باشقىلارنى بوزەك قىلىپ كۆنگەن زومىگەرئىدارە باشلىقى موللاق ئاتتى
0
2018-08-15 10:14:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل خۇدابەردى

ئۇنىڭ ئەمىلى ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىچى- ئىچىدىن «فېئودال بەگ -تۆرە» بولۇشنى ئويلايتتى:

ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ سالام بېرىشكە ئۈلگىرەلمىگەن ساقچىنى كاچاتلىدى؛ گېپى بىر يەردىن چىقمىغان مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنىڭ بىر چىشىنى ئۇرۇپ تۆكۈۋەتتى؛ يىغىن ئاچسىلا كۆپچىلىكنى تىللاپ، ھەممە ئادەمنى ئۆزىگە تىكىلىپ قارىيالمايدىغان قىلىۋەتتى؛ زىياپەت ئۈستىلىدە قول ئاستىدىكىلەر ئۇنى «خوجايىن» دەپ چاقىرىپ، ئۇنىڭغا ھاراق تۇتۇپ كۆڭۈل بىلدۈردى؛ قول ئاستىدىكى كۆپ قىسىم ئايال خىزمەتچىلەر ئۇنىڭ ئاشنىسى بولدى؛ ياتاق ئېچىپ تۇتۇلۇپ قالسا شەخسەن ساقچى ئەۋەتىپ، ئۆلكە ئاتلاپ، ۋاسىتە قوللىنىپ ئادەم تۇتتى...

ماتېرىيال سۈرەت

بۇ يىل 7-ئايدا ئەنخۇي ئۆلكىسى بېڭبۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوتتا ھۆكۈم چىقىرىپ، ئەنخۇي ئۆلكىلىك ئەدلىيە نازارىتى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىرى چېڭ خەننىڭ پارا ئېلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇش جىنايىتىگە 17 يىل ئالتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى ھەمدە 4 مىليون يۈەن جەرىمانە قويدى.

سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش ئارقىلىق، چېڭ خەننىڭ ئالدى -كەينى بولۇپ 17 ئادەمدىن 17 مىليون 955 مىڭ يۈەن پارا ئالغان ياكى پارا تەلەپ قىلغانلىقىنى بېكىتكەن. ئەدلىيە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزغانلىقى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇش، پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى ناچار بولغانلىقىدىن ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە ئېغىر جازا بېرىلدى.

چېڭ خەن بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندىلا «زومىگەر»لىكتە نامى چىققان. ئۇ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىۋاتقاندا ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دېلو بېجىرگۈچىلىرىنى تىللىغان. ئەدلىيە ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن «جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسى ناچار» بولغان. ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ «قوپاللىقى، زومىگەرلىكى»نى مىجەز -خاراكتېرىدىكى كەمتۈكلۈك ۋە سەپرالىق، دەپ تۇرۇۋالغان. بىراق ئۇنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان ھالدا ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىشى، بايلىقنى شىلىپ ئېلىشى ۋە تۇرمۇشتىكى چىرىكلىكى ئۇنىڭ «ئۈچ قاراش»ىنىڭ بۇرمىلانغانلىقى ۋە ھوقۇقىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىشتەك تەلۋىلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

زومىگەر كادىر قانداق ئۆستى؟

دادىل بولۇش، چاقماق تېزلىكىدە ھەرىكەت قىلىش بىلەن قوپال ، زومىگەر بولۇش، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشنىڭ چەك -چېگراسى زادى نەدە؟ زامانىۋى ئىدارە قىلىش قانداق كادىرلار ئىستىلىغا ئېھتىياجلىق؟ مۇخبىر بۇ دېلونىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈپ، يۇقىرىقى سوئاللارغا جاۋاب ئىزدىدى.

قارىماققا «دانىشمەن گىنېرال» كۆرۈنگەن باشلىق ئەمەلىيەتتە بىر «زومىگەر»

بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن چېڭ خەن خېفېي، ھەتتاكى ئەنخۇيدىكى داڭلىق «زومىگەر ئەمەلدار». ئۇنىڭ ئادەم ئۇرغان ئىككى ھېكايىسى كەڭ تارقالغان: بىر قېتىم چېڭ خەن مەلۇم بىر ساقچىخانىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە بارغاندا، كومپيۇتېر ئالدىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ساقچى ئۇنى كۆرمەي قېلىپ ئۇنىڭغا دەرھال سالام بەرمىگەنلىكتىن، چېڭ خەن ئۇنى بىر تەستەك سالغان ھەمدە ئۇنى «كۆزۈڭ يوقمۇ» دەپ تىللىغان؛ يەنە بىر قېتىم ئۇ مەلۇم بىر ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىنى بىر تەستەك سېلىپ، ئۇنىڭ بىر چىشىنى تۆكۈۋەتكەن.

