كادىرلار: ئاق-قارىنى ئايرىمايلا ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىمىسىكەن
0
2018-07-09 19:19:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل خۇدابەردى

 

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسى «كادىرلارنى يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرگە يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، خاتالىقنى ئەپۇ قىلىش-تۈزىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلارنىڭ ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدىكى سەۋەنلىك-خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئالىدىغان كادىرلارغا ھەقىقىي تېرەك بولۇش ۋە ئىلھام بېرىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى خاتالىقنى ئەپۇ قىلىش-تۈزىتىش مېخانىزمنى دەل جايىدا، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.

خىزمەتنى ئىشلىدىم، جاۋابكارلىقنى كۆتۈرۈۋېتىشتە ”تىرىشىشقا توغرا كەلدى“

 

”ناۋادا مەندىن قانۇن جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرسە، 60 ياشقا توشۇپ پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن چوقۇم يۇقىرىغا ئەرز قىلىمەن!“ بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن ليۇ چېڭچۈن جياڭسۇ ئۆلكىسى خۇەيئەن شەھىرى جىنخۇ ناھىيەسى چېنچياۋ بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولۇپ، يىللاردىن بىرى بازارنىڭ كەنت خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ كەلگەنىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ جازالىنىش كەچمىشلىرىنى تىلغا ئېلىپ ھەسرەتلىنىپ كەتتى.

ئۇ ناھىيەنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىلىرىنى بەرپا قىلىش پىلانىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، 2011-يىلى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ مالىيە تارمىقىغا يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكى تۈرىنى پائال ئىلتىماس قىلغان ھەمدە 2 مىليون يۈەنلىك مالىيە تولۇقلىما ياردىمى مەبلىغىنى ئۇتۇقلۇق تەستىقلاتقان. تۈر تەستىقلانغاندىن كېيىن، يەرلىكتە ئالاقىدار تېرىقچىلىق تەجرىبىسىگە ئىگە دېھقان ئائىلىلىرى بولمىغاچقا، بازار ياردەملىشىپ يولغا قويۇش، بۇ ئىشقا ليۇ چېڭچۈن باشلامچى بولۇپ سىرتتىن خېرىدار چاقىرىشنى قارار قىلغان. سىرتتىن تېرىقچىلىق تەجرىبىسىگە ئىگە ئىككى ئادەم خېرىدارلىققا تاللانغان.

2017-يىل 4-ئايدا، جىنخۇ ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسى مەزكۇر تۈرنى يەرلىك كوپراتىپ يولغا قويمىغان، باشلامچى بولغۇچىمۇ كوپراتىپىنىڭ ئەزاسى ئەمەس، خىزمەت ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش جىنايىتىگە چېتىلىدۇ دەپ قاراپ، دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.

ليۇ چېڭچۈن مۇنداق دەيدۇ: ”ئەينى چاغدا كاللامدىن زادى ئۆتمىدى، بۇ بازارلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت مېنى ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان ئىش ئىدى. مەن ئالاقىدار رەھبەرلەرنى ئىزدەپ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلدىم. رەھبەرلەر ماڭا، پۇل ئالمىغان، ئۇرۇق-تۇغقان، يېقىنلىرىڭنىڭ كۈمىچىگە چوغ تارتمىغانلا بولساڭ، ساڭا مەسئۇل بولىمىز، دېدى“. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تۈرنى باشقۇرۇشقا ئۇ مەسئۇل بولغانلىقى ئۈچۈن، جىنخۇۇ  ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنى مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش ئوبيېكتى دەپ قارىغانلىقتىن، ئۇ ”دەككە-دۈككىدە قالغان“.

