رادىيو خاتىرە ئەدەبىياتى «لياڭجياخې» 4-قىسىم --- بېيجىڭلىق يىگىت، يېزىلىق بالا
0
2018-07-04 18:13:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

شىمالىي كەڭلىك ˚36.8، شىمالىي شەنشى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكىدە، لياڭجياخې دەيدىغان كىچىككىنە بىر كەنت بار، بۇ ھېكمەتكە تويۇنغان جاي.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ لياڭجياخېدىكى زىيالىي ياشلىق ھاياتىنى بايان قىلىپ، خەلق داھىيسىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى ئىزدەپ، لياڭجياخېنىڭ نەچچە ئون يىللىق ئالەمشۇمۇل غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى خاتىرىلەپ، غەلبەسېرى ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتايلى.

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋېزىيە باش ئىستانسىسى داغدۇغىلىق تەييارلىغان 12 قىسىملىق خاتىرە ئەدەبىياتى «لياڭجياخې»نىڭ 4-قىسمى

بېيجىڭلىق يىگىت، يېزىلىق بالا

شى جىنپىڭ باشقا ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالغانغا ئوخشاش، بېيجىڭلىق يىگىت بىلەن يېزىلىق بالىنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىشكە تىرىشتى، بۇ بىر خىل ئۆزگىرىشتىن دېرەك بېرەتتى.

شى جىنپىڭ بۇرۇن ئەمگەك قىلغان جاي

شى جىنپىڭغا نىسبەتەن، لياڭجياخېدا ئەڭ چىدىغىلى بولمايدىغان، كىشىنى ئەڭ بىزار قىلىدىغىنى بۈرگە. شى جىنپىڭنىڭ تېرىسىنىڭ سېزىمچانلىقى بەك كۈچلۈك بولغاچقا، بۈرگە چاققان يەرنى تاتىلىسىلا قىزىرىپ ئىششىپ كېتەتتى، قانچە تاتىلىغانسېرى شۇنچە قىچىشاتتى. شى چۈنياڭ ئەينى يىلى شى جىنپىڭ بىلەن ئەمگەك قىلغاندا، ئۇنىڭ پاچىقىدىكى بۈرگە چاققان جاراھەتلەرنى كۆرگەن، ئۇنىڭ پاچىقىنىڭ ھەممىلا يېرى دېگۈدەك قىزىل ئىششىق ئىدى، بەزىلىرى ئەمدىلا قەقەش بولغان، بەزىلىرىدىن قان چىقىپ تۇراتتى.

شى جىنپىڭ بۈرگىگە تاقابىل تۇرىدىغان ھەر خىل ئاماللارنى ئىزدەپ باقتى. كاڭغا 66 پاراشوكى چېچىپ باقتى، ئىشىكتىن كىرگەندە كىيىملىرىنى قېقىپ باقتى، بەزىدە قايناقسۇغا باستى، ئىككى يىلدىن كېيىن بۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ كەتتى، بۈرگە قانچە چاقسىمۇ، تاتلىق ئۇخلىيالايدىغان بولدى.

ھاجەتخانىغا كىرىشىمۇ تەسكە توختىدى، يېزىدىكى ھاجەتخانا ئىنتايىن ئاددىي، گەمىنىڭ تېشىدىكى بىر بۇلۇڭغا ئورا كولاپ، تۆت ئەتراپىنى تاش بىلەن توساپ قويسىلا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەم مەينەت ھەم سېسىق، قىشتا شامال ئۆتۈشۈپ توڭلاپ ئولتۇرغىلىمۇ بولمايدۇ، يازدا چىۋىن، پاشا بىلەن تولۇپ كېتىدۇ، پۇراققا زادى چىدىغىلى بولمايدۇ، ھاجەتخانىغا كىرىش بىر ئازابلىق ئىش. شۇ ۋاقىتتا لياڭجياخېدا تەڭ زىيالىي ياش بولغان دەي مىڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: كېيىن بىز تېز سۈرئەتتە ھاجەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈردۇق.

