بىلىپ-بىلمەي قارا كۈچلەرنىڭ شايكىسىغا ئايلىنىپ قالماڭ!
0
2018-07-12 09:31:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل خۇدابەردى

مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش-يېتەكلەش گۇرۇپپىلىرى جايلارغا ئاتلاندى 

6-ئاينىڭ 24-كۈنى، بېيجىڭدا مەملىكەتلىك قارا-رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش مەخسۇس كۈرىشى بويىچە نازارەت قىلىش-يېتەكلەش خىزمىتى تەربىيەلەش سىنىپى ئېچىلدى. بۇ تەربىيەلەش سىنىپىغا 10 نازارەت قىلىش-يېتەكلەش گۇرۇپپىسىنىڭ 335 ئەزاسى قاتناشتى.

مەركەز نازارەت قىلىش-يېتەكلەش گۇرۇپپىسىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك نازارەت قىلىش-يېتەكلەش خىزمىتى تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇلدى:

مەركەزنىڭ 10 نازارەت قىلىش-يېتەكلەش گۇرۇپپىسى قۇرۇلىدۇ، بۇ گۇرۇپپىلار مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ، نازارەت قىلىش-يېتەكلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

خادىم تەركىبى جەھەتتە، نازارەت قىلىش-يېتەكلەش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبەر، مۇئاۋىن باشلىقلىقىنى مەملىكەتلىك قارا-رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلاردىن مۇئاۋىن ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىر ئۈستىگە ئالىدۇ، ئەزالىرى جەمئىي 335 ئادەم، ئالاقىدار ئورۇنلاردىن تاللىنىدۇ.

ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرمىسى جەھەتتە، نازارەت قىلىش-يېتەكلەش خىزمىتى 2018-يىل 7-ئايدا باشلىنىدۇ، جەمئىي ئۈچ نۆۋەت تەشكىللىنىدۇ، ھەر نۆۋەتتە 10 ئۆپچۆرىسىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە قانات يايدۇرۇلىدۇ، نازارەت قىلىش-يېتەكلەش گۇرۇپپىسىنىڭ تۇرۇش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن 1 ئاي بولىدۇ. 2019-يىل ئاخىرىغا قەدەر، نازارەت قىلىش-يېتەكلەش خىزمىتى بىلەن تولۇق قاپلىتىش ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ ھەمدە مۇۋاپىق ۋاقىتتا ”خىزمەتكە نەزەر“ پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ.

يولغا قويۇش باسقۇچى جەھەتتە، بۇ يىل خېبېي، شەنشى، لياۋنىڭ، فۇجيەن، شەندۇڭ، خېنەن، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭ، سىچۈەن قاتارلىق 10 ئۆلكە ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە بىرىنچى نۆۋەتلىك نازارەت قىلىش-يېتەكلەش قانات يايدۇرۇلىدۇ.

6-ئاينىڭ 20-كۈنى، مەملىكەتلىك قارا-رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يىغىن چاقىرغانىدى. يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، مەملىكەتلىك قارا-رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن يېشىن رىياسەتچىلىك قىلىپ ۋە سۆز قىلىپ، ئاممىنىڭ تەقەززاسىغا قارا-رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش كۈرىشىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «قارا-رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى. 12 تۈرلۈك قارا كۈچلەر ۋە 25 تۈرلۈك شايكىلارغا نۇقتىلىق زەربە بېرىلىدۇ. 

قارا-رەزىل كۈچلەرنى ئۇچراتسىڭىز، باتۇرلۇق بىلەن پاش قىلىڭ! 

”قارا كۈچلەر“ دېگەن نېمە؟ ”رەزىل كۈچلەر“ دېگەن نېمە؟ بۇ سوئالغا تۆۋەندىكى ھەجۋىي رەسىملەر جاۋاب بولالايدۇ.