كېيىن چېنچياۋ بازىرى تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن پىكىرلىشىش ئارقىلىق، ليۇ چېڭچۈننىڭ قىلمىشىنى خىزمەتتە خاتالىق ئۆتكۈزۈشكە ياتىدۇ دەپ قاراشقا ئېنىق بىر ھۆججەت ئاساسى يوق دەپ قاراپ، بۇ ئىشنى خۇەيئەن شەھرىگە دوكلات قىلىپ، ئاخىرىدا ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى چىقارغان. كېيىن، جىنخۇ ناھىيەسى خاتالىقنى ئەپۇ قىلىش-تۈزىتىش مېخانىزمىغا ئاساسەن جازانى تۆۋەنلىتىپ، ليۇ چېڭچۈنگە پەقەت پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسىنىلا بەرگەن.

”مەن بۇ ئىش ئورنىدا تۇرغان بولغاندىكىن، جاۋابكار بولۇشقا تېگىشلىك ئىشقا جاۋابكار بولۇشۇم كېرەك“ دەيدۇ ليۇ چېڭچۈن يېرىم ئايلىق سۆھبەت مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا. خىزمەتنى ئىشلىمىسە چۇقۇم چاتاق چىقىدۇ، قىلغان خىزمەت كۆپ بولسا، بۇ خۇددى پىيالىگە لىقلاپ چاي قۇيغاندەكلا بىر ئىش، بەزىدە تېشىپ كەتمەيدۇ دېگىلىمۇ بولمايدۇ، ”بۇنىڭدا خاتالىقنى ئەپۇ قىلىش-تۈزىتىش مېخانىزمىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سەۋەبنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئاق-قارىنى سۈرۈشتۈرمەيلا جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈپ، ۋەزىپىدىن توختاتسا، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىشلەش ئاكتىپچانلىقىغا زەربە بېرىپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.“ 

بەلگىلىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا يولۇققاندا ئىككى تەرەپتىن قىينىلىش

 

جياڭسۇدىكى بىر ئاساسىي قاتلام تەشكىلات خىزمىتى كادىرى مۇنداق قارىغان، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئىش قىلغاندا، ئىش ئۈنۈمى بولۇش بىلەنلا قالماي، يەنە تەرتىپكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك، يەنە ھەر قايسى تەرەپلەرنى رازى قىلىشى كېرەك، بەزىدە بۇ ناھايىتى قىيىن.

بۇ تەشكىلات كادىرى يېرىم ئايلىق سۆھبەت مۇخبىرىغا مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: جياڭسۇنىڭ شىمالىدىكى مەلۇم بىر ناھىيەدە، بىر قىسىم ئامما شەخسىي سالاھىيەت، تەمىنات مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئەھۋالنى دەرىجىمۇ دەرىجە يۇقىرىغا ئىنكاس قىلغان. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەت تەلىپىگە ئاساسەن، ناھىيە ئىچىدە ناۋادا ئۇلارنىڭ ئەرز-تەلىپى قاندۇرۇلسا بۇ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن. ئۇلار ئەھۋالنى شەھەرگە ئىنكاس قىلغاندىمۇ، سىياسەت بەلگىلمىسى تۈپەيلى ئىلگىرىلەش بولمىغان. كېيىن ئۇلار ئەھۋالنى ئۆلكىگە ئىنكاس قىلغان، ئۆلكە ناھىيە ئىچىدە مەسىلىنى ھەل قىلىۋېتىش شەرتلىكىنى تەلەپ قىلغان. شۇنداق قىلىپ، ناھىيە ئىككى تەرەپتىن قىينالغان: ناۋادا بۇ بىر توپنىڭ ئەرز-تەلىپىنى قاندۇرسا بۇ سىياسەتتىن ھالقىپ كەتكەنلىك بولىدىكەن، ھەل قىلمىسا خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىق بولىدىكەن. 

