رادىيو خاتىرە ئەدەبىياتى «لياڭجياخې» 3-قىسىم --- قېچىپ چىقىش
0
2018-07-04 18:04:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

شىمالىي كەڭلىك ˚36.8، شىمالىي شەنشى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكىدە، لياڭجياخې دەيدىغان كىچىككىنە بىر كەنت بار، بۇ ھېكمەتكە تويۇنغان جاي.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ لياڭجياخېدىكى زىيالىي ياشلىق ھاياتىنى بايان قىلىپ، خەلق داھىيسىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى ئىزدەپ، لياڭجياخېنىڭ نەچچە ئون يىللىق ئالەمشۇمۇل غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى خاتىرىلەپ، غەلبەسېرى ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتايلى.

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋېزىيە باش ئىستانسىسى داغدۇغىلىق تەييارلىغان 12 قىسىملىق خاتىرە ئەدەبىياتى «لياڭجياخې»نىڭ 3-قىسمى

قېچىپ چىقىش

1968-يىلى 22-دېكابىر، رەئىس ماۋ زېدۇڭ «زىيالىي ياشلار يېزىغا بېرىپ، نامرات ئوتتۇرا دېھقانلاردىن قايتا تەربىيە ئېلىشى كېرەك، بۇ ئىنتايىن زۆرۈر» دەپ چاقىرىق چىقاردى. بۇ چاقىرىق چىقىرىلىشى بىلەنلا، مەملىكەت بويىچە 17 مىليون ياش ئوقۇغۇچى، يەنى تەخمىنەن ئوندىن بىر شەھەر نوپۇسى چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، شەھەرلەردىن يېزىلارغا بېرىپ، مەڭگۈ ئۇنتۇلماس كىشىلىك ھايات مۇساپىسىنى باشلىدى.

ياش شى جىنپىڭمۇ بۇ ھەيۋەتلىك قوشۇننىڭ بىر ئەزاسى بولدى، پەللىسى بېيجىڭ، مەنزىلى ئىنقىلابنىڭ مۇقەددەس جايى يەنئەن ئىدى.

بىراق، شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭدىن ئايرىلىشى «قېچىپ قۇتۇلۇش»قا تېخىمۇ ئوخشايتتى.

1962-يىلىدىن تارتىپ، گۆدەك شى جىنپىڭ دادىسى شى جۇڭشۈننىڭ ناھەق دېلوسىغا چېتىلىپ قالغانلىقتىن كەمسىتىلدى، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا ئائىلىسى ئاختۇرۇلدى، ئۇ ئانىسىغا ئەگىشىپ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىگە بېرىپ تۇردى.

شى جىنپىڭ «مەن سېرىق توپىلىقنىڭ ئوغلى» دېگەن ئەسىرىدە، «مەندە جاھىل، بوزەك قىلىنىشقا چىداپ تۇرالمايدىغان مىجەز بولغاچقا، ئىسيانچىلارنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇپ، قارا گۇرۇھنىڭ ئائىلە تەۋەسى سۈپىتىدە تارتىپ چىقىرىلدىم، شۇ چاغدا، مەن 15 ياشقىمۇ كىرمىگەن ئىدىم، ئۇلار سېنى يۈز قېتىم ئاتساقمۇ ئازلىق قىلىدۇ دېدى، مەن يۈز قېتىم بىلەن بىر قېتىمنىڭ نېمە پەرقى بار، يۈز قېتىم بولغاندىن كېيىن نېمىدىن قورقاتتىم دەپ ئويلىدىم» دەپ يازدى.

شى جىنپىڭ قاماپ قويۇلمىدى. ئۇ ساقچىخانىغا تۇتۇپ ئاپىرىلدى، يەنە ساقچىخانىدىن قايتۇرۇپ كېلىنىپ، ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇپ تەربىيەلەش ئورنىغا ئاپىرىلدى. ئەمما ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇپ تەربىيەلەش ئورنىدا ياتىدىغان ئورۇن توشۇپ كەتكەچكە، بىر ئايدىن كېيىن ئاندىن نۆۋەت كېلەتتى. شى جىنپىڭ يېزىغا چۈشۈشكە تىزىملاتتى.