1. سىياسىي بىخەتەرلىككە، بولۇپمۇ تۈزۈم بىخەتەرلىكى، ھاكىمىيەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان، شۇنىڭدەك سىياسىي ساھەگە سىڭىپ كىرگەن قارا-رەزىل كۈچلەر. 

2. ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنى قولىغا كىرگۈزۈۋالغان، ئاساسىي قاتلامنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىنى ئاسترىتتىن باشقۇرغان ۋە بۇزغان، يېزا بايلىقىنى مونوپول قىلىۋالغان، كوللېكتىپ مۈلكىنى يۇتۇۋالغان قارا-رەزىل كۈچلەر. 

 

3. جەمەت كۈچى، دىنىي كۈچلەردىن پايدىلىنىپ، يېزا-كەنتلەردە ئۆكتەم، مۇشتۇمزور بولۇۋالغان، پۇقرالارنى بوزەك قىلغان ۋە زىيانلاندۇرغان ”كەنت مۇشتۇمزورى“ قاتارلىق قارا-رەزىل كۈچلەر. 

4. يەر ئېلىش، يەر ئىجارىگە ئېلىش، چېقىش-كۆچۈرۈش، قۇرۇلۇش تۈرى قاتارلىقلاردا چاتاق تېرىشقا كۈشكۈرتكەن قارا-رەزىل كۈچلەر. 

5. ئىمارەت قۇرۇلۇشى، قاتناش تىرانسپورتى، كان-قېزىلما بايلىقى، بېلىقچىلىق قاتارلىق كەسىپ، ساھەلەردە، قۇرۇلۇشنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالغان، يامان غەرەزدە خېرىدارلىققا چىققان، يەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان، قالايمىقان ئاچقان-قازغان قارا-رەزىل كۈچلەر. 

6. سودا بازارلىرى، توپ تارقىتىش بازارلىرى، بېكەت-پىرىستان، ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىق جايلاردا، بازارنى مۇشتۇمزورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالغان، سېتىش ياكى سېتىۋېلىشقا زورلىغان، قوغداش ھەققى ئالغان بازار زومىگىرى، كەسىپ زومىگىرى قاتارلىق قارا-رەزىل كۈچلەر. 

7. ”شەھۋانىلىق، قىمار، زەھەر“ تىجارىتىنى باشقۇرۇش، قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىش بىلەن شۇغۇللانغان قارا-رەزىل كۈچلەر. 

8. قانۇنسىز يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بەرگەن، زورلۇق بىلەن قەرز سۈيلىگەن قارا-رەزىل كۈچلەر. 

9. خەلق ئىچىدىكى تالاش-تارتىشلارغا قول تىقىپ، ”يەر ئاستى قانۇن ئىجراچىلىرى“ بولۇۋالغان قارا-رەزىل كۈچلەر. 

10. تورلاردا چاپارمەن تەشكىللەپ ۋە ياللاپ، تەھدىت سېلىش، قورقۇتۇش، ھاقارەتلەش، دەخلى قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان قارا-رەزىل كۈچلەر. 

11. چېگرا سىرتىدىكى قارا جەمئىيەتلەرنىڭ سىڭىپ كىرگەن، كۆپەيگەن كۈچلىرى ۋە دۆلەت، چېگرا ھالقىغان قارا-رەزىل كۈچلەر. 

12. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قارا-رەزىل كۈچلەرنىڭ ”كۈنلۈك“لىرى قەتئىي تارتىپ چىقىرىلىدۇ. 

ئۇزاقتىن بۇيان، قارا-رەزىل كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىك قىلىۋاتقىنى يالغۇز بىر نەچچە شەخس بولۇپلا قالماي، بەلكى پۈتكۈل جەمئىيەت ئەزالىرى بولۇپ كەلدى. ئۇلار ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە جەمئىيەتنىڭ مۇقىم تەرتىپى ۋە تىنچ مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ھەتتا ئاممىنىڭ قەلبىگە ساقايتىش قىيىن روھىي جاراھەت سالدى. رەزىل-قارا كۈچلەرنىڭ ئاممىغا سالغان تەھدىتلىرى ۋە پاراكەندىچىلىكىنى تازىلاش نۆۋەتتىكى تەخىرسىز ۋەزىپە. رەزىل-قارا كۈچلەرگە قەتئىي پوزىتسىيە تۇتۇپ، كەسكىن زەربە بېرىش شەرت.

