ھۆججەتلىك فىلىم «مەن شىنجاڭغا بارىمەن» ئالقىشقا ئېرىشتى
0
2018-05-08 09:54:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل خۇدابەردى

«مەن شىنجاڭغا بارىمەن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇش مۇراسىمى ۋە شۇ ناملىق كىتابنى تارقىتىش يىغىنى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالىدا تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كەڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، بىرلىكسەپ بۆلۈمى، مەركىزىي ئالاقە تورى-ئۇچۇر ئىشخانىسى، ج ك پ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، دۆلەت توقۇمىچىلىق سانائىتى بىرلەشمىسى، گۇيجۇ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي مىللەتلەر كادىرلىرى ئىنستىتۇتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو توقۇلما تاۋارلار ئىمپورت-ئېكسپورت سودا ئۇيۇشمىسى، جۇڭگو پاختىچىلىق جەمئىيىتى، جۇڭگو چەت ئەللىك سودىگەرلەر مەبلىغىدىكى كارخانىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو مىللىيچە سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ياپونىيە-كورېيە ئىشلىرى جەمئىيىتى، جۇڭگو-گېرمانىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى، بېيجىڭ گۈزەل شىنجاڭ فوند جەمئىيىتى، موتيې كىتابچىلىق چەكلىك شىركىتى، يىپەك يولى ياشلار مۇنبىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلىرى بولۇپ 1200دىن ئارتۇق ئادەم بۇ قېتىملىق تۇنجى قويۇش مۇراسىمىغا قەدەم تەشرىپ قىلدى.

بۇ فىلىمنى شاڭخەي جياڭخەنگې مەدەنىيەت ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئىشلىگەن، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى گېزىتى، شاڭخەي شەھەرلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق بۆلۈمى، يىدا گۇرۇھى، بېيجىڭ ئادەتتىكى خاتىرىلەر فىلىم لايىھەلەش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن، قۇربانجان سەمەت فىلىمنىڭ باش رېژىسسورى ۋە ئىشلىگۈچىسى بولغانىدى.

«مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق چاتما فىلىم ئىچىدىكى 2-قارارلىق ھۆججەتلىك فىلىم ھېسابلىنىدىغان بۇ فىلىمدا، ئالدىنقى قارارلىقتىكى ئاكتىپ ئېنېرگىيە داۋاملاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىغا دائىر ھېكايىلىرى بايان قىلىنغان. ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن، ئېتىقادى ۋە ئارزۇسى ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلگەن، شىنجاڭدا تۇرغان ھەمدە شىنجاڭغا مۇھەببەت باغلىغان 24 شەخسنىڭ ھېكايىسى خاتىرىلەنگەن.

بۇ ھۆججەتلىك فىلىم ئىزدىنىش، ئېچىش، ئائىلىسىگە قايتىش، ئۇچرىشىش، ئىلھام، خىرىس، پۇرسەت قاتارلىق بىر نەچچە بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا شەخسلەر سالاپىتى ئەكس ئېتىش بىلەن بىرگە يەنە ”بىر بەلباغ بىر يول“ ساھىلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى نامايان قىلىنغانىدى.

پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن شۇ كۈنى، مۇراسىم زالىغا قەدەم ئېلىۋاتقان مېھمانلارنىڭ كۆز ئالدىغا ئالدى بىلەن تاشلانغىنى شىنجاڭچە نەپىس كىيىنگەن ئىككى قىز بولدى. ئۇلارنىڭ كىيىم-كىچىكىدىن ئەكس ئېتىپ تۇرغان تارىخىيلىق ۋە يۇغۇرۇلۇش تۇيغۇسى مېھمانلارنى جەلپ قىلىۋالدى ھەمدە ئۇلارنى مۇزاكىرىگە باشلىدى.