1972-يىلىدىكى شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ كېيىن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار بىر قاراپلا مېنىڭ يەنئەنگە بارماقچى بولغانلىقىمنى ئاڭلاپ، مېنى ئۇ يەرگە پالىغان بولىدىكەنمىز دەپ قاراپ، بېرىشىمغا يول قويدى».

ئۇ يەنئەننى تاللىدى، ئۇ يەر دادىسى ئەينى يىللىرى ئىنقىلاب قىلغان جاي ئىدى.

شى جىنپىڭ (ئوڭ) بىلەن دادىسى

1969-يىلى 13-يانۋار، بېيجىڭ ۋوگزالى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى. ئۇزاتقىلى كەلگەنلەر، تەرتىپ ساقلايدىغان ساقچىلار، ۋوگزالنىڭ خىزمەتچىلىرى. كەيپىيات غەمكىنلىك بىلەن تولغان ئىدى. 16 ياشقا توشمىغان شى جىنپىڭ يەنئەنگە بارىدىغان «زىيالىي ياشلار مەخسۇس پويىزى»غا چىقتى. پويىز قوزغىلىدىغان چاغدا، پويىزنىڭ ئىچى، تېشىدىكى نۇرغۇن ئادەم ئىختىيارسىز يىغلاپ تاشلىدى.

كېيىن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، شى جىنپىڭ ئەينى چاغدىكى مەنزىرىنى مۇنداق تەسۋىرلىدى: «يەنئەنگە بارىدىغان مەخسۇس پويىزغا چىققان ئەھۋال مېنىڭ ئېنىق ئېسىمدە، ئۇ 1969-يىلى 1-ئاي ئىدى، ھەممەيلەن يىغلاپ كەتتى، پۈتكۈل پويىزدا يىغلىمىغان ئادەم قالمىدى، پەقەت مەنلا كۈلدۈم، ئەينى چاغدا پويىزنىڭ تۈۋىدىكى تۇغقانلىرىم سەن نېمىشقا كۈلىسەن دېدى، مەن ماڭالمىسام ئاندىن يىغلايتتىم، مەن كەتمىسەم، بۇ يەردە ھايات قالامدىم-قالمامدىم بىلەيمەن، مېنىڭ كەتكىنىم ياخشى ئىش ئەمەسمۇ، سىلەر نېمىشقا يىغلايسىلەر دېدىم، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار يىغىدىن توختاپ كۈلۈۋەتتى.»

1969-يىلى بېيجىڭ ۋوگزالى، زىيالىي ياشلار شىمالىي شەنشىگە بېرىپ يېزىغا چۈشۈشكە ئاتلاندى

«زىيالىي ياشلار پويىزى» جەنۇبقا قاراپ خېنەنگە بېرىپ، يەنە لۇڭخەي لىنىيەسىنى بويلاپ غەربكە قاراپ مېڭىپ، شىئەنگە بارغاندىن كېيىن، شىمالغا بۇرۇلاتتى، بۇ لىنىيە خەنزۇچە غايەت زور «几» خېتىنى ھاسىل قىلاتتى، ئاخىرىدا توڭچۈەنگە يېتىپ باراتتى. بۇ-پويىز يېتىپ بارالايدىغان يەنئەنگە ئەڭ يېقىن جاي ئىدى، چۈنكى، ئۇ چاغدا يەنئەنگە تېخىمۇ تۆمۈريول تۇتاشمىغان ئىدى.

توڭچۈەندە ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، زىيالىي ياشلار ئۇلارنى ئالغىلى كەلگەن يۈك ماشىنىلىرى بىلەن يەنئەنگە قاراپ يول ئالدى. ماشىنىدىكى ياشلار ناھايىتى ھاياجانلانغان ئىدى، تاغ يولىدا، يۈك ماشىنىلىرى ئۇزۇن رەتكە تىزىلغان بولۇپ، كەينىدىن سېرىق توپا كۆتۈرۈلەتتى.

شىمالىي شەنشىنىڭ قىش كۈنلىرىدە تۇتىشىپ كەتكەن تاغ چوققىلىرىنى بىر قەۋەت مۇزدەك سوغۇق كۈلرەڭ قاپلاپ كېتەتتى، يول بويلىرىدا گۈزەل مەنزىرىلەر بەك ئاز ئىدى. ئۆرلەپ تۇرغان سېرىق توپا كىشىلەرگە بۇ تاغ چوققىلىرىنىڭ نەقەدەر ئېچىرقاپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى، شۇنىسى شۈبھىسىزكى، ناھايىتى ئۇزۇندىن بېرى قار ياغمىغان ئىدى.

