ماركس كىم
0
2018-05-02 15:45:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئادىل ئابلەت

ماركس دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش پەيتىدە ئىستانسىمىز ماركس ھەققىدە سوئال سوراش ئالاھىدە پىروگراممىسىغا جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ماركسىزم ئىنستىتۇتىنىڭ تۆت مۇدىرىنى تەكلىپ قىلدى. بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا ماركسنىڭ كىملىكى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىمىز.

ماركس پەيلاسوپ بولۇش سۈپىتى بىلەن باشقا پەيلاسوپلارغا سېلىشتۇرغاندا ئوخشاش بولمىغان قانداق يەرلىرى بار؟

خى لىشىن مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى پەيلاسوپلار دۇنيانى ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللار بىلەن چۈشەندۈرىدۇ، بۇنىڭدىكى مەسىلە دۇنيانى ئۆزگەرتىشتە. ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش نۇقتىئىنەزەرى ماركسىزم ئىدىيەسى ، ماركسىزم پەلسەپەسىگە سىڭدۈرۈلگەن ئەڭ نېگىزلىك نۇقتىئىنەزەر.

ماركس قانداق مۇتەپەككۇر؟

ئەي سىلىن مۇنداق دېدى: پەن جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ قامۇس شەكلىدىكى مۇتەپەككۇر. ئۇنىڭ تەتقىقات ساھەسى پەلسەپە ئىجتىمائىي پەننىڭ بارلىق ئىلىملىرىنى قاپلايدۇ، ھەتتا كۆپلىگەن تەبىئىي پەنگە چېتىلىدۇ دېيىشكە بولىدۇ.

ماركسىزمدىن ھالقىغىلى بولمامدۇ؟

ۋۇ شياۋمىڭ مۇنداق دېدى: ماركسىزم پەلسەپەسى دەۋرىمىز ئىدىيەسىنىڭ ئانىلىق تەنچىسى ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئاساسلىق غولى. دەۋرىمىزدىكى تۈپ مەسىلە ھەل قىلىنمىغىچە ماركسىزمدىن ھالقىغىلى بولمايدۇ.

ماركستىن بىز نېمىنى ئۆگەنسەك بولىدۇ؟

شې شۇاڭخاۋ مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ دۇنيانى جەمئىيەتنى كۆزىتىش ئۇسۇلى ھەم ئەنئەنىۋى ماتېرىيالىزمنىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىدى ھەم ئىدېئالىزمنىڭ ئىدىيەۋى ئاڭ نۇقتىسىدىن ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە قاراش چەكلىمىسىدىن ھالقىدى.

W020180502350210415734.jpg