڭلىغۇچىلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئىزچىل مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ نادىر پىروگراممىلىرى بولۇپ كەلدى. 

ئابدۇقادىر ھاشىم مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش چاستوتىسىنىڭ دىكتورلار قوشۇنى ئىچىدىكى ئاساسلىق يېتەكچى كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان دىكتور - رىياسەتچىلەرنى ماقالىنى قانداق قىلغاندا تولۇق چۈشىنىپ ئوقۇغىلى بولىدىغانلىقى، سۆزلەرنى قانداق ئىشلىتىش،  قانداق پوزىتسىيە ۋە روھى ھالەت بىلەن مىكروفون ئالدىغا كېلىش، قانداق مەزمۇندىكى خەۋەرگە قانداق ھېسسىيات بېرىش، دىكتورلۇق، رىياسەتچىلىك قىلغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش، مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەربىيەلىدى ۋە يېتەكلىدى. 

كەسىپداشلىرى بىلەن  ئېجىل مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بىلەن قارىدى، ھەر بىر كىشىگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىپ، خىزمەتداشلىرى ۋە ئاڭلىغۇچىلار ئارىسىدا ئېسىل ئوبراز تىكلىدى. نەچچە يىل ئىلگىرى بىر ئاڭلىغۇچى شىئەندىن تېلېفون بېرىپ يېنىدا پەقەتلا پۇل قالمىغانلىقتىن پويىز بېلىتى ئالالمىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن ئۈرۈمچىگە قايتالمىغانلىقى، ئابدۇقادىر ھاشىمنى ئەسلا كۆرۈپ باقمىغانلىقى، بىراق ئۇنىڭ ئىسمىنى دائىم رادىيودىن ئاڭلاپ تۇرىدىغانلىقى، شۇڭا ياردەم سوراپ تېلېفون بەرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ، ئابدۇقادىر ھاشىم تېلېفوننى قويۇپلا ھېچ  ئىككىلەنمەستىن پوچتىخانىغا بېرىپ بۇ ناتونۇش كىشىگە  500 يۈەن پۇل  يوللاپ بىرىدۇ، بۇ كىشى پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ئابدۇقادىر ھاشىمغا قايتا تېلېفون ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىۋالغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئابدۇقادىر ھاشىمغا رەھمەت ئېيتىدۇ. يەنە بىرنەچچە قېتىم شىنجاڭدىن  بىرنەچچەيلەن بېيجىڭگە مەلۇم ئىش بىلەن كېلىپ، نەگە بېرىشىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ، رادىيودىن ئىسمىنى كۆپ ئاڭلىغان ئابدۇقادىر ھاشىمنى ئىزدەش ئۈچۈن مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنى تېپىپ ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىپ ئۇنىڭدىن ياردەم سورايدۇ، ئابدۇقادىر ھاشىم ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇلارغا پارتىيەنىڭ فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى قايىل قىلىدۇ ھەمدە ياتاق ئالالمىغانلارغا ياتاق ئۇقۇشۇپ بىرىدۇ، پەۋقۇلئاددە قىيىنچىلىقى بار بىرەيلەنگە ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ پويىز بېلىتى ئېلىپ يولغا سېلىپ قويىدۇ، يەنە بىر قېتىم قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر نەچچە نەپەر ئوقۇغۇچىسى ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشتا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىنى ئېيتىپ تېلېفون بىرىدۇ، بۇ ئەھۋاللارنى ئۇققاندىن كىيىن ئابدۇقادىر ھاشىم ئۆزى باش بولۇپ 1000 يۈەن ئىئانە قىلىدۇ ھەمدە باشقا خىزمەتداشلارنىمۇ ئوقۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا پۇل ۋە ماددىي بويۇم ئىئانە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئابدۇقادىر ھاشىم مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى مىللەتلەر پىروگرامما مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان چېگرا رايونلاردىكى ئازسانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرگە مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش باش تېما قىلىنغان ھەسەن-ھۈسەن پاراۋانلىق پائالىيىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلمەكتە، بۇنداق مىساللار ئۇنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىدا ناھايىتىمۇ  نۇرغۇن.....  