يېزىدا يۇيۇنۇش شارائىتى يوق، ھاۋا سوغۇق كۈنلەردە، كۆپچىلىك سۇنى ئازراق ئىسسىتىپ لۆڭگە بىلەن بەدىنىنى سۈرتەتتى، ھاۋا ئىسسىغان كۈنلەردە ئېرىقتا يۇيۇناتتى، كالتا ئىشتان كىيىۋالساقمۇ، يۇرتداشلار بىزنى يالىڭاچ يۈردى دەپ مازاق قىلاتتى، كېيىن ئۇنداق قىلمايدىغان بولدۇق.

چىش چوتكىلاشمۇ بىر ئىش بولدى. يۇرتداشلار چىش چوتكىلاشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى، سەھەردە بىز چىش چوتكىلىساق يۇرتداشلار بىزنى «ئەتىگەندىلا ئاغزىدىن ئاق كۆپۈك ئۆرلەپتۇ» دەيتتى.

شې ۋىنيىڭنىڭ نەزىرىدە، شى جىنپىڭ ئىچ مىجەز، كىتابلا ئوقۇيدىغان يىگىت ئىدى. شې ۋىنيىڭ بېيجىڭ 57-ئوتتۇرا مەكتىپىدىن كەلگەن، ۋىنئەنيى گۇڭشېسى گاۋجاپىڭ چوڭ ئەترىتىدە زىيالىي ياش بولغان، شى جىنپىڭ دائىم ۋىنئەنيىگە بېرىپ دوستىنى ئىزدەيتى. دەي مىڭ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭ ئەزەلدىن قاخشىمايتتى، دەردىنى تۆكمەيتتى، ناھايىتى قەيسەر ئىدى. يۇرتداشلارنىڭ نەزىرىدە، شى جىنپىڭنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭ، مۇلايىم، گەپ قىلىشلىرى ناھايىتى سىلىق، ناھايىتى ئەمەلىي ئىدى.

لياڭجياخېدىكى كونا گەمە

شى جىنپىڭدا باشقىلاردا ئارىلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغان شەھەر پۇرىقى يوق.

لياڭجياخېدا «لىنۋا» ئىسىملىك بىر بالا بار بولۇپ، بۇ ئاساسىي قۇرۇلۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋۇ يۈخۇانىڭ ئوغلى ئىدى. لىنۋانىڭ ئەقلى سەل ئاجىز ئىدى، گەپ-سۆزلەرنى ئوڭلاپ دېيەلمەيتتى، ئىش تېرىپلا يۈرەتتى، لېكىن جاپاغا چىدايتتى. كەنتتىكىلەر دائىم ئۇنىڭدىن خۇشاللىق ئىزدەيتتى. بەزىدە لىنۋا باشقىلارنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويسا تاياق يەيتى. ئۇنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ، باشقىلار بىلەن پات-پات تاكاللىشىپ كېتەتتى.

زىيالىي ياشلار ئاساسىي قۇرۇلۇش ئەترىتىگە تەۋە بولغاندىن كېيىن، ۋۇ يۈخۇا بىلەن ئايالى بەك جىددىيلىشىپ كەتتى. زىيالىي ياشلارنىڭ ھەممىسى بېيجىڭدىن كەلگەن، لىنۋا بىرەر ئىش چىقىرىپ قويسا قانداق بولىدۇ. ئۇلار لىنۋانىڭ زىيالىي ياشلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلاتتى، ئەمگەك ۋاقتىدا، ئانىسى ئۇنى يېنىدا ئېلىپ يۈرەتتى، بىراق ئۇ دائىم قېچىپ كېتەتتى.

