نوپۇس توغرىسىدىكى بۇ ئىشلاردىن قانچىلىك بىلىسىز؟
0
2018-07-12 09:47:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل خۇدابەردى

ھەر كۈنى ھەر سېكۇنتتا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4.2 بوۋاق تۇغۇلىدۇ، 1.8 ئادەم قازا قىلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، 2050-يىلىغا بارغاندا دۇنيادىكى %70 تىن ئارتۇق نوپۇس شەھەردە ياشايدىكەن.  

 بۈگۈن 29-قېتىملىق دۇنيا نوپۇس كۈنى. 30 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە يەرشارىدىكى 5 مىلياردىنچى ئاھالە دۇنياغا كەلگەن. ب د ت يۇگوسلاۋىيەدە تۇغۇلغان بۇ بوۋاقنى سىمۋوللۇق ھالدا دۇنيادىكى 5 مىلياردىنچى كىشى، دەپ بېكىتكەن. دېمەك شۇ كۈنى يەرشارى نوپۇسى 5 مىلياردلىق ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتكەن. بۇ ئالاھىدە كۈننى خاتىرىلەش، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نوپۇس مەسىلىسىگە تېخىمۇ چوڭقۇر ئەھمىيەت بېرىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن 1990-يىلى، ب د ت ئۆزىنىڭ تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسى كېڭىشى ئاچقان 36- نۆۋەتلىك يىغىنىدىكى پىكىرگە ئاساسەن، ھەر يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنىنى «دۇنيا نوپۇس كۈنى» دەپ بېكىتكەن.  

  ب د ت نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان «دۇنيا نوپۇسىغا نەزەر» ناملىق 2017-يىللىق تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىدىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا نوپۇسى 2030-يىلىغا بارغاندا 8 مىليارد 600 مىليونغا، 2050-يىلى 9 مىليارد 800 مىليونغا، 2100-يىلى 11 مىليارد 200 مىليونغا يېتىدىكەن. كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان قىياس شۇكى، ھىندىستاننىڭ نوپۇسى 2024-يىلى جۇڭگونىڭكىدىن ئېشىپ، دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ  كۆپ دۆلەتكە ئايلىنىدىكەن. 

دۇنيا نوپۇسى توغرىسىدىكى ساۋاتلارنى قانچىلىك بىلىسىز؟ تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى كۆرگەچ ئۆزىڭىزنى بىر سىناپ كۆرۈڭ! 

*جۇڭگونىڭ 1 مىليارد 300 مىليونىنچى پۇقراسى * 

 

2005-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 0:02دە، جۇڭگونىڭ 1 مىليارد 300 مىليونىنچى پۇقراسى بېيجىڭ شەھەرلىك ئاياللار دوختۇرخانىسىدا تۇغۇلدى. 1995-يىلى 1 مىليارد 200 مىليونىنچى پۇقرامۇ مۇشۇ دوختۇرخانىدا تۇغۇلغان. بىراق بىر كۈندە نۇرغۇن بوۋاق تۇغۇلىدۇ. بۇ 1 مىليارد 200 مىليونىنچى، 1 مىليارد 300 مىليونىنچى بوۋاقلار پەقەت سىمۋوللۇق خاراكتېرگە ئىگە.  

*يەرشارىنىڭ 6 مىلياردىنچى ئاھالىسى* 

بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا ۋاقتى 1990-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 0:02 دە، 3.6 كىلوگىرام كېلىدىغان بىر بوۋاق بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنانىڭ پايتەختى سارايېۋودىكى بىر دوختۇرخانىدا تۇغۇلۇپ، يەرشارىنىڭ 6 مىلياردىنچى ئاھالىسى بولۇپ قالغان. ب د ت بۇ كۈننى «6 مىلياردىنچى نوپۇس كۈنى» دەپ بېكىتكەن.  

*تۇغۇلۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت * 

ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا غەربى قىسمىغا جايلاشقان نېگىر جۇمھۇرىيىتى دۇنيادىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۆلەتتە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بولمىغاچقا، ھەر بىر ئائىلىدە بىر نەچچە بالا بولىدۇ، بالا تۇغۇش، بالا بېقىشنىڭ تەننەرخىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن، شۇڭا بۇ دۆلەتتىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى يۇقىرى. 
 

 

*تەبىئىي ئېشىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن دۆلەت * 

گېرمانىيەنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 82 مىليون 670 مىڭ بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. گېرمانىيە نوپۇسىنىڭ مەنپىي ئېشىشىدىكى سەۋەبلەر ئىنتايىن كۆپ. بۇ دۆلەتتە بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ئىزچىل تۆۋەن، ئەكسىچە كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئىزچىل يۇقىرى بولماقتا. كۆچمەنلەرمۇ گېرمانىيە نوپۇسىنىڭ مەنپىي ئېشىشىغا سەۋەبچى بولغان ئامىللارنىڭ بىرى.  

 

* نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئائىلە * 

ھىندىستاننىڭ مىزورام ئىشتاتىدىكى زىيونا چانا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئائىلىنىڭ باشلىقى. ئۇ 39 ئايالى بىلەن بىرلىكتە خۇشال -خۇرام ياشىماقتا. ئۇنىڭ 94 بالىسى، 14 كېلىنى، 33 نەۋرىسى بار بولۇپ، دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئائىلە ھېسابلىنىدۇ.  


 

* نوپۇسى ئەڭ ئاز دۆلەت* 

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 2017-يىلى 1-ئايدا ۋاتىكان شەھەر دۆلىتىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى يېڭىلانغان ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ دۆلەتتە دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس تەخمىنەن 800 بولۇپ، ئىتالىيەلىكلەرنى ئاساس قىلىدىكەن، دۇنيا نوپۇسىنىڭ %0.0001 ىنى ئىگىلەيدىكەن. 2011-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ۋاتىكاندا ئاران 32 ئايال پۇقرا، 540 ئەر پۇقرا بار ئىكەن. ۋاتىكان پاسپورتىغا ئىگە بارلىق 572 پۇقرانىڭ ئارىسىدا ۋاتىكاندا ياشايدىغىنى ئاران 223 ئىكەن.  


 

بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت * 

ئافرىقىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان ئانگولا دۇنيادىكى ئىقتىسادى ئەڭ تېز ئېشىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يەنىلا تۆۋەن. ئانگولالىقلارنىڭ مۆلچەر ئۆمرى دۇنيا بويىچە ئەڭ قىسقا. بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى. ئانگولانىڭ داۋالاش ۋە ساقلىق ساقلاش شارائىتى ئىنتايىن ناچار، تاتلىق سۇ كەمچىل، بەزگەك كېسىلى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنمىغان.  

ياشانغانلار ئەڭ كۆپ دۆلەت * 

2014-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، ياپونىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 127 مىليون بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ياشانغانلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %26.7 ىنى ئىگىلەيدىكەن ھەمدە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن. 2015-يىلى ياپونىيەدىكى 65 ياشتىن ئاشقانلار 33 مىليون 420 مىڭغا يەتكەن، بۇ 2005-يىلىدىن بۇيانقى 10 يىللىق تەكشۈرۈشتە ئۇدا 3-قېتىم دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان نەتىجە بولۇپ قالغان.   
 

دۇنيادىكى 3-چوڭ نوپۇس كۆپ دۆلەت * 

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ناۋادا ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى - «Facebook»نى بىر دۆلەت دېسەك، ئۇنداقتا ئۇ دۇنيادىكى 3-چوڭ نوپۇس كۆپ دۆلەت ھېسابلىنىدىكەن. ھەر ئايدا 1 مىليارد 390 مىليون «پۇقرا» بۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىگە كىرىدىكەن.  

 

1123105096_1531207638403_title0h.jpg
U020180711351653783246.jpg
U020180711356969454554.jpg
U020180711358330043361.jpg
1123100748_1531140921811_title0h.jpg