مۇخبىر ئەھۋاللارنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى ئىشنىڭ ھەقىقەتەن يۈز بەرگەنلىكىنى، ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ تارقالغان گەپ -سۆزلەردىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلگەن. چېڭ خەن سالام بېرىشكە كېچىكىپ قالغان ساقچىنى ئۇرۇپ تىللىغاندىن باشقا يەنە، شۇنىڭدىن كېيىنكى كۆپ قېتىملىق چوڭ -كىچىك يىغىنلاردا بۇ ئىشنى سەلبىي مىسال قىلىپ سۆزلەپ، ئۇنى «قائىدە ئۇقمايدىغان ساقچى» دەپ ئەيىبلىگەن.

مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنى ئۇرۇش قىلمىشىنىڭ يۈز بېرىشىگە بىر قېتىملىق ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىشتىكى ئۇششاق -چۈششەك ئىشلار سەۋەب بولغان. چېڭ خەن مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنى «مېھمانلىرىمنى ياخشى كۈتمىدىڭ» دەپ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدىلا ئۇرغان. بەك كۈچەپ ئۇرۇۋەتكەنلىكتىن مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنىڭ بىر چىشى تۆكۈلۈپ كەتكەن.

چېڭ خەن ئوتتۇرا بوي، كۆزئەينەك تاقايدىغان ئادەم بولۇپ، ئىلگىرى ئەنخۇي ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى ئىشخانىسىدا يېزىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا «دانىشمەن باشلىق» ئوبرازى بىلەن كىشىلەرگە تونۇلغان. ئەمما خېفېي شەھەرلىك ج خ تارماقلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۇ «زومىگەر»، يەنى، قوپال، مىجەزى تۇراقسىز، كىمنى تىللىغۇسى كەلسە شۇنى تىللايدىغان ئادەم، دەپ قارالغان. ساقچىلار ئۇنى كۆرسە نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالىدىكەن، ئەھۋال دوكلات قىلماقچى بولسا پۇت -قوللىرى تىترەپ كېتىدىكەن، شۇڭا ھەممەيلەن ئۇنىڭدىن ئامال بار ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئىدارە رەھبەرلىك بەنزىسى يىغىن ئاچقاندا داۋاملىق چېڭ خەنلا سۆز قىلىدىكەن، باشقا رەھبەرلەر ئاسانلىقچە گەپ قىستۇرالمايدىكەن، ياكى خاتا گەپ قىلىپ قويۇپ تىل ئاڭلاشتىن ئەندىشە قىلىدىكەن.

خېفېي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مەلۇم بىر ئوتتۇرا قاتلام كادىرى مۇنداق دېدى :«ئادەتتە ئىدارىدە كادىرلار يىغىنى ئېچىلسا، ئۇ مۇنبەردە تۇرۇپ، پەستىكى ھەممەيلەنگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتىدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا قاراشقا پېتىنالمايدۇ، شۇڭا ھەممىمىز بېشىمىزنى چۆكۈرۈپ خاتىرە يازىمىز. بىر قېتىم مەلۇم بىر ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ كومىسسارى تېلېفونىغا قاراپ سېلىۋىدى، چېڭ خەن ئۇنى تىللاپ، يىغىندىن قوغلاپ چىقاردى».

قوپاللىق قىلىش «ئائىلە نىزامى چىقىرىش» ئۈچۈندۇر

بىر مەركىزى شەھەرنىڭ ج خ ئىدارە باشلىقى نېمىشقا شۇنچىۋالا قوپال ۋە زومىگەر؟

ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكى دېلو بېجىرگۈچىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چېڭ خەن تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىۋاتقان ئۆزىنىڭ «سەپرا» بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇنداق بولۇپ قېلىشىدا ئائىلىدە ئەركە ئۆگىنىپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە مۇنداق دېدى: «نېمە ئالىمەن دېسەم شۇنى ئالالايتتىم، بولمىسا ئورنۇمدىن قوپقىلى ئۇنىمايتتىم».

بىراق زىيارەتنى قوبۇل قىلغان كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ بۇنداق بولۇپ قېلىشىغا مىجەز -خاراكتېر ئامىلىدىن باشقا يەنە، مەلۇم خىل «نوپۇز تىكلەش» ئۇسۇلى سەۋەبچى بولغان ئىكەن.

دېلو بېجىرگەن بىر خادىم مۇنداق دېدى: «ئۇ 1-قول باشلىق بولغاندىن كېيىن پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ نوپۇزىنى تىكلىگەن. پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىنى يادرو قىلغان جىسمانىي جەھەتتىن بېقىنىش چەمبىرىكىنى ھاسىل قىلغان».
جىسمانىي جەھەتتىن بېقىنىش دېگىنىمىز ئەسلىدە دېھقانلار ياكى يانچىلارنىڭ كىشىلىك قەدىر - قىممەت ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە فېئودال يەر ئىگىلىرىگە بېقىنىش مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ. كۆپ قىسىم ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، چېڭ خەن ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، نورمال سىياسىي قائىدە ۋە يۇقىرى -تۆۋەن مۇناسىۋەتنى بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ «قائىدىسى» ۋە «ئائىلە نىزامى»نى تۈزۈپ چىقىپ، ئادەم تىللاپ، ئۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ئۇنى «خوجايىن» دەپ ئاتىشىغا ھېرىسمەن بولۇپ، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ شەرتسىز ئىتائەتمەن بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.

