رادىيو خاتىرە ئەدەبىياتى «لياڭجياخې» 2-قىسىم --- مەززىلىك ئاچا سەي
0
2018-07-02 18:28:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ لياڭجياخېدىكى زىيالىي ياشلىق ھاياتىنى بايان قىلىپ، خەلق داھىيسىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى ئىزدەپ، لياڭجياخېنىڭ نەچچە ئون يىللىق ئالەمشۇمۇل غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى خاتىرىلەپ، غەلبەسېرى ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتايلى.
مەركىزىي رادىيو-تېلېۋېزىيە باش ئىستانسىسى داغدۇغىلىق تەييارلىغان 12 قىسىملىق خاتىرە ئەدەبىياتى «لياڭجياخې»نىڭ 2-قىسمى

مەززىلىك ئاچا سەي

شىمالىي كەڭلىك ˚36.8، شىمالىي شەنشى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكىدە، لياڭجياخې دەيدىغان كىچىككىنە بىر كەنت بار، بۇ ھېكمەتكە تويۇنغان جاي.

1969-يىلى، 15 ياشقا كىرگەن شى جىنپىڭ يېزىغا چۈشكەندە لياڭجياخېدا زىيالى ياش بولۇپ، يەتتە يىللىق ياشلىق باھارىنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزگەن. شى جىنپىڭ مۇنداق دېگەن ئىدى: «15 يېشىمدا سېرىق توپىلىق ئېگىزلىككە كەلگەندە، گاڭگىراپ قالغان ئىدىم؛ 22 يېشىمدا بۇ يەردىن ئايرىلغاندا مەن پۇختا ھاياتلىق نىشانى تۇرغۇزۇپ، ئىشەنچكە تولغان ئىدىم». شى جىنپىڭ لياڭجياخېدىن ئايرىلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، تۆت قېتىم لياڭجياخې كەنتىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، سېغىنىش ھىسسىياتىنى ئىپادىلىدى، ئۆزىمۇ شىمالىي شەنشىگە بېرىپ يۇرتداشلارنى يوقلىدى.

2015-يىلى 13-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ يەنئەن شەھىرى يەنچۇەن ناھىيەسى ۋېنئەنيى بازىرى لياڭجياخې كەنتىدىكى ئاھالىلەرنى يوقلىدى، ھەم كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇپ بېيىش ئىشلىرىنى ئەمەلىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

شى جىنپىڭ لياڭجياخېنى ئەزەلدىن ئېسىدىن چىقارمىدى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ھاياتىمدا تۇنجى بولۇپ ئۆگەنگەنلىرىم لياڭجياخېدا. لياڭجياخېغا سەل قارىماڭ، بۇ بىر ھېكمەتكە تويۇنغان جاي.

ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتمىغاندا ئاندىن نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ. مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى «لياڭجياخې» ناملىق 12 قىسىملىق رادىيو خاتىرە ئەدەبىياتىنى تەييارلاپ، شى جىنپىڭنىڭ لياڭجياخېدىكى «تۇنجى ھاياتلىق قەدىمى»نى ئاۋاز ئارقىلىق ئەسلىدى، بۇ خاتىرە ئەدەبىياتى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ چاستوتىمىزدا ئاڭلىتىلىدۇ.

«لياڭجياخې»

شەنشى خەلق نەشرىياتىدا نەشىر قىلىنغان «لياڭجياخې» ناملىق خاتىرە ئەدەبىياتىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ لياڭجياخېدىكى يەتتە يىللىق زىيالى ياشلىق ھاياتى ۋە چوڭقۇر تەسىراتلىرى خاتىرىلەنگەن.

خاتىرە ئەدەبىياتى «لياڭجياخې»نى كۆرگىلى بولۇپلا قالماستىن، ئاڭلىغىلىمۇ بولىدىغان بولدى!

مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى «لياڭجياخې» ناملىق 12 قىسىملىق خاتىرە ئەدەبىياتىنى تەييارلىدى. «ئاۋازلىق نۇسخىدىكى <لياڭجياخې>» 1-ئىيۇلدىن باشلاپ دىققىتىڭلارغا سۇنىلىدۇ.

123123.jpg
a01.webp.jpg
123123123.jpg
d07.jpg