مەركەز قارا-رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش كۈرىشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش قەتئىي قارارىغا كەلدى. شۇڭا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىزنى بايقاپ كۆرۈڭ، ھەر بىر ئىشتا ئەتراپلىق ئويلىنىڭ، بىخەستەلىك قىلىپ قارا-رەزىل كۈچلەرنىڭ شايكىسىغا ئايلىنىپ قالماڭ. 

1. مەسىلەن، سىز بىر ئىشچى، مەلۇم بىر شىركەتتە ئىشلەيسىز، بەختكە قارشى سىزنىڭ بۇ شىركەتتىكى خوجايىنىڭىز ئىسمى-جىسمىغا لايىق بىر قارا كاتتىباش... بۇ زومىگەر سىزنىڭ ئىش ھەققىڭىزنى كەينىگە سۆرىدى، شۇنىڭ بىلەن سىز دەرغەزەپ بولۇپ ئىش ھەققىڭىزنى كەينىگە تارتقان بۇ ئادەمنى دۇمبالىدىڭىز، بۇ چاغدا سىز قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. ياكى سىز ئىش ھەققىڭىزنى كەينىگە تارتقان بۇ ئادەمنى بىر ئۆيگە قامىۋېلىپ، پۇل بېرىشكە قىستىدىڭىز، سىزنىڭ بۇ قىلمىشىڭىزدىن قانۇنسىز قاماش جىنايىتى شەكىللىنىشى مۇمكىن!

ياكى سىز خىزمەت قىلىۋاتقان چېغىڭىزدا، ئىش ھەققىڭىزنى كەينىگە تارتقان بۇ ئادەمنىڭ غۇيۇلداپ كېتىۋاتقان ماشىنىلىرىنى كۆرۈپ، ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ ئىش ھەققىنى ئويلاپ، دىلىڭىز ئازار يېدى-دە، ئۇنىڭ ماشىنىلىرىنى چاقتىڭىز، بۇ چاغدا سىزنىڭ قىلمىشىڭىزدىن ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىشى مۇمكىن.

2. مەسىلەن، سىز بىر خىزمەتچى، ئەمما سىزنىڭ ئىشلەۋاتقان يېرىڭىز بىر قىمار مەيدانى، بۇ قىمار مەيدانىنىڭ خوجايىنى بىر قارا كاتتىباش. سىز ھەركۈنى قىمارۋازلارنى توشۇيسىز، ئۇلارغا چاي قويىسىز، سالاھىيىتىنى تەكشۈرىسىز، قارت تارقىتىسىز... ھەتتا مەخسۇس بىرسىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ بېرىسىز، ئېرىشىدىغان ئىش ھەققىڭىز ناھايىتى كۆپ. ئۇنداقتا سىزنىڭ بۇ قىلمىشىڭىز قىمارخانا ئېچىش ياكى قىمار ئويناش جىنايىتىگە چېتىلىشى مۇمكىن.

3. مەسىلەن، سىز باشقىلار بىلەن بىللە تىجارەت قىلدىڭىز، ئويلىمىغان يەردىن، سىزنىڭ ھەمكارلاشقۇچىڭىز بىر قارا كاتتىباش. سىز ئىشلەپچىقىرىش ياكى تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئالاقىدار ئىجازەتنامىلەرنى ئالمىدىڭىز ھەم قانۇندا ئېنىق مەنئى قىلىنغان ئالاقىدار ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، بازار تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدىڭىز. بۇ چاغدا، سىزنىڭ قىلمىشىڭىزدىن قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىشى مۇمكىن.

