شىرئەلى سەلەينىڭ «ۋەتەن قوينىدا» ناملىق كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
0
2018-05-29 14:36:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل خدۇابەردى

(بۇ ماقالىنىڭ تەپسىلاتى ئىستانسىسىمىزنىڭ 28-، 30-ماي بېيجىڭ ئەتىگەن سائەت 8:00 دە ئاڭلىتىلىدىغان «تاڭ ساداسى» پىروگراممىسىدا بېرىلىدۇ، ۋاقتىدا ئاڭلىغايسىلەر)

جۇڭگو دوڭفاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ تالانتلىق ناخشىچىسى شىرئەلى سەلەينىڭ «ۋەتەن قوينىدا» نامىدىكى مۇزىكا كېچىلىكى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇڭگو دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسىنىڭ زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ كېچىلىك «مەن قۇملۇقتىن كەلدىم»، «قەلبىم چىن مۇھەببەتكە تولغان»، «مەن ئارمانلىرىم ئۈچۈن كېتىۋاتىمەن»، «مەن مۇھەببەت ئۈچۈن يارالغان» قاتارلىق تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، كېچىلىك شىرئەلىنىڭ «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل» ناملىق ناخشىنى ئورۇندىشى بىلەن تەڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە باشلاندى. شىرئەلى كېچىلىك بېشىدا، ئۆزى يازغان «شەيدا دەيدۇ»، «ھەمراھىڭ بولاي» قاتارلىق ناخشىلارنى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن قوش تىلدا ئورۇندىدى، ئۇ بۇ ناخشىلارنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يۈەنشياۋ بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى، «گۈزەل شىنجاڭ» سەنئەت كېچىلىكى قاتارلىق چوڭ سەھنىلەردە كۆپ قېتىم ئورۇنداپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشقا سازاۋەر بولۇشتىن باشقا، 2017-يىلى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كېچىلىكىدە، دۆلەت رەئىسىمىز شى جىنپىڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن. شىرئەلى سەلەي بۇ قېتىملىق كېچىلىكتە يەنە «چۈمبىلىڭنى قايرىۋەت»، «تويلار مۇبارەك» قاتارلىق شىنجاڭنىڭ مىللىيچە ئۇسلۇبتىكى ئەنئەنىۋى ناخشىلىرىنى گىتار ئارقىلىق ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ئورۇنداپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ قىزغىن، دوستانە ۋە مەردانە خاراكتېرىنى مەملىكەتنىڭ جاي-جايلىرىدىن پايتەختىمىز بېيجىڭغا جەم بولۇپ كېچىلىك كۆرۈۋاتقان ھەر مىللەت تاماشىبىنلىرىغا يارقىن ئىپادىلەپ بەردى.

بۇ كېچىلىككە يەنە جۇڭگوغا داڭلىق «ئاجىتەي» مۇزىكا ئانسامبىلىنىڭ موڭغۇل، زاڭزۇ، يىزۇ مىللىتىدىن تەركىب تاپقان ئۈچ ناخشىچىسى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن نومۇر ئورۇندىدى. ئادىلجان ئابلىز، شەپقەت شۆھرەت، ئىليار ئايۇپ، نۇرئېلىجان، ئەلفىنۇر پەرھات، پەرھات بىماش، خۈەي زىلۈن، نيۇ نيۇ، يۈەن دەي قاتارلىق ھەر مىللەت چولپانلار شىرئەلى سەلەينىڭ كېچىلىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا زور كۈچ قوشۇش بىلەن بىرگە، تاماشىبىنلارغا يۇقىرى بەدىئىي زوق ئاتا قىلدى.