چېڭ خەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن كۈتۈۋېلىش ئىشخانىسى قۇرغان، ئىشخانا بىناسىغىلا بېزەلگەن ئايرىمخانا تەسىس قىلىپ، ھەر خىل نام -ئاتاقلار بىلەن كادىرلارنى يەپ -ئىچىشكە تەشكىللەپ، ھاراق سورۇنىدا ئىش بېجىرىپ، سورۇندىلا كادىرلار بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلارنى تەكشۈرگەن.

كادىر-ساقچىلار«ۋاسسال»غا ئۆزگەرتىپ، ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى شەخسىي مەنپەئەتىگە ئايلاندۇرۇۋالغان

چېڭ خەن «زومىگەر ئەمەلدار» بولغاندىن كېيىن پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلارغا پىرىنسىپ جەھەتتىن بويسۇنۇشىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىگە ئىتائەت قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن. ئۇنىڭغا بېقىنىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى خالىمىغان كادىرلار چەتكە قېقىلغان؛ ئەسلىدە دۇرۇس يولدا مېڭىۋاتقان بىر قىسىم كادىرلار خىزمەت ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا بېقىنىشقا، ئۇنىڭغا ياخشىچاق بولۇشقا، ھەتتا سوۋغا سالاملار بىلەن پارا بېرىشكە باشلىغان؛ چېڭ خەننىڭ كۆزىگە ياخشى كۆرۈنگەنلەر ئۇنىڭ كىچىك چەمبىرىكىگە كىرىپ، «ۋاسسال، خىزمەتكار»غا ئايلانغان.

سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنامىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خېفېي شەھەرلىك ج خ سىستېمىسىدا چېڭ خەنگە پارا بەرگەن ساقچىلار خېلى كۆپ ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىدارە رەھبەرلىرىمۇ، ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرىمۇ بار ئىكەن، بەزىلەر ئۇنىڭغا پۇل، بەزىلەر ئېسىل سائەت، زىخچە ئالتۇن قاتارلىقلارنى بەرگەن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى چېڭ خەننىڭ ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىشى، ھوقۇق - پۇل سودىسى قىلىشى، ھەتتا نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇشتىكى قورالىغا ئايلىنىپ قالغان.
چېڭ خەننىڭ 2014-يىلى 4-ئايدا ياڭ x نىڭ ئۆيىدىن 13 مىليون شياڭگاڭ پۇلى قىممىتىدىكى «بەيدافېڭلى» ماركىلىق بىر قول سائىتىنى ئېلىپ كەتكەنلىكى ئۇنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پارا ئېلىش ئىشلىرى ئىچىدىكى قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر قېتىملىقى ھېسابلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، ياڭ x خېفېيدا ئۆي -زېمىن ۋە مېھمانخانا تىجارىتى قىلىدىغان بولۇپ، چېڭ خەن ج خ ئىدارىسىدىكى كۆپ قىسىم تارماقلار ۋە شۆبە ئىدارىلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە ئۇنىڭغا ئوبدان غەمخورلۇق قىلىشنى تاپىلاپ، چېقىپ كۆچۈرۈش، يېڭى ئۆيلەرنى سېتىش، سېتىش تەرتىپىدىن تارتىپ، ئەمگەك ماجىراسىنى بىر تەرەپ قىلىشقىچە، ھەتتا مېھمانخانىلارنى تەستىقلاش، تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرگىچە ئۇنىڭغا ئەتراپلىق غەمخورلۇق قىلغان.

پۇل خەجلەپ سوۋغات بېرىش بىلەنلا «ئىشلارنى تىنچىتقىلى بولغان»، «توپلىشىپ قىمار ئوينىغانلار تۇتۇلمىغان»، «ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەر تەكشۈرۈلمىگەن»، «تۆت دانە سەككىز، بەش دانە توققۇز» دېگەندەك ئاپتوموبىل نومۇر تاختىلىرىغا ئېرىشىش ئاسانغا توختىغان... چېڭ خەن ساقچىلارنى ۋاسسال ئورنىدا ئىشلەتكەن، قولىدىكى ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ شەخسىي مەنپەئەتىگە چوغ تارتقان. بىر تەرەپتىن قول ئاستىدىكىلەرنى خوجايىنلارغا ياردەملىشىپ «ئىش بېجىرىشكە» ئورۇنلاشتۇرغان، بىر تەرەپتىن پۇل ۋە مال -مۈلۈكلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئېسىل سائەتلەرنى تاقاپ، قاشتېشى ئويناپ، ئېسىل ئاپتوموبىللاردا ئولتۇرۇپ، «ئاقسۆڭەكلەر»دەك ياشىغان.

ئۇ ئومۇمنىڭ پۇلىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، تۇرمۇشتا ھەشەمەتچىلىك قىلغان. «ماۋتەي»دىن باشقا