2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتى بېكىتىلدى
0
2018-05-02 15:05:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل خۇدابەردى

2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتى بېكىتىلدى

يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى «2018-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان پەنلەرنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرمىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان پەنلەرنىڭ ئىمتىھان ئېلىش ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرمىسى ھەمدە ھەرقايسى ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون ، شەھەر) لەرنىڭ ئىمتىھاننىڭ پەن تۈرى بىلەن مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھاننىڭ پەن تۈرى ئوخشاشلىرى چوقۇم مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھان ۋاقتى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك.

«مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 2018-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (ئۇقۇتۇش [2018] 2-نومۇرلۇق) ئالاقىدار تەلىپىگە ئاساسەن، 2018 -يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان پەنلەرنىڭ ئىمتىھان ئېلىش ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرمىسى تۆۋەندىكىچە:


7-ئىيۇن

تىل - ئەدەبىيات

9:00 دىن 11:300

ماتېماتىكا

15:00 دىن 17:00

8-ئىيۇن

ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي پەن / ئۇنۋېرسال تەبىئىي پەن

9:00 دىن 11:300

چەتئەل تىلى

15:00 دىن 17:00

ھەرقايسى ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، شەھەر) لەرنىڭ ئىمتىھاننىڭ پەن تۈرى بىلەن مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھاننىڭ پەن تۈرى ئوخشاشلىرى چوقۇم مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھان ۋاقتى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك . كونكرېت پەنلەرنىڭ ئىمتىھان ئېلىش ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرمىسى دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش سۇپىسى ئارقىلىق مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان مەركىزىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون ، شەھەر)لار يۇقىرىقى پەنلەرنىڭ ئىمتىھان ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە جەمئىيەتكە پەنلەرنىڭ ئىمتىھان ئېلىش ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

W020180502350210415734.jpg