شى جىنپىڭ بىلەن باشقا زىيالىي ياشلارنىڭ ھەممىسى تاماكا چېكەتتى، ئارام ۋاقتىدا بىر تالدىن چېكىشكەچ پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى. بەزىدە شى جىنپىڭ ئوراپ تەييار قىلىپ قويغان تاماكىنى لىنۋا بۇلاپ كېتەتتى، ئاندىن تاشلىۋېتەتتى. بۇنداق ئىش ئۇدا يۈز بەردى، لېكىن ھېچكىم شى جىنپىڭنىڭ ئاچچىقلانغانلىقىنى كۆرمىدى. يۇرتداشلارنىڭ ھەممىسى بۇنى بىلگەچكە، «شى جىنپىڭ گاڭگۇڭكەن» دېيىشتى.

1993-يىلى، شى جىنپىڭ لياڭجياخېغا قايتىپ يۇرتداشلارنى يوقلىغاندا، لىنۋانى مەخسۇس سورىدى. شى جىنپىڭ لىنۋانىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن قازا قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ساناتورىيەگە كىرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، دەرھال 500 يۈەن چىقىرىپ، ۋۇ خۈينىڭ لىنۋاغا بېرىپ قويۇشىنى تاپىلىدى.

شەھەر پۇرىقى يوق شى جىنپىڭ كەنتتىكى ياشلار بىلەن تېزلا چىقىشىپ كەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئايىغىنى قىيىنچىلىقى بار بۇرادەرلىرىگە بەردى، بەزىدە ساتىراش بولۇپ، كەنتتىكى ياشلارنىڭ چېچىنى ياساپ قويدى، بەزىدە سۈ ئۈزۈش تىرېنېرى بولۇپ، «ئىتچىلاپ»لا سۇ ئۈزۈشنى بىلىدىغانلارغا پاقىچىلاپ سۇ ئۈزۈشنى ئۆگەتتى. لياڭجياخېدىكى زىيالىي ياش ۋاڭ شيەنپىڭ، گۇڭشېنىڭ ئەزالىرىدىن شى چۈنياڭ، ۋۇ خۈي، جاڭ ۋىيپاڭلار گەرچە شى جىنپىڭنىڭ دادىسىنىڭ ئاتالمىش خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلسىمۇ ئۇنىڭ دوستى، بۇرادىرىگە ئايلاندى.

شى جىنپىڭنى ئالىي مەكتەپكە ئۇزاتقاندا، لياڭجياخېدىكى كەنت ئاھالىلىرى شى جىنپىڭ بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. (شى جىنپىڭ ئالدىنقى رەت ئوتتۇرىدا)

 

شى جىنپىڭ بىلەن بولغان ئالاقە بۇ بۇرادەرلەرنىڭ كىشىلىك تاللىشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. شى جىنپىڭ بىلەن چوڭقۇر ئارىلاشقان ۋۇ خۈي كېيىن بىر ئوقۇتقۇچى بولدى؛ شى چۈنياڭ شى جىنپىڭ لياڭجياخېدىن ئايرىلغاندا، شى جىنپىڭنىڭ ئورنىغا لياڭجياخې چوڭ ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولدى.

لياڭجياخې بىرىنچى ئەترىتىدە زىيالىي ياش بولغان بېيجىڭلىق ۋاڭ سۈييۈ شى جىنپىڭغا مۇنداق باھا بەردى: شى جىنپىڭنىڭ نەزىرىدە يۇقىرى-تۆۋەن تەبىقە يوق، ئۇ ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئىشنى قىلمايدۇ، باشقىلارغا ئىللىقلىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ گەپ قىلاتتى. بۇ ئاسان ئىش ئەمەس!

يۇرتداشلار بېيجىڭلىق بۇ يىگىتنى چىن كۆڭلىدىن قوبۇل قىلدى، شى جىنپىڭ يۇرتداشلارنىڭ سىرت بىلەن ئالاقە قىلىدىغان يولىغا، سىرتنى كۆرىدىغان كۆزىگە ئايلاندى.

 

123123.jpg
a01.webp.jpg
123123123.jpg
d07.jpg