”ياۋۇز كارتون“قاتارلىق 16 مىكروبىلوگ تاقالدى
0
2018-05-18 19:13:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل خۇدابەردى

شىنلاڭ شىركىتىنىڭ مىكروبىلوگ باشقۇرۇش بىلوگى تۈنۈگۈن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، قەھرىمانلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئوبرازىغا ھاقارات قىلىش، بىھۆرمەتلىك قىلىش ئۇچۇرلىرىنى مەركەزلىك تازىلاپ، بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ياۋۇز كارتون (暴走漫画)، قەبىھ ئىشلار (暴走大事件)، خۇاڭ جىگۇاڭنىڭ ئىدىش چېقىشى (黄继光砸缸)، ئىشخانىدىكى دۇڭ سۈنرۈي (办公室的董存瑞) قاتارلىق 16 مىكروبىلوگنى تاقىغانلىقى ۋە 39 تور نامىنى تىزىمدىن ئۆچۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

يېقىندا تاراتقۇلار ”ياۋۇز كارتون“ (暴走漫画) ناملىق ئۆز تاراتقۇنىڭ «بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر» (今日头条) قاتارلىق سۇپىلاردا دۇڭ سۈنرۈي، يې تىڭ قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان 58 سېكۇنتلۇق كىچىك ۋىدىيو ئېلان قىلىپ، تورداشلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى. «بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر» (今日头条) سۇپىسى پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئالاقىدار ۋىدېيولارنى ئۆچۈردى ۋە ”ياۋۇز كارتون“ (暴走漫画) نى چەكلىدى.

17-ماي، شىنلاڭ شىركىتىنىڭ مىكروبىلوگ باشقۇرۇش بىلوگى «”قەھرىمانلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداش قانۇنى“نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەھرىمانلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئوبرازىغا ھاقارەت قىلىش، بىھۆرمەتلىك قىلىش ئۇچۇرلىرىنى مەركەزلىك تازىلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: «قەھرىمانلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداش قانۇنى»، «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملاردىكى تەلەپكە ئاساسەن، كارخانىمىزنىڭ سۇبيېكتىپلىق مەسئۇلىيىتى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، توغرا يۆنىلىش ۋە يېتەكچىلىكنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەھرىمانلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ھاقارەت قىلىش، قەھرىمانلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلار ھەققىدە ئۆسەك سۆز تارقىتىش ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق قەھرىمانلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، سۈرىتى ۋە شان-شەرىپىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشقا چېتىشلىق سەلبىي ئۇچۇرلارنى مەركەزلىك تازىلىدۇق. بۇ جەرياندا ياۋۇز كارتون (暴走漫画)، قەبىھ ئىشلار (暴走大事件)، خۇاڭ جىگۇاڭنڭ ئىدىش چېقىشى (黄继光砸缸)، ئىشخانىدىكى دۇڭ سۈنرۈي (办公室的董存瑞) قاتارلىق 16 مىكروبىلوگنى تاقىدۇق ۋە 39 تور نامىنى تىزىمدىن ئۆچۈردۇق. بىز «قەھرىمانلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداش قانۇنى»دىكى تەلەپ بويىچە، سەلبىي ئۇچۇرلارنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز، كەڭ تورداشلارنىڭ سەلبىي ئۇچۇرلارنى پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

1122843346_1526469903000_title0h.jpg
123123.jpg
U020180512497194297709.jpg
W020180512498444277329.jpg