شىرئەلى سەلەينىڭ كېچىلىكتىكى ئىپادىسىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇ بۇ قېتىملىق كېچىلىكىگە ناھايىتى ئەتراپلىق تەييارلىق قىلغان، بولۇپمۇ كېچىلىكىگە ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرالايدىغان نادىر ناخشىلارنى تاللاپ ئورۇنلاشتۇرغان. مەسىلەن، «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل»، «سەپدىشىمنى ئەسلەيمەن»، «تويلار مۇبارەك» قاتارلىق ناخشىلار ئۇزاق يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ گۈزەل، بىپايان مەنزىرىسىنى كىشىلەرگە ئەسلىتىدىغان يېقىشلىق ناخشىلارغا ئايلانغان. شىرئەلى بۇ قېتىم، ئۆزىنىڭ ھەر بىر نومۇرىدا شىنجاڭنىڭ ئىنتايىن گۈزەل، شاد-خۇراملىققا تولغان ماكان ئىكەنلىكى، بۇ يەردە ياشايدىغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىنتايىن مېھماندوست، كەڭ قورساق، ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. كېچىلىكنىڭ يەنە بىر يارقىن نۇقتىسى شۇكى، شىرئەلى ناخشىلارنى خەنزۇ تىلىدا ناھايىتى راۋان ئېيتتى، كىچىكىدىن ئۆز تىلىدا ئوقۇغان بىر ئاز سانلىق مىللەت ناخشىچىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ناخشىلارنى خەنزۇ تىلىدا شۇنچە ياخشى ئورۇنداپ، پايتەختتىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولالىشى ئۇنچە ئاسان ئەمەس، ئەلۋەتتە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا: «مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۈكسەك مەدەنىيەت ئىشەنچى بولمىسا، مەدەنىيەت گۈللىنىپ راۋاج تاپمىسا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت تەرەققىياتى يولىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، پۈتۈن جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش لازىم» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يىل پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشانلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان تۇنجى يىل، شۇنداقلا ئېلىمىزدە ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىغا 40 يىل بولغان مۇھىم يىل. مۇشۇنداق مۇھىم پەيتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، «ۋەتەن قوينىدا» نامىدىكى مۇزىكا كېچىلىكىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دېيىشكە بولىدۇ. كېچىلىك تېمىسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ كېچىلىك ئەڭ ئاۋۋال شىرئەلىنىڭ ئانا ۋەتىنى جۇڭگوغا بولغان چوڭقۇر مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشنى باش تېما قىلغان. ئۇنىڭ كېچىلىكتە ئورۇندىغان ناخشىلىرىدىمۇ قۇرۇلتاي روھى ۋە ئىسلاھات-ئىشىكىنى ئېچىۋېتىش ئېلىپ كەلگەن نەتىجىلەر يارقىن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «ۋەتەن قوينىدا» ناملىق ناخشىسىدا ۋەتەنگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببەت جانلىق ئىپادىلەنگەن.

ئىگىلىشىمچە، شىرئەلى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە ئىسپانچە، رۇسچە، ئىتالىيانچە، ئىنگلىزچە قاتارلىق دۇنياۋى تىللاردىكى ناخشىلارنىمۇ ناھايىتى ئازادىلىك ئىچىدە ئورۇندىيالايدىكەن. دۇتار، راۋاب، داپ، پىيانىنو، گارمون قاتارلىق چالغۇلارنىمۇ ياخشى چالالايدىكەن. ئۇ بۇ قېتىملىق كېچىلىكتىمۇ خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ئېيتىشتىن باشقا، ئىسپانچە ۋە باشقا چەت ئەل تىللىرىدىكى ناخشىلارنىمۇ ئېيتتى، بۇ شىرئەلىنىڭ سەنئەت جەھەتتە خەلقئارالىشىشقا يۈزلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ قېتىملىق كېچىلىكتە خەنزۇ، يىزۇ، موڭغۇل، زاڭزۇ قاتارلىق ھەر مىللەتتىن بولغان داڭلىق سەنئەتكارلارمۇ تۈرلۈك نومۇرلارنى ئورۇندىدى، دېمەك، بۇ كۆپ مىللەتلىك جۇڭخۇا ئائىلىسىدە مانا مۇشۇنداق كۆپ خىل مەدەنىيەت ئۆزئارا يۇغۇرۇلغاندا، كىشىلەردە تېخىمۇ ياخشى تەسىرات قالدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

شىرئەلىنىڭ كېچىلىكىنى جۇڭگو دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسىدا ئۆتكۈزۈشنى تاللىشىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، يەنى ئۇ كېچىلىكىنى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئىلىم دۇنياسى بىلەن سەنئەت دۇنياسىنىڭ بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھەر مىللەت ئاممىسىغا تېخىمۇ كونكرېت بىلدۈرمەكچى بولغان. ئەمەلىيەتتە، پايتەختتە تىياتىرخانىلار كۆپ، ئەمما دۆلەتلىك كۇتۇپخانىنىڭ زالىدا كېچىلىك ئۆتكۈزۈش، ھەرقانداق سەنئەتنىڭ ئىلىم بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، ئىلمىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ، دەۋر تېمىسىغا يېقىنلىشىش ئارقىلىق تېخىمۇ نۇرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بىز شىرئەلى سەلەينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سەنئەت ھاياتىغا تېخىمۇ زور ئۇتۇق ۋە شان-شەرەپلەرنىڭ يار بولۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

 

1122900840_1527556386189_title0h.jpg
W020180529380246073601.png
123123.jpg