توختىماي سىلكىنىپ ماڭىدىغان سەپەر، سىلكىنىش جەريانىدا كۈلكە ئاۋازلىرى جاراڭلاپ تۇراتتى.

يەنئەنگە بارغانسېرى ئاز قالغاندا، ماشىنىدىكى زىيالىي ياشلار يەنە بىر قېتىم روھلاندى. ئۇلارنىڭ قەلبىدە، يەنئەن-ئىنقىلابنىڭ مۇقەددەس جايى ئىدى، ئۇزۇن سەپەر ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىنقىلابنىڭ مەركىزى جەنۇبتىن شىمالغا يۆتكەلگەن، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى يەنە يەنئەندىن يولغا چىقىپ، بىر يېڭى جۇڭگونى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى.

لېكىن ناھايىتى تېزلا، بۇ خىل روھلۇق كەيپىياتنىڭ ئورنىنى ئۈمىدسىزلىك قاپلىدى.

يەنئەنگە يېتىپ بارغاندا، قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغان، ھەممە ئادەمنىڭ ئۈستى-بېشىنى توپا بېسىپ، توپا ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. يۈك ماشىنىلىرى يەنئەن سىفەن مەكتىپىدە توختىدى، بۇ يەر ئۇلارنىڭ ۋاقىتلىق ئۆتىڭى ئىدى. ھېرىپ كەتكەن زىيالىي ياشلار سىنىپلاردىكى ئۈستەللەرنى قاتار تىزىپ ئورۇن راسلاپلا ئۇيقۇغا كەتتى.

بىر نەچچە زىيالىي ياش يەنئەنگە بەك قىزىققاچقا، تۇيدۇرماي سىرتقا چىقىپ يەنئەننى ئايلاندى. يەنئەن شەھىرى بەك كىچىك ئىدى، ئۇلار يېرىم سائەتتىلا ئايلىنىپ بولدى، يەنئەندىكى ئەڭ ئېگىز بىنا شىنخۇا كىتابخانىسى بولۇپ، ئىككى قەۋەتلا ئىدى. پۈتكۈل يەنئەن قاپقاراڭغۇ ئىدى، پەقەت ئۇزۇن يوللۇق ماشىنا بېكىتىنىڭ ئالدىدىلا بىر يول چىرىغى يېنىپ تۇراتتى، سوغۇق شامال ھوشقۇيتىپ چىقىپ، چىراغ نۇرى يالت-يۇلت قىلىپ كۆرۈنەتتى.

«ئەسلىدە مانا بۇ يەنئەن ئىكەندە!»

بۇ پېشقەدەملەر ئېيتقان يەنئەنمۇ؟ بۇ ئىنقىلابنىڭ مۇقەددەس جايى يەنئەنمۇ؟

ماتېرىيال سۈرەت: يەنئەن تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى

بېيجىڭدىكى چاغدا يەنئەنگە بولغان گۈزەل تەسەۋۋۇرلار رېئاللىق تەرىپىدىن بىتچىت قىلىندى، بىر نەچچەيلەننىڭ چىرايى ئۈمىدسىزلىككە تولدى.

15-يانۋار، ئۇلار يەنە يولغا چىقتى. تاغ يولى يەنىلا ئەگرى-بۈگرى، يەنىلا توپا ئۆرلەپ تۇراتتى، پەقەت يۈك ماشىنىلىرىنىڭ ئۇزۇن ئۆچىرىتى بارغانسېرى قىسقىراشقا باشلىدى، ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت بىر نەچچىلا ماشىنا ئېشىپ قالدى. ماشىنىدىكىلەرنىڭ ئاچچىقى كېلىشكە باشلىدى، بىر زىيالىي ياش ۋارقىراپ تۇرۇپ شوپۇردىن يولدىن ئېزىپ قالدىڭىزمۇ-نېمە دەپ سورىدى.