ئابدۇقادىر ھاشىمنىڭ ئائىلىسىمۇ ئېجىل ۋە ئىناق بىر ئائىلە، ئۇنىڭ ئايالى دىلدار مۇھەممەدرېھىم  مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش چاستوتىسىنىڭ تونۇلغان دىكتورى، دىلدار مۇھەممەدرېھىم ئائىلىدە ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغاندىن سىرت يەنە خىزمەتنىمۇ جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدۇ، ئەر-ئايال ئىككىيلەن تۇرمۇشتا ئۆز - ئارا بىر بىرىگە كۆيۈنۈپ، بىرلىكتە ئۆگىنىپ، بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، خىزمەتداشلىرى بىلەن ئىناق - ئىتتىپاق ئۆتۈپ، ئالتۇن ئۈزۈككە قويۇلغان ياقۇت كۆزدەك باشقىلارنى ھەۋەسلەندۈرۈپ كەلمەكتە. ئۇلار قوشنىلىرى بىلەنمۇ تۇغقانلاردەك ئۆتىدۇ، گەرچە بىر مىللەت بولمىسىمۇ ئەمما ھەر يىلى يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدە ئۇلار قوشنىلار بىلەن ئۆز-ئارا پەتىلىشىدۇ، قوشنىلار ئىچىدە كىم قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولسا تۇنجى بولۇپ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى ئىزدەيدۇ، ئۇلارمۇ قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىدۇ، ئۇلار بىلەن بىر بىنادا تۇرىدىغان دەم ئېلىشقا چىققىلى خىلى يىللار بولغان بىر خەنزۇ كىشى بولۇپ ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئانچە ياخشى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە ئايالى  خىلى بۇرۇنلا ئالەمدىن ئۆتكەن بولغاچقا ئۆزى يالغۇز تۇرمۇشتا ئۇششاق-چۈششەك قىيىنچىلىقلارغا يولۇقۇپ تۇراتتى، ئابدۇقادىر ھاشىم ۋە ئايالى دىلدار مۇھەممەدرېھىم ئۇ كىشىنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلدى ۋە ياردەم قىلدى، ئائىلە ئېسىل ئەخلاقى ۋە قوشنىدارچىلىق پەزىلىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇردى. 

مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ 3-نۆۋەتلىك 10 مۇنەۋۋەر دىكتورنىڭ بىرى، 2016-يىلى7-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان مىنىستىرلىقلار ئارا باھالاشتا مەدەنىي ئائىلە، 2017-يىلىدىكى مەملىكەت بويىچە «ئەڭ گۈزەل ئائىلە» شەرىپىنىڭ ساھىبى، مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى ۋە پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىغىنى تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىش ئىشلىرى بويىچە ئىلغار شەخس، رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى بويىچە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار شەخس، داڭلىق دىكتور، دىكتور يېتەكچىسى، ئۇستاز دىكتور ئابدۇقادىر ھاشىم مۇنداق دەيدۇ: ئائىلە ئىناقلىقى -جەمئىيەت ئىناقلىقىنىڭ ئاساسىي، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، -جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. بىز پەقەت مەسئۇلىيىتىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىزنى ھەر دائىم ئۇنتۇماي، ئىتتىپاقلاشساقلا ئاندىن ئائىلىمىز ئىناقلىققا تولىدۇ، كەسپىمىز گۈللىنىدۇ، جەمئىيتىمىزمۇ قۇدرەت تاپىدۇ، بىز پەقەت ئۆز-ئارا ياردەم بېرىپ، كەڭ قورساق، راستچىل، سەمىمىي بولۇپ، ئۆز-ئارا كۆيۈنسەكلا ۋەتىنىمىز تېخىمۇ گۈللەپ روناق تاپىدۇ، بىزنىڭ گۈزەل جۇڭگو ئارزۇيىمىز چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ!  

دۇرۇس! ئىناق ئەلدە ئەل ئامان، خەلق شادىمان. بىز ،ئەلنى سۆيگەن، ئەل سۆيۈنگەن بۇ تۆھپىكار دىكتورىمىز ئابدۇقادىر ھاشىمنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخت، كەسپىگە يەنىمۇ زور ئۇتۇقلارنىڭ يار بولۇشىغا تىلەكداشمىز.  

1122691454_1523881253958_title0h.jpg
123123.jpg
U020180414406167416187.jpg