مالايسىيا ھۆكۈمىتى MH370نى ئىزدەش نەتىجىسى ئېلان قىلماقچى
0
2018-05-31 18:31:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

مالايسىيا ئاۋىياتسىيە MH370 نومۇرلۇق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ يوقاپ كەتكىنىگە تۆت يىلدىن ئاشتى، 29-مايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، مالايسىيا ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ MH370 يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئىزدەش خىزمىتى 29-ماي ئاخىرلاشقان. مالايسىيا ھۆكۈمىتى تەپسىلىي ۋە ئېنىق بولغان ئىزدەش دوكلاتىنى ئېلان قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن، ئاۋسترالىيە يەنىلا بۇ ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلاننىڭ ھامان بىر كۈنى تېپىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاسىيا خەۋەرلەر قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مالايسىيا قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى لۇ ياۋفۇ 28-ماي، بۇ نۆۋەتلىك ئىزدەشكە مەسئۇل بولغان ئامېرىكا «چەكسىز دېڭىز» شىركىتى ھۆكۈمەتكە يېقىندا مۇكەممەل دوكلات تاپشۇرىدىغانلىقىنى، مەزكۇر دوكلات ئىچكى كابېنتقا تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، تەپسىلىي ۋە ئېنىق ھالەتتە ئېلان قىلىدىغانلىقىنى، ھېچقانداق مەزمۇننى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى ياكى يوشۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئىلگىرى نۇرغۇن ئايروپىلاننىڭ گۇمانلىق قالدۇقلىرىنى ئىزدەپ تاپقان ئامېرىكا سئاتېلدىكى ئادۋوكات جىبسون (Blaine Gibson) نىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئىزدەش جەريانىدا نۇرغۇن قېتىم ئىز قوغلاشقا، ئۆلۈم تەھدىتى ھەتتا يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىگە دۇچار بولۇپ، MH370 سىرىنىڭ يېشىلىشىنى توسۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

جىبسون

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جىبسون كۆپ يىللاردىن بۇيان MH370 يولۇچىلار ئايروپىلانى ھادىسىسىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ كەلگەن، ئىلگىرى 20 پارچىدىن ئارتۇق گۇمانلىق ئايروپىلان قالدۇقىنى تاپقان بولۇپ، جەمئىي ساننىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن، لېكىن ئۇ يەنىلا نەچچە يۈزلىگەن ئايروپىلان قالدۇقىنىڭ تېخى تېپىلمىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇ ئايروپىلان قالدۇقىنى ئىزدىگۈچىلەر ۋە ئالىملار بۇ ئايروپىلاننى تىرىشىپ ئىزدەۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن مالايسىيانىڭ ئىزدەشنى ئاخىرلاشتۇرىۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان، «بۇ نورمال ئەمەس، لېكىن مەن ھەرگىزمۇ سۇيىقەست نەزەرىيەچىسى ئەمەس.»

ئۇ يەنە ئاۋسترالىيە مۇخبىرلىرىغا، ئۇنىڭ ۋە باشقا پۇقرالارنىڭ ئايروپىلان قالدۇقىنى تېپىۋالغانلىقىغا خوش بولمايۋاتقان ئادەم بارلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتقان، يەنە ئۆزىنى ئىز قوغلاش ۋە ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مالايسىيانىڭ ماداگاسكاردا تۇرۇشلۇق پەخرىي كونسولى رازا (Zahid Raza)نىڭ ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا جىبسۇن تەمىنلىگەن ئىككى پارچە گۇمانلىق قالدۇقنى ئېلىشقا تەييارلانغاندا، غەلىتە ھالدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. باشقىلار مەزكۇر كونسۇلنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقانلىقى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قىياس قىلىشقان.

جىبسۇننىڭ دېيىشىچە، مالايسىيا ھۆكۈمىتىمۇ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئانچە كۆڭۈل بۆلمىگەن، ئۇ بايقىغان يولۇچىلارنىڭ شەخسىي بۇيۇملىرى دوكلاتىغىمۇ پىسەنت قىلمىغان، جىبسۇن يەرلىك ئىدارىلەر مۇكاپاتلىق قالدۇق يىغىشنى بالدۇرراق باشلىشى كېرەك، ئۇ بايقالمىغان قالدۇقلار بەلكىم تەكشۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان.

ئاۋىياتسىيە مۇتەخەسسىسى گېفرىي توماس

ئۇندىن سىرت، ئاۋىياتسىيە مۇتەخەسسىسى گېفرىي توماس (Geoffrey Thomas) مۇ، مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندى ئوكيان ئاراللىرىدىكى ئاھالىلەر توپلىغان يولۇچىلار ئايروپىلانى قالدۇقىغا ئانچە قىزىقمايۋاتىدۇ، قارىماققا ئايروپىلان قالدۇقىنى ئىزدەپ تېپىشنى خالىمايۋاتىدۇ دەپ قارىغان. ئۇ يەنە، ئاۋسترالېيە ھۆكۈمىتى داۋاملىق ياردەم بىلەن تەمىنلىشى كېرەك دەپ قارىغان.

بۇندىن بۇرۇنقى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، مالايسىيا ھۆكۈمىتى بۇ يىل 10-يانۋار كۇئالالامپۇردا ئامېرىكىدىكى «چەكسىز دېڭىز» شىركىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، MH370 يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئىزدەش خىزمىتىنى قايتا باشلىغان بولۇپ، مۇددىتى 90 كۈن بولغان. بۇ ئىزدەش ھەرىكىتى «نەتىجە بولمىسا، ھەق ئالماسلىق» ئاساسىغا قۇرۇلغان، يەنە بۇ شىركەت پەقەت ئايروپىلان قالدۇقى ياكى ئايروپىلان ئۇچۇرۇش خاتىرىلىگۈچىنى تاپالىسا ئاندىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 70 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىش ھەققىگە ئېرىشەلەيدۇ.

ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئايروپىلان قالدۇقىنى ئىزدەش ھەرىكىتى 2017-يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ۋاقىتلىق توختىتىلغان. 2018-يىلى 1-ئاينىڭ باشلىرىدىكى خەۋەردە، مالايسىيا يەرلىك ئورگانلىرى شەخسىيلەر ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ ئايروپىلان قالدۇقىنى ئىزدىشىگە يول قويغاندىن كېيىن، مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا «چەكسىز دېڭىز» ئىزدەش شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىشقا قوشۇلۇپ، ئىزدەش خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. يېقىندا، مالايسىيا ئىزدەش خىزمىتىنىڭ 29-ماي ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

2014-يىلى 8-مارت، مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسى MH370 يولۇچىلار ئايروپىلانى كۇئالالامپۇردىن بېيجىڭغا ئۇچۇش جەريانىدا ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان، ئايروپىلاندا 227 نەپەر يولۇچى ۋە 12 نەپەر ئايروپىلان خادىمى بار. ئارقىدىن نۇرغۇن دۆلەتلەر چوڭ كۆلەملىك ئىزدەپ قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان، لېكىن ھازىرغىچە يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئىز-دېرىكىنى بايقىيالمىغان.

 

1122914207_1527724997501_title0h.jpg
U020180531336317498669.jpg
W020180529380246073601.png
123123.jpg
1122907189_1527595115865_title0h.jpg