«يېڭى شەرق» شىركىتىنىڭ چولپان دەرىجىلىك نۇتۇقچىسى، ياش يازغۇچى ئەلى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ رىياسەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ يۇمۇرىستىك سۆزلىرى ئىچىدە پائالىيەت يوپۇقى رەسمىي ئېچىلدى.

سەھنىدە، ئالدى بىلەن ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ «شىنجاڭ. كۈي»، «شىنجاڭ. ئادەم»، «شىنجاڭ. گۈزەل» قاتارلىق بىر نەچچە تەشۋىقات فىلىمى قويۇلدى. ئۇنىڭدا بۇ ھۆججەتلىك فىلىم قەدىمىي كىيىم-كېچەكلەر، پېرسوناژ بېشارىتى، تەبىئىي ئاۋازغا قۇلاق سېلىش، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىش، كۈيلەرنى ھېس قىلىش قاتارلىق بىر قانچە جەھەتلەردىن چۈشەندۈرۈلگەنىدى.

شاڭخەي شەھەرلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق بۆلۈمى مۇراسىمغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شاڭخەينىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم قازانغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە پائالىيەتنىڭ تولۇق غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى.

رېژىسسور قۇربانجان سەمەت يېڭىدىن يېتىشىپ چىققان كىنو-تېلېۋىزىيە مەدەنىيەت كارخانىسى ئىختىساسلىق خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ «مەن شىنجاڭغا بارىمەن» ناملىق بۇ مۇنەۋۋەر ھۆججەتلىك فىلىم ئەسىرى شاڭخەي شەھىرى كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسىنىڭ سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتىن زور مەدەت بېرىشىگە، مەدەنىيەت جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە يەنە شاڭخەي شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەنىدى.

«مەن شىنجاڭغا بارىمەن» ناملىق بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئىجاد قىلىنىپ سۈرەتكە ئېلىنىشى شاڭخەينىڭ 2017-يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى مۇھىم بىر تۈرلۈك تەدبىر، شۇنداقلا شاڭخەينىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى نادىر ئەسەر تۈرى سۈپىتىدە تۇتۇلغانىدى.

ئوخشاشلا «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» چاتما ئەسەرلىرىمۇ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى گېزىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلگەنىدى.

يىدا گۇرۇھىدىن چېن خەييىڭ خانىم سۆز قىلىپ، يىدا گۇرۇھىنىڭ يەنە داۋاملىق ھالدا شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش، مۇھىت ئاسراش، ساغلاملىق قاتارلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغانلىقىنى، ھۆججەتلىك فىلىمدىن سەرخىل مەزمۇنلارنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۆججەتلىك فىلىمنى تۇنجى قويۇش، تارقىتىش مۇراسىمى باشلاندى. باش ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ ھۆججەتلىك فىلىمدىكى 24 شەخستىن ئۈچ شەخسنى تاللاپ، ئۇلارنى نەق مەيداندا مېھمانلار بىلەن بىرگە فىلىمنى تەڭ كۆرۈشكە تەشكىللىدى.

مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى، داڭلىق يازغۇچى ۋاڭ مېڭ

رىياسەتچىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ھۆججەتلىك فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن شەخسلەرنىڭ بىرى بولغان ۋاڭ مېڭ ئەپەندى سەھنىدە ھېكايىسىنى تاماشىبىنلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

«مەن شىنجاڭغا بارىمەن» ناملىق بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ رەسمىي قويۇلۇشى 2018-يىل 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالتۇن ۋاقىت بۆلىكىدە، تېڭشۈن تورىدا، شۇنىڭدەك بىلى بىلى تورى قاتارلىق تېلېۋىزىيە تور تاراتقۇسى سۇپىسىدا تەڭ قەدەملىك باشلىنىدۇ.