شى جىنپىڭ يولبويى گەپ قىلمىدى. ئۇ بارىدىغان جايىنىڭ قانداقلىقى، ئۇ يەردە ئۆزىنى نېمىلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.

16-يانۋار، شى جىنپىڭلار يەنچۈەن ناھىيەسى ۋېنئەنيى گۇڭشىسىغا يېتىپ باردى. گۇڭشى ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن «ماۋجۇشى ئۈزۈندىلىرى»، بىردىن ئاق لۆڭگە تارقىتىپ بەردى، ئارقىدىن، ئۇلار يۇلتۇزلارغا ئوخشاش ۋېنئەنيىنىڭ ھەر قايسى ئىشلەپچىقىرىش ئەترەتلىرىگە تارقالدى.

1969-يىلى، يەنئەن ناھىيەسىدە ماۋ جۇشى ئەسەرلىرىنى جانلىق ئۆگىنىپ جانلىق ئىشلەتكەن ئاكتىپ ياشلار دەپ باھالانغان بېيجىڭلىق زىيالىي ياشلار باۋتاشەن تېغى ئېتىكىگە يىغىلدى.

ئۇلاردىن كېيىن، يەنە ئوخشاش پويىز، ئوخشاش لىنىيەدە يەنە زور بىر تۈركۈم زىيالىي ياشلار يەنئەنگە كەلدى. 1969-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە، جەمئىي تۆت تۈركۈمدە تەخمىنەن 28 مىڭ بېيجىڭلىق زىيالىي ياش يەنئەنگە بېرىپ يېزىلارغا چۈشتى.

شى جىنپىڭ قاتارلىق 15 زىيالىي ياش لياڭجياخېغا تەقسىم قىلىندى. شى جىنپىڭنىڭ يېشى بۇ زىيالىي ياشلار ئىچىدە ئەك كىچىك ئىدى. ئەينى چاغدىكى لياڭجياخې چوڭ ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لياڭ يۈمىڭ ئەسلەپ، «شى جىنپىڭ بىر قوڭۇر چامادان ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئىچىگە لىق كىتاب قاچىلانغان ئىدى» دېدى.

1993-يىلى، شى جىنپىڭ شەنشى ئۆلكىسى يەنچۇەن ناھىيەسى ۋېنئەنيى گۇڭشېسى لياڭجياخې چوڭ ئەترىتىدىكى يۇرتداشلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلار بىلەن خاتىرە سۈرەت چۈشتى

لياڭ يۈمىڭ «شۇ كۈنى زىيالىي ياشلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى توشۇغاندا، كەنتتىكى بىر زېرەك ياش قارىماققا كىچىكرەك كۆرۈنىدىغان بىر قوڭۇر چاماداننى كۆتۈرگەن بولسىمۇ، نەتىجىدە باشقىلارنىڭ كەينىدە قالدى، دەم ئالغان چاغدا، ئۇ باشقىلار كۆتۈرگەن چوڭ چاماداننى قولىدا دەڭسەپ بېقىپ، ئاندىن ئۆزى كۆتۈرگەن چامادانچىلىك ئېغىر ئەمەسلىكىنى بايقىدى، ئۇ بۇ بېيجىڭلىق زىيالىي ياش ئالتۇن-كۈمۈش ئېلىپ كەلدىمۇ نېمە دەپ غودۇرىدى، لياڭجياخېغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئاندىن شى جىنپىڭنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىككى چامادان ئېلىپ كەلگەنلىكى، قوڭۇر چاماداندىن باشقا، يەنە بىر چاماداننىڭ بارلىقى، ئۇنىڭغىمۇ لىق كىتاب قاچىلانغانلىقىنى بايقىدى» دېدى.

شى جىنپىڭنى ئالىي مەكتەپكە ئۇزاتقاندا، لياڭجياخېدىكى كەنت ئاھالىلىرى شى جىنپىڭ بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. (شى جىنپىڭ ئالدىنقى رەت ئوتتۇرىدا)

ئاقپىشماق، ئورۇق، ئېگىز شى جىنپىڭ كىشىلەرگە ئەڭ دەسلەپتە ئەنە شۇنداق تەسىر بەرگەن ئىدى.

 

123123.jpg
a01.webp.jpg
123123123.jpg
d07.jpg