توردا پەسكەش مەزمۇن تارقاتقان «美拍» تەنقىدكە ئۇچرىدى
0
2018-06-05 18:16:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

يېقىندا، «美拍» يەنى «گۈزەل سۈرەتكە تارتىش» توردا قىسقا سىن ھۆججىتىنى بىۋاسىتە تارقىتىش سۇپىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە چېتىلغان پەسكەش، ناچار ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، تور مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن. دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى 1-ئىيۇن رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، تەۋەلىك رايونلۇق ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى بىلەن بىرلىكتە قانۇن، بەلگىلىمىلەر بويىچە «گۈزەل سۈرەتكە تارتىش»نىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، قاتتىق تەنقىد قىلغان، ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇق قىلغان.

بۇندىن بۇرۇن، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى «گۈزەل سۈرەتكە تارتىش» نىڭ بەلگىلىمىگە ئېغىر خىلاپ ئۇچۇرلارنى تارقىتىش مەسىلىسىگە قارىتا يېڭىلاش مۇلازىمىتىنى توختىتىش جازاسىنى بەرگەن.

دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ بايقىشىچە:

«گۈزەل سۈرەتكە تارتىش» تا تەرتىپكە سېلىش جايىدا بولمىغان، كارخانىنىڭ سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيەتچانلىقى كەمچىل بولۇپ، سىن ھۆججىتى مەزمۇنىنى باشقۇرۇشقا سەل قارىغان، ئىجتىمائىي جامائەت تەرتىپى ۋە جەمئىيەت پىكرىگە پىسەنت قىلماي، باشقىلارنى جەلپ قىلىپ، ئېقىم مىقدارىغا ئېرىشىش مەقسىتىدە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئوچۇق كىيىنىشى، جىنسىي بېشارەت قاتارلىق پەسكەش، ناچار ئۇچۇرلارنى داۋاملىق تارقىتىپ، جەمئىيەت ئەخلاقىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىدىن ئۆتۈپ، ئىجتىمائىي ئاساسىي ئېقىمنىڭ قىممەت قارىشىغا خىلاپلىق قىلىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن ۋە جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.

بۇنىڭغا قارىتا، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى «گۈزەل سۈرەتكە تارتىش» نى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىش ئېلىپ بېرىش، ساقلانغان قانۇن، بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ۋە پەسكەش، ناچار سىن ھۆججىتى مەزمۇنلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرۈش، رويخەتكە ئېلىنىشنى تەكشۈرۈش ۋە مەزمۇن تەكشۈرۈشنى قاتتىقلاشتۇرۇشنى بۇيرۇغان.

گۈزەل سۈرەتكە تارتىش 30 كۈن توختىتىلغان، گۈزەل سۈرەتنىڭ باش ئىجراچىسى كەچۈرۈم سورىغان

2-ئىيۇن، گۈزەل سۈرەت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى قوشۇمچە باش ئىجراچىسى ۋۇ شىنخوڭ خەت يېزىپ جامائەتتىن كەچۈرۈم سورىغان، شۇ كۈندىن باشلاپ، گۈزەل سۈرەتكە تارتىشتىكى قىزىق نۇقتا قانىلىدىكى مەزمۇنلارنى يېڭىلاشنى 30 كۈن توختىتىش، بىۋاسىتە تارقىتىش قانىلىدىكى مەزمۇنلارنى يېڭىلاشنى 15 كۈن توختىتىش، ئاندىرويىد ۋە IOS قوللىنىشچان دۇكىنىنى 30 كۈن توختىتىش، توردىن چۈشۈرۈش ۋە گۈزەل سۈرەت «مەكتەپ قوينى» قانىلىنى ئېتىۋېتىشنى ئاكتىپلىق بىلەن قارار قىلغان.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

2017-يىلى، جۇڭگو ئاۋازى «مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى خەۋەرلەر» پىروگراممىسىدا، ئىلگىرى تاراتقۇلارنىڭ گۈزەل سۈرەتكە تارتىش بىۋاسىتە تارقىتىش سۇپىسىدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىيىم سېلىش، بەدىنىنى ئېچىش بىۋاسىتە تارقىتىشى بارلىقىنى ئېيتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن.

2017-يىلى 1-دېكابىر، گۈزەل سۈرەتكە تارتىش جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېگەن، نۆۋەتتە تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىنىپ بولدى، سۇپىدا ھەقىقەتەن خاتالىق بار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىشىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئىي قىلىنىدۇ، نۆۋەتتە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىش ھوقۇقىنى باشقۇرۇش باسقۇچلار بويىچە قوزغىتىلغان بولۇپ، تېخنىكا ئارقىلىق باھالاش يۈرگۈزۈلىدۇ ھەمدە 9-دېكابىردىن باشلاپ، قۇرامىغا يەتمىگەن ئابونېت دەپ تىزىملىتىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىش ھوقۇقى ئېتىۋېتىلىدۇ. 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا، يەنە پۈتۈنلەي يېڭىچە ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملىتىش سىستېمىسى چىقىرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بارلىق بىۋاسىتە تارقىتىش مەزمۇنىنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، بىۋاسىتە تارقىتىش مەزمۇنلىرى تۈركۈمگە ئايرىلىپ قايتۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلىدۇ، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ سىن ھۆججەتلىرىنى پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

 

1122914207_1527724997501_title0h.jpg
U020180531336317498669.jpg
W020180529380246073601.png
123123.jpg