يالغان ساقچى قولغا چۈشتى
0
2018-07-12 09:54:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل خۇدابەردى
يېقىندا جىلىن ئۆلكىسىنىڭ چاڭچۈن شەھىرىدىكى قاتناش ساقچىسى سىياقىغا كىرىۋالغان بىر ئەر يولدا بەلگىلىمىگە خىلاپ ماشىنا توختاتقان يېرىدە قولغا چۈشتى. ئېنىقلىشىچە، ئۇ قاتناش ساقچىسى سىياقىغا كىرىۋېلىپ كۆپ قېتىم يۈك ماشىنىلىرى توسۇپ شوپۇرلارنى قاقتى-سوقتى قىلغانىكەن.

ساقچىلار قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش نەق مەيدانىدا ”2-دەرىجىلىك يېتەكچى ساقچى“نى ئۇچراتتى 

7-ئاينىڭ 3-كۈنى، بېيجىڭ-خاربىن تاشيولىنىڭ 1033 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدە قاتناش ۋەقەسى بەردى، قاتناش ساقچىلىرى دەرھال نەق مەيدان يېتىپ باردى. ساقچىلار نەق مەيداننى بىر تەرەپ قىلىۋاتقاندا، يولنىڭ قارشىسىدا بىر ماشىنىنىڭ تەتۈر يۆنىلىشتە توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى بايقىدى.

چاڭچۈن قاتناش ساقچى شۆبە ئەترىتىنىڭ ساقچىسى يۈ خۇڭشوۋ مۇنداق دېدى: بېرىپ قارىساق ماشىنىدا ساقچى فورمىسى كىيگەن 20 نەچچە ياشلاردىكى بىر ئەر ئولتۇرۇپتۇ، مۈرىسىدىكى 2-دەرىجىلىك يېتەكچى ساقچى پاگونىنى كۆرۈپ گۇمانلىنىپ قالدۇق. چۈنكى 2-دەرىجىلىك يېتەكچى ساقچى ئۇنۋانى ئېلىشقا ئادەتتە 20 يىلدەك ۋاقىت كېتىدۇ، ئۇنىڭ شۇنچە ياش تۇرۇپ بۇ ئۇنۋاننى ئالالىشى ئەقىلگە سىغمايدۇ.

ھەيدىگەن ماشىنىسىنىڭ نومۇرى يالغان نومۇر، ئۆزىمۇ يالغان ساقچى  

ساقچىلار ساقچى ئىشلىرى تېرمىنالى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ، ماشىنا نومۇر تاختىسىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، ساقچى ماشىنىسى ئەمەسلىكىنى بىلدى. شۇڭا ساقچىلار ئەردىن تېخى گۇمانلىنىپ، ئوتتۇرا ئەترەتكە ئېلىپ بېرىپ تەكشۈردى. ئەرنىڭ خىزمەت كىنىشكىسى ۋە ساقچىلىق نومۇرىنى دەلىللەش ئارقىلىق ئۇنىڭ يالغان ساقچى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ ئەرنىڭ ئىسمى شيەنX بولۇپ، 1993-يىلى تۇغۇلغان ئىكەن. ساقچىلار يالغان نومۇر تاختىسى ئېسىلغان ئۇ ماشىنىدىن يەنە بىر يۈرۈش يالغان ساقچى سايمانلىرىنى تاپتى.

قاتناش ساقچىسى سىياقىدا ياسىنىپ يۈك ماشىنىلىرىنى قاقتى-سوقتى قىلغان ئەر جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى 

ساقچىلار شيەنX نى يېقىندىن بۇيان ئامما ئىنكاس قىلغان يالغان ساقچىنىڭ يول توسۇپ پۇل ئېلىش ۋەقەلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمانلىنىپ سۈرۈشتۈرىۋېدى، ئەر دەسلەپكى قەدەمدە قىلمىشلىرىنى بوينىغا ئالدى. شۇڭا ساقچىلار ئۇنى شۇ جايدىكى ساقچىخانىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. سوراق قىلىش ئارقىلىق، شيەنXنىڭ بۇلتۇر 8-ئايدا يالغان ساقچى سايمانلىرى سېتىۋالغانلىقى، بۇ يىل 4-ئايدىن باشلاپ قاتناش ساقچىسى سىياقىدا ياسىنىپ يۈك ماشىنىلىرى توسۇپ، شوپۇرلارنى قاقتى-سوقتى قىلىپ پۇل ئالغانلىقى، جەمئىي 20 نەچچە قېتىم جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ئېنىقلاندى. ھازىر ئۇ جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى. دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.


 

1123105096_1531207638403_title0h.jpg
U020180711351653783246.jpg
U020180711356969454554.jpg
U020180711358330043361.jpg
1123100748_1531140921811_title0h.jpg