4. مەسىلەن، سىز ئۈندىداردا بىر توپ قۇردىڭىز، قىزىق بولىدىكەن دەپ ئويلاپ، بىر قارا كاتتىۋېشىغا ياردەم بېرىش يۈزىسىدىن توپ ئىچىدە بىر شەھۋانىي كۆرۈنۈشنى يوللىدىڭىز، سىزنىڭ بۇ قىلمىشىڭىزدىن شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقىتىش جىنايىتى شەكىللىنىشى مۇمكىن. كېيىن توپتىكى ئادەم كۆپىيىپ، قارا كاتتىباشنىڭ گېپىگە بويسۇنىدىغان سىز توپ ئىچىدە ئەزالىق ھەققى ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويدىڭىز، سىزنىڭ بۇ قىلمىشىڭىزدىن شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقىتىپ پايدىغا ئېرىشىش جىنايىتى شەكىللىنىشى مۇمكىن. كېيىنچە، قارا كاتتىباش يەنە سىزنى پارتلىتىش، ئوت قويۇش مەزمۇنىدىكى جىنايەت سادىر قىلىش ماھارەتلىرىنى يوللاشقا بۇيرىدى، سىزنىڭ بۇ قىلمىشىڭىزدىن جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇللىرىنى تارقىتىش جىنايىتى شەكىللىنىشى مۇمكىن.

5. مەسىلەن، سىز بىر ”غەزەپلەنگەن ياش“، دۇنيا سىزگە تولىمۇ قاراڭغۇ بىلىندى، لېكىن سىز بىكارچىلىقتىن ئىچىڭىز پۇشۇپ، قارا كاتتىباشلار بىلەن بىرلىكتە يالغان بىر ئاپەت ئۇچۇرى، جىنايەت ئۇچۇرى توقۇپ چىقىپ، ئۈندىدار قاتارلىق تارىتىش ۋاسىتىلىرىدە تارقاتتىڭىز، ياكى باشقىلار توقۇپ چىققان ساختا ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، ئۈندىدار قاتارلىق تارىتىش ۋاسىتىلىرىدە تارقاتتىڭىز، سىزنىڭ بۇ قىلمىشىڭىز ھەقىقەتەن باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، لېكىن بۇ قىلمىشىڭىزدىن ساختا ئۇچۇرلارنى قەستەن توقۇش، تارقىتىش جىنايىتى شەكىللىنىشى مۇمكىن.

6. مەسىلەن، سىز ھاراق ئىچكىلى قاۋاقخانىغا باردىڭىز، كۆز ئالدىڭىزدىكى بىر چىرايلىق قىزچاقنى كۆردىڭىز-دە، ئىسپىرتنىڭ كۈچى ۋە قارا كاتتىباشنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن بۇ قىزچاققا پوخۇرلۇق قىلدىڭىز، ئاندىن قىزچاقنىڭ قارشىلىق قىلىشىغا قارىماي ئۇنىڭ ئۇ يەر-بۇ يەرلىرىنى سىلىدىڭىز، بۇ قىلمىشىڭىزدىن ئاياللارغا پەسكەشلىك قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىشى مۇمكىن.

7. مەسىلەن، سىزنى يەنە داۋاملىق قاۋاقخانىدا دەيلى، ھاراق ئىچىۋېتىپ تىنچ ئولتۇردىڭىز، چاتاق چىقارمىدىڭىز. ئەمما ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىڭىزنى چاغلىماي قارا كاتتىباشنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويماقچى بولدىڭىز، ئەمما قانچە قىلىپمۇ ماشىنا ھەيدەپ بەرگۈچى تاپالمىدىڭىز-دە، رولغا ئۆزىڭىز چىقتىڭىز. ئويلىمىغان يەردىن قاتناش ساقچىسى سىزنى تۇتۇۋالدى، قارىسا سىزنىڭ قېنىڭىزدىكى ئىسپىرت مىقدارى 80 مىللىگىرامدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ چاغدا قىلمىشىڭىزدىن خەتەرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىشى مۇمكىن.

