مۇخبىرىمىز شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى نەق مەيدانىدا
0
2018-06-07 09:57:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

مۇخبىرىمىز ئەنۋەر ئەركىننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاخبارات مەركىزىدىن بەرگەن نەق مەيدان خەۋىرى:

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 18-قېتىملىق يىغىنى 6-ئاينىڭ 9-، 10-كۈنى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2017-يىلى ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى ئەزالىققا قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئېچىلىدىغان تۇنجى باشلىقلار يىغىنى ھېسابلىنىدۇ.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2001-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭگونىڭ شاڭخەي شەھىرىدە قۇرۇلغان خەلقئارالىق تەشكىلات. بۇۇ تەشكىلات دەسلەپ قۇرۇلغاندا جۇڭگو، قازاقىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە،، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستاندىن ئىبارەت ئالتە دۆلەت بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى ئىدى. 2017-يىلى ھىندىستان بىلەن پاكىستان بۇ تەشكىلاتقا قوشۇلدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 17 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئۆزگىچە تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ، كەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك رايون تەشكىلاتىغا ئايلاندى.

جۇڭگو قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئىزچىل دىپلوماتىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتىكى يۆنىلىش قىلىپ، ئىدىيەدىن تارتىپ ھەرىكەتكىچە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئۆچمەس «جۇڭگو ئىزنالىرى»نى قالدۇردى.

نۆۋەتتە دۇنيانىڭ نەزىرى چىڭداۋغا تىكىلمەكتە، چىڭداۋمۇ ئۆزىنىڭ 40 يىللىق ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى نامايەن قىلماقتا.

چىڭداۋ جۇڭگونىڭ دېڭىز بويىدىكى تۇنجى تۈركۈمدە ئېچىۋېتىلگەن 14 شەھىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىگە تايىنىپ، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى»نىڭ «چىڭداۋ ئۇسلۇبى»نى بەرپا قىلىشتىن، ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقىچە، شىمالدىكى بۇ مۇھىم پورت شەھىرى جۇڭگونىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشى ھەمدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى بولۇپ قالدى.

جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا روھىي ئوزۇق بېغىشلاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. جۇڭگو ئىدىيەسى ھەمكارلىق، ئەمەلىي بولۇشقا كۈچەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشنى تەشەببۇس قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىدىيەۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى؛ كىشىلەر تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئورتاقلىق، ئۇنىۋېرساللىق، ھەمكارلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان بىخەتەرلىك قارىشى قاتارلىق ئىدىيەلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇھىم ئىدىيەۋى ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى.

بىز مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە چاستوتىسى، جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى ۋە ئۈندىدار سۇپىسىدا بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلاردىن سىلەردىن داۋاملىق خەۋەردار قىلىمىز.

 

1122948080_15282894399911n.jpg
1.jpg
U020180531336317498669.jpg