«مەن شىنجاڭغا بارىمەن» ھۆججەتلىك فىلىمىگە مۇناسىۋەتلىك بىر يىلدىن بۇيانقى ئىزدەش، زىيارەت قىلىش، سۈرەتكە ئېلىش داۋامىدا، فىلىمدىكى پېرسوناژلارنىڭ ھېكايىسى ئەينەن خاتىرىلەنگەن ئوخشاش ناملىق كىتابمۇ تەڭ تاماملاندى. قۇربانجان بۇ كىتاب بىلەن بۇندىن بۇرۇن چىقارغان «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» دېگەن كىتابنىڭ ئوخشاشماسلىقلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«مەن شىنجاڭغا بارىمەن» ھۆججەتلىك فىلىمىگە مۇناسىۋەتلىك بىر يىلدىن بۇيانقى ئىزدەش، زىيارەت قىلىش، سۈرەتكە ئېلىش داۋامىدا، فىلىمدىكى پېرسوناژلارنىڭ ھېكايىسى ئەينەن خاتىرىلەنگەن ئوخشاش ناملىق كىتابمۇ تەڭ تاماملاندى.

«مەن شىنجاڭغا بارىمەن» ناملىق كىتاب داڭداڭ تورى، جىڭدۇڭ تورى، شۇنىڭدەك ئامازون قاتارلىق چوڭ-چوڭ تورلاردا رەسمىي تارقىتىلدى.

پۈتۈن مەيدان تىمتاسلىققا چۆكتى. ئالاھىدە ئىشلەنگەن تەشۋىقات فىلىمى «شىنجاڭ. كۈي» شىنجاڭدا نەق مەيداندىن ئېلىنغان تۈرلۈك ئاۋازلار ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىدىكى مەپتۇنكار ئاۋازلار ئارقىلىق نەق مەيداندىكى مېھمانلارنى شىنجاڭ قوينىغا باشلاپ كىردى.

ياش سازەندە رەپقەت ئەنئەنىۋى مىللىي مۇزىكا بىلەن زامانىۋى مۇزىكىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى سۈپىتىدە «سېنىڭ تۇرقۇڭ» ناملىق مۇزىكىنى تەمبۇردا ئورۇنداپ، نەق مەيداننى يەنە بىر قېتىم گۈلدۈراس ئالقىشقا پۈركىدى.

ئېكراندا، بەي يەنسۇڭ، چېن جيەنبىن، سۈي يۇڭيۈەن، لې جيا، چېن شياۋچىن، خۇاڭ گولۈن، كوۋ نەيشىن، تۇڭ لىيا، لۇ يۈ قاتارلىق چولپانلار نەق مەيدان ئېكرانى ئارقىلىق تۇنجى قويۇش مۇراسىمىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

كامالىغا يەتكەن بىر ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى جاپالىق ئارقا سەپ خىزمىتى ۋە كەسپىنى سۆيىدىغان ئۇستا دەرىجىلىك بىر توپتىن ئايرىلالمايدۇ.

ھۆججەتلىك فىلىمدە، 24 مىنۇتلۇق ئارقا سەپ كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق ئارقا سەپتىكىلەرنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى ھېكايىلىرى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئۇلار زىمىستان قىش دېمەي، قۇملۇقلارنى كېزىپ، شەھەرلەرنى ئارىلاپ، شياڭگاڭ، گۇاڭجۇ، شاڭخەيدىن شىنجاڭغا، ئاندىن قازاقىستانغىچە بارغانىدى. ئۇلار ئەينەنلىكنى خاتىرىلەشنىڭ مەنىسى ۋە ئەھمىيىتىنى بايان قىلىۋاتاتتى.

قۇربانجان سەمەت مۇنداق دېدى: مەن شىنجاڭدىن چىقتىم، ئەمما مېنى شىنجاڭدىن باشلاپ چىققىنى دەل شىنجاڭغا بارغان ئىككىيلەن، ئۇلارنىڭ بىرى مېنىڭ ئاتاق دادام مېڭ شياۋچېڭ، يەنە بىرى ئاتاق ئانام لى شياۋدۇڭ، ئاتاق ئانام لى شياۋدۇڭ بۇ فىلىمدە ئىجرائىي باش رېژىسسورلۇقنى ئۈستىگە ئالدى.