بۇ تەشكىلات كادىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاساسىي قاتلامدا، سىياسەتتىن سىرت، بەزىدە ھېسسىيات قاتارلىق باشقا ئامىللارغا تايانغاندا ئاندىن خىزمەتنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىر نۇرغۇنلىغان يۆلەش تۈرلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش يەرلىكتە يانداش مەبلەغ بولۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن، ئەمما بەزى جايلاردا يانداش مەبلەغگە ئەسلا پۇل يوق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەننەرخنى سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن، ”شۇڭا بەزى جايلار ئىشنىڭڭ  كۆپ بولغىنىدىن ئاز بولغىنى ياخشى دەپ قىلمايلا تاشلاپ قويىدۇ“. 

 

يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈشتە، خاتالىقنى ئىلمىي ئەپۇ قىلىش مۇھىم ھالقا

نۇرغۇنلىغان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى مۇنداق دېيىشكەن، كۈندىلىك خىزمەتتە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى ئويلىساق، ئەنئەنىۋى كۆزقاراشقا ياكى ”بەلگىلىگەنگەن لۇشيەن“گە ئوخشىمايدىغان بەزىبىر يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلىرىنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭدا ئاز دېگەندە مۇنداق ئىككى مەسىلىنى دەڭسەپ كۆرۈش كېرەك، يەنى بىرسى تېخىمۇ چوڭ جاۋابكارلىق خەتىرىگە تەۋەككۈل قىلىش، يەنە بىرى تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە زېھىن تەننەرخىنى سەرپ قىلىش. 

گۇاڭدۇڭدىكى مەلۇم بىر كەنتتە خىزمەتتە تۇرۇۋاتقان بىر بىرىنچى شۇجى ھازىر ئىش قىلىش ئۈچۈن بىرىنچىدىن مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش بولۇشى، ئىككىنچىدىن تۈزۈم جەھەتتىن قوللاش بولۇشى كېرەك، دېگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلار خاتالىقنى ئەپۇ قىلىش-تۈزىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، كادىرلارنى دادىل يېڭىلىق يارىتىش، سىناپ كۆرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش جەھەتتە پائال ئىزدەنگەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا، قايسى خاتالىقلارنى ئەپۇ قىلىشقا بولىدۇ، قانداق ئەپۇ قىلىش كېرەك، ئەپۇ قىلىش بىلەن تۈزىتىشنى قانداق ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش كېرەك، بۇ مەزكۇر خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتا، ھەم قىيىن نۇقتا. بۇ قېتىم مەركەزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرىدە، خاتالىقنى ئەپۇ قىلىش-تۈزىتىش مېخامىزنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتىن مەخسۇس تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ مەركەزنىڭ تۈزۈم قاتلىمىدىن ئوتتۇرىغا قويغان تۇنجى بەلگىلىمىسى.

ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، بۇ قېتىم مەركەز مەخسۇس پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنى خىزمەتتە تېخىمۇ دادىللىققا ئىگە قىلدى، دېيىشكەن. ئۇلار يەنە، كادىرلارنىڭ ئىشلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپچانلىقىنى ئۇرغۇتۇشتا، خاتالىقنى ئەپۇ قىلىش-تۈزىتىش مېخانىزمىنى دەل جايىغا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، خاتالىقنى ئەپۇ قىلىش-تۈزىتىشكە دائىر تىپىك مېساللارغا قارىتا، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ھەممەيلەنگە يەتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلام رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئاساسلىنىدىغان ”دەلىل“گە، ئەڭ مۇھىمى ئاساسلىنىدىغان ”مىسال“غا ئىگە قىلىش، ئىدىيەۋى ئەندىشىدىن خالاس قىلىش كېرەك دەپ تەكلىپ بەرگەن. مەركەز روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئادەمنى تاللاش ۋە ئىشلىتىشتە، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا، ئىلگىرىلەش ئېڭىغا ئىگە كادىرلارغا مايىللىشىش، تەرەققىياتنى دادىل ئالغا سىلجىتىپ قالتىس تۆھپىلەرنى يارىتىدىغان كادىرلارغا مايىللىشىش مۇھىم.

 

 

1123080181_1530713006841_title0h.jpg
1123091005_1530909678909_title0h.jpg
123123123.jpg