8. مەسىلەن، سىز ئاچقان مېھمانخانا، ساتىراشخانىدا، ياكى سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە، قارا كاتتىباشنىڭ باشقىلارنى پاھىشىلىككە تەشكىللەۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا سورۇن تەمىنلەپ بەردىڭىز، بۇ قىلمىشىڭىز پاھىشىلىككە يول قويۇش جىنايىتىگە چېتىلىشى مۇمكىن. ناۋادا قارا كاتتىۋېشىغا ياردەملىشىپ ”دەللال“لىق قىلسىڭىز، بۇ قىلمىشىڭىز پاھىشە تونۇشتۇرۇش جىنايىتىگە چېتىلىدۇ-دە، بىراقلا جازاغا تارتىلىسىز. قارا كاتتىباش ئادەم باشلاپ كېلىپ زەھەر چەككەن بولسا، سىز باشقىلارنىڭ زەھەر چېكىشىگە جاي راسلاپ بېرىش جىنايىتىگە چېتىلىسىز.

9. مەسىلەن، سىز قارا كاتتىۋېشىغا ھەمراھ بولۇپ يولدا كېتىۋېتىپ، بىرسىگە سوقۇلۇپ كەتتىڭىز، قارشى تەرەپ سىزنىڭ قارا كاتتىۋېشىڭىزنى تىللىدى، سىز قارا كاتتىباشنىڭ ئەنتىنى ئېلىش ئۈچۈن قارشى تەرەپنى ئىتتەردىڭىز، ئاقىۋەت ئۇ يول بويىدىكى قاش ئۈستىگە يىقىلىپ ياكى كەينىدە كېلىۋاتقان ئاپتوموبىلغا سوقۇلۇپ ئۆلۈپ كەتتى، ئۇ چاغدا سىزنىڭ قىلمىشىڭىزدىن سەۋەنلىك بىلەن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش جىنايىتى شەكىللىنىشى مۇمكىن. ناۋادا سىز قارشى تەرەپنى بىر مۇشت سالسىڭىز، زەخىملىنىش دەرىجىسى باھالاش ئارقىلىق يېنىك دەرىجىدىن يۇقىرى بولسا، سىزنىڭ بۇ قىلمىشىڭىزدىن قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى شەكىللىنىشى مۇمكىن.

10. مەسىلەن، سىز بىر دۆلەت مەمۇرى، جەمئىيەتتە بىر قىسىم قارا كاتتىباشلار بىلەن تونۇشۇسىز، ئۇلارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن سىز بەزى ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتۈرۈپ بەردىڭىز، بۇ قىلمىشىڭىزدىن پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى شەكىللىنىشى مۇمكىن. بۇ قارا كاتتىباشلار سىزنى يەنە بەزى يامان ئىشلارغا شىرىكلەشتۈرگەن بولسا، بۇ چاغدا سىز خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايىتىگە چېتىلىشىڭىز مۇمكىن.

11. مەسىلەن، سىز بىر بويتاق، خوتۇن ئېلىشتىن ئۈمىدىڭىز ئۈزۈلگەن، ئەمما قارا كاتتىباش سىزگە بىر خوتۇن تېپىپ بەردى، ياكى سىز قارا كۈچلەرنىڭ قولىدىن بىر بالىنى سېتىۋالدىڭىز ۋە ئەكېلىپ باقتىڭىز. بۇ چاغدا، سىزنىڭ قىلمىشىڭىزدىن ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللار، بالىلارنى سېتىۋېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.