ناۋادا تۇنجى سۈرەتلەر توپلىمىم ۋە تۇنجى ھۆججەتلىك فىلىمىم بولغان «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم»نى ئۆزۈم ئۈچۈن تاماملىغان بىر قېتىملىق ئىپادىلەش ۋە تىلەك دېسەك، ئۇنداقتا ئىككىنچىسى ھېسابلانغان بۇ «مەن شىنجاڭغا بارىمەن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى مەن ئاتاق ئانام ۋە دادامغا ھەدىيە قىلماقچىمەن، ناۋادا سىلەر شىنجاڭغا بارمىغان بولساڭلار، مەن بېيجىڭغا كېلەلمەيتتىم، ھەم ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگۈچىمۇ بولالمايتتىم.

مەن مۇشۇ پۇرسەتتە باشقا جايلاردىن شىنجاڭغا كەلگەن ھەر بىرەيلەنگە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەڭ ئاساسىي قاتلىمىدا ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشنى قوغداۋاتقان ھەر بىر كادىرغا، شىنجاڭغا بارغان ھەر بىر ئادەمگە رەھمەت ئېيتىمەن، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ، مەملىكىتىمىزنىڭ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدا تۇرۇپ شىنجاڭنى سۆيۈۋاتقان ھەر بىر شىنجاڭلىققا رەھمەت ئېيتىمەن.

دەل سىلەرنىڭ ئاشۇ بىغۇبار ئارزۇلىرىڭلار بولغاچ، ئارزۇغا ئىشەنچ باغلايدىغان جاسارىتىڭلار بولغاچ، بۈگۈنكى بۇ «مەن شىنجاڭغا بارىمەن» ناملىق يول بارلىققا كەلدى. سىلەرنىڭ جاسارىتىڭلار يەنە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن شىنجاڭلىققا ياردەم بەردى، ئۇلارنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى، ھېكايەڭلەرنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقىنىڭلارغا رەھمەت.

ئۇ يەنە شاڭخەي جياڭخەنگې مەدەنىيەت ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ 2018-يىل 6-ئايدىن باشلاپ «شىنجاڭچە پۇراق» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى پىلانلاشقا باشلىغانلىقىنى، خاتىرە كىنوسىنى تەڭ قەدەملىك ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ھەر ساھەنى كۆڭۈل بۆلۈشكە سەمىمىي تەكلىپ قىلدى.

قۇربانجان سەمەتنىڭ شەخسەن تەكلىپىگە بىنائەن، ئاساسىي ئىجادىيەت ئەترىتىدىكىلەر سەھنىگە چىقىپ، ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەش داۋامىدىكى ئۇششاق ھېكايىلەر ۋە ئۆزلىرىنىڭ «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق ئەسەردىن ئالغان تەسىراتلىرىنى تاماشىبىنلارغا سۆزلەپ بەردى.

پائالىيەت ئاخىرىدا، «مەن شىنجاڭغا بارىمەن» ناملىق MV قويۇلدى. ناخشىنى جۇڭگودىكى رەپ ناخشا مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ئورۇنلىغانىدى.

تۇنجى قويۇش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار فىلىمگە يۈكسەك ئالقىش بەردى ھەمدە بۇ قېتىملىق تۇنجى قويۇش مۇراسىمىنى تەشكىللەشكە قاتناشقان ئالىي مەكتەپلەردىن يۈزگە يېقىن پىدائىيغا قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى ۋە رەھمەت ئېيتتى!

شىنجاڭ بۇ يەرگە يىراق، ئەمما قەلبىمىزگە يېقىن!

 

 

 

 

 

 

w04.jpg
W020180508378162752020.jpg
W020180508372235550773.jpg
1122783520_1525413119224_title0h.jpg