جىددىي ئەسكەرتىش! بۇ بەش خىل ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلىماڭ
0
2018-06-13 15:23:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

بۇ ئىككىلىك كود دەۋرى.

دۇكانلاردا نەرسە-كېرەك سېتىۋالغاندا، ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلايمىز؛ دوست قوشقاندا، ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلايمىز؛ پائالىيەتكە قاتنىشىپ ئەزالىققا تىزىملاتقاندا، ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلايمىز...

ئىككىلىك كود قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، تۇرمۇشىمىزغا خەۋپمۇ ئېلىپ كەلدى. پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىش، ئالدامچىلىق، ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاش...

ئاپتور كىشىلەر ئاسانلا ئالدىنىدىغان بەش خىل ئىككىلىك كودنى رەتلەپ چىققان، بىرلىكتە قاراپ باقايلى~~

تۇراقلىق ئىككىلىك كود ئاسانلا «ئالماشتۇرىۋېتىلىدۇ»

بىز يول بويىدىكى يايمىلاردا، كۆكتات سېتىش ئورۇنلىرى، دۇكانلاردا تامغا چاپلاپ قويۇلغان ئىككىلىك كود تۇراقلىق ئىككىلىك كودقا تەۋە بولىدۇ.

نۆۋەتتە، بىر قىسىم سودىگەرلەر (كىچىك سودىگەرلەر) تۇراقلىق ئىككىلىك كودنى پۇل يىغىش كودى قىلغان، لېكىن تۇراقلىق ئىككىلىك كود ئاسانلا ئالماشتۇرىۋېتىلىدۇ، ئەگەر قانۇنسىز جىنايى ئۇنسۇرلار ئالماشتۇرۇۋالغان ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ پۇل تۆلىگەندە، پۇلنى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارغا تۆلەپ، سودىگەرلەر پۇلنى تاپشۇرىۋالالمايدۇ.

پۇل يىغىش ئىككىلىك كودىدىن پايدىلىنىپ قاتناش جەرىمانە تالونى ياساش

بۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئاشكارىلىغان ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى. بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئاپتوموبىللارغا قانۇنسىز ئاپتوموبىل توختىغانلىق جەرىمانە تالونى چاپلاپ قويىدۇ، ھەمدە «سىكاننېرلاش ئارقىلىق ھەق تۆلەشكە بولىدۇ» دەپ يېزىلغان ئىككىلىك كودتىن بىرنى قويۇپ قويىدۇ، ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلىغاندا «قانۇنسىز قىلمىشنى بىر تەرەپ قىلىش، 200 يۈەن پۇل يۆتكەش، بېسىپ مۇقىملاشتۇرۇڭ» دەپ كۆرۈنىدۇ، بۇ بىر خىل ساختا جەرىمانە تالونى.

قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشنى ئازايتىش پىسخىكىسى ۋە بەزى ۋاقىتلاردىكى بىخەستەلىكىدىن پايدىلىنىپ، كۈندىلىك تۇرمۇش ئىستېمال، ئاممىۋى كەسىپلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇشى (سۇ، توك، تەبىئىي گاز ھەققى)، قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ جەرىمانىسىنى تۆلەش قاتارلىق قوللىنىشچان كۆرۈنۈشلەر ئاساسىدا، ساختا ھەق تاپشۇرۇش ئۇچۇرى ئۇقتۇرۇشى ياكى كۆرسەتمىسىنى ياساپ چىقىپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ساختا ئىككىلىك كودنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خېرىدارلارنى ساختا كودنى سىكاننېرلاشقا يېتەكلەپ ئالدامچىلىق قىلغان.

ياغاچ ئات ۋىرۇسى كىرگۈزۈپ، كود سىكاننېرلىغاندا كارتىلىرىنى ئالداپ سۈركەش ياكى ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاش

قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ياغاچ ئات ۋىرۇسىنى ئۆزلىرى شەكىللەندۈرگەن ئىككىلىك كودقا كىرگۈزىۋېتىدۇ، بۇ تۈردىكى ئىككىلىك كودنى سكاننېرلىغان ھامان، يانفون ۋىرۇسلىنىپ ياكى باشقىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ، ھېساباتتىكى پۇلنىڭ ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلىشى، شەخسىي سەزگۈر ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىشى قاتارلىق خەۋپلىك مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ. يېقىندىكى «جەسەت تازىلاش» ئالدامچىلىقى مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ.

ساختا تور بەت پۇل يىغىش ئىككىلىك كودىنى ئەۋەتىپ ئالدامچىلىق قىلىدۇ

توردا مال سېتىۋېلىش جەريانىدا، قانۇنسىز سودىگەرلەر ئىستېمالچىلارنىڭ پۇل تۆلەش ھالقىسىدا ئۇلارنى مال سېتىۋېلىش سۇپىسى نازارىتى سىرتىدىكى كود سىكاننېرلاش ئۇسۇلىدا پۇل تۆلەشكە ئالداش مەۋجۇت، ئىستېمالچىلار بۇ قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئەۋەتكەن پۇل يىغىش ئىككىلىك كودىنى سىكاننېرلاپ پۇل تۆلىگەندە، پۇل بىۋاسىتە قانۇنسىز سودىگەرلەرنىڭ ھېساباتىغا كىرىدۇ-دە، ئەسلىدىكى «مالنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن پۇل تۆلەشنى مۇقىملاشتۇرۇش» تەك سودا كاپالەت مېخانىزمى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ.
كىچىك سوۋغاتلىق بۇيۇملار قاتارلىق مۇكاپاتلار بىلەن ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ تىزىملىتىشقا ئالداش

قانۇنسىز ئۇنسۇرلار كىچىك مۇكاپاتلارنى سوۋغات قىلىش ئۇسۇلىدا، ئىستېمالچىلارنى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاشقا ھەمدە تىزىملىتىش بېتىدە ئۆزىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، يانفون نومۇرى، كىملىك نومۇرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈشكە ئالدايدۇ، بۇ ئارقىلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنى باشقىلارغا سېتىپ پايدىغا ئېرىشىدۇ.