12. مەسىلەن، سىز بىر دېھقان، بىر نەچچە تاغنى ھۆددىگە ئېلىپ كۈچەت قويدىڭىز، كۆچەتلەر مىڭ تەسلىكتە ئەي بولۇپ، ئورمان بولدى، كەنت زومىگىرى سىزنى دەرەخ كېسىشكە كۈشكۈرتتى، يەنە تېخى سىزگە دەرەخ كېسىش ئىجازەتنامىسى ئالمىساڭمۇ بولىدۇ، دېدى. بۇ چاغدا سىز جىنايى جازا سىزىقىغا چىقىلغان بولىسىز-دە، قىلمىشىڭىزدىن ئورماننى قالايمىقان كېسىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. مەسىلەن، سىز پاقا، يىلان دېگەندەك ياۋايى ھايۋانلارنى تۇتۇپ، كەنت زومىگىرىنىڭ ”كۆڭلىنى ئالماقچى“ بولدىڭىز، ئېنىق بىلىپ قېلىڭكى، بۇ قىلمىشىڭىز ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز ئوۋلاش جىنايىتىگە چېتىلىشى مۇمكىن.

13. مەسىلەن، قارا كاتتىباش جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىياجى ئۈچۈن، سىزنى كىنىشكىلارنى يالغاندىن ياساش، ئۆزگەرتىش، سېتىش-سېتىۋېلىشقا بۇيرىدى. بۇ چاغدا، قىلمىشىڭىزدىن دۆلەت ئورگىنىنىڭ ھۆججەت، كىنىشكا، تامغىلىرىنى يالغاندىن ياساش، ئۆزگەرتىش، ئېلىپ سېتىش جىنايىتى شەكىللىنىشى مۇمكىن.

يۇقىرىدا كەلتۈرۈلگەن مىساللار، ئادەتتە سىز ئانچە دىققەت قىلمايدىغان ئىشلار، ئەمما ھەر بىرى جىنايى ئىشلارغا چېتىلىشى مۇمكىن. قارا-رەزىل كۈچلەرگە ئارىلىشىپلا قالسىڭىز، جەزمەن زەربە بېرىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىسىز. رېئاللىقتىن مەلۇمكى، قارا-رەزىل كۈچلەر كۆپىنچە گۇرۇھ بولۇپ ئۇيۇشۇش، زىياپەت بېرىش دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن يېنىغا ئادەم توپلايدۇ. ناۋادا سىز ئىش-ھەرىكىتىڭىزنى بايقاپراق قىلمىسىڭىز، ئۇلارنىڭ نۇقتىلىق يېنىغا تارتىش ئوبيېكتى بولۇپ قالىسىز. قارشىلىق كۈچى ئاجىز بولۇش، ھەتتاكى خەۋەر-ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ قويۇش، قانۇنسىز جىنايى ئۇنسۇرلارنى قانات ئاستىغا ئېلىش، قويۇپ بېرىشتىن قارا-رەزىل كۈچلەر ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان بولۇپ كېتىدۇ.

مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك پاش قىلىش ئۇسۇلى

مەملىكەت بويىچە 

قارا - رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش پاش قىلىش تور بېكىتى www.12389.gov.cn

 پاش قىلىش خەت ساندۇقى : بېيجىڭ شەھەرلىك پوچتا 19001 نومۇرلۇق خەت ساندۇقى؛

 پاش قىلىش تېلېفۇنى: 12389-010

شىنجاڭ  

پاش قىلىش تېلېفۇن نۇمۇرى:56567530991  ،   5657110 —0991 

 پاش قىلىش خەت ساندۇقى: ج خ نازارىتى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا باش ئەترىتىنىڭ تەشكىللىك جىنايەتلەرنى تەھقىقلەش تارماق ئەترىتى؛

 پوچتا كودى: 830006

 پاش قىلىش ئۈندىدارى: xibuj ingcha


1123105096_1531207638403_title0h.jpg
U020180711351653783246.jpg
U020180711356969454554.jpg
U020180711358330043361.jpg
1123100748_1531140921811_title0h.jpg