ئەسكەرتىش! ئۈندىدار توپلىرىدىكى مۇنداق ئۇچۇرنى بېسىپ سالماڭ
0
2018-06-21 17:52:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

يېقىندا، دوستلار چەمبىرىكىڭىزدە مۇنداق بىر ئۇلىنىشنى كۆردىڭىزمۇ؟

دىققەت قىلىڭ! بۇ ئۇچۇرنى كۆرسىڭىز ھەرگىز ئاچماڭ! بۇ ساختا قىزىل بولاق. ئۇلانمىدىن بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن، ئىنتايىن پەسكەش قانۇنسىز ئېلان پەيدا بولىدۇ. شۇنداقلا، سىز ئېچىپ كىرگەن تەقدىردىمۇ، بىر پۇڭ پۇلغىمۇ ئېرىشەلمەيسىز، ئۇ پەقەت تورداشلارنى ئۈندىدار توپلىرىغا ئەۋەتىش، دوستلار چەمبىرىكىدە بەھرىمەن بولۇشقا ئالداش ئۈچۈندۇر. مۇخبىر بۇ ئۇلانمىنى ئۆزى ئېچىپ سىنىغان.

ئەڭ ئاۋۋال، مۇخبىر ئۇلانمىنى ئاچقاندا، بەت يۈزىدە دەرھال قىزىل بولاق تارتىش ئويۇنى كۆرۈنگەن. باسقاندىن كېيىن ئېكراننى ئىتتىك ئۈستىگە سۈرگەندە، ئاۋازلار بىلەن قىزىل بولاق ئۈزلۈكسىز ئېتىلىپ چىقىپ، سوممىسى ئۈزلۈكسىز قوشۇلغان. ۋاقىت خاتىرىلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۈستىدە ئىككى تاللاش كۆرسەتمىسى كۆرۈنگەن، بىرى «ئوينىمايمەن، دەرھال نەق پۇلغا ئالماشتۇرىمەن»، يەنە بىرى «يەنە ئىككى قېتىم ئويناشقا بولىدۇ، داۋاملىق ئوينايمەن.»

مۇخبىر يەنە ئىككى قېتىم ئوينىغاندىن كېيىن 95.04 يۈەن قىزىل بولاققا ئېرىشكەن، «نەق پۇلغا ئالماشتۇرۇش»نى تاللىغاندىن كېيىن، «توپتا بەھىرلىگەندىن كېيىنلا ئېلىشقا بولىدۇ» دېگەن كۆرسەتمە كۆرۈنگەن.

مۇخبىر ئۇلانمىنى بىر توپتا بەھىرلىگەندىن كېيىن، «سىز پەقەت ئوخشىمىغان ئىككى توپتا بەھىرلىسىڭىز نەق پۇلنى ئالالايسىز» دېگەن يەنە بىر كۆرسەتمە چىققان.

مۇخبىر ئۇلانمىنى يەنە ئىككى توپقا يوللاپ بەھىرلىگەندىن كېيىن، يەنە كۆرسەتمە چىقىپ، دوستلار چەمبىرىكىدە بەھىرلەش تەلەپ قىلىنغان، ھەقىقەتەن ئاچكۆزلارچە ھالقىسىمان ئالدامچىلىق!

تۆۋەندىكى باسقۇچلاردا ئالدامچىلىق چوڭقۇر يوشۇرۇنغان، كۆپچىلىك تەپسىلىي كۆرۈڭلار!

مۇخبىر دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغاندىن كېيىن «بەھىرلەش مەغلۇپ بولدى» دېگەن ئەسكەرتىشنى تاپشۇرۇۋېلىپ، قايتا بەھىرلەش تەلەپ قىلىنغان. ئىككىنچى قېتىم بەھىرلەشتە، مەشغۇلات ئىتتىك بولۇپ، كېيىن بەھىرلەنگەن مەزمۇن ئاللىقاچان ئالماشتۇرىۋېتىلگەن، ئىنتايىن پەسكەش كىچىك ئېلانغا ئۆزگىرىپ قالغان. شۇنداقلا ئۇنىڭ كۆرسەتمىسىدە «قىزىل بولاق ئەڭ كېچىككەندە 24 سائەت ئىچىدە ھېساباتىڭىزغا ئۇرۇلىدۇ، قىزىل بولاق ھېساباتىڭىزغا كىرگەنگە قەدەر دوستلار چەمبىرىكىڭىزدە مەزكۇر ئۇلانمىنى ساقلاڭ» دېيىلگەن.

ئەگەر تورداشلار بۇ ئۇچۇرنى ئۈندىداردا 24 سائەت ساقلاپ، ئۈندىداردىكى بۇ ئۇچۇرنى تەكشۈرۈپمۇ باقمىسا، ئۇنداقتا بۇ پەسكەش ئېلانلار بەھىرلەنگۈچىنىڭ «ياخشى قىياپىتى»نى ۋەيران قىلىدۇ، ئاخىرىدا، ئەلۋەتتە قىزىل بولاققىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئەسلىدىنلا بىر ئالدامچىلىق بولۇپ، پەقەت سىزنى ئالداپ مەزمۇننى بەھىرلەندۈرۈشتۇر.

ئىزدەش ئارقىلىق، بۇ تۈردىكى ئالدامچىلىق ئۇلانمىلىرىنىڭ كۆپ خىل نۇسخىلىرىنىڭ بارلىقى بايقالغان بولۇپ، تەكشۈرۈشتىن قېچىپ، نۇرغۇن ئۆزگەرتىلگەن. گەرچە نۇسخىلىرى ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن ئالدامچىلىق يولى ئوخشاش، پەقەت پاي چېكى بازارغا سېلىنغان بانكا نامى بىلەن پۇل تارقاتقۇچىنىڭ ئىسمىنى ئالماشتۇرغان، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ بانكىلار مەۋجۇت ئەمەس.

ساقچىلار ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: ئىنتېرنېت تورىدا راست-يالغانلىقىنى ئايرىش قىيىن بولغان ئورەكلەر ئىنتايىن كۆپ، كۆپچىلىك ئايرىيالمىغاندا، ھەرگىزمۇ قىزىقىش ياكى مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن سىناپ باقماسلىقى ۋە تارقاتماسلىقى كېرەك. ئومۇمەن، ئاسماندىن پايدا چۈشمەيدۇ، بۇ دۇنيانىڭ توزاقلىرى كۆپ.

 

W020180621364969631457.jpg
1123011978_1529496520495_title0h.jpg
W020180619371876265519.jpg
U020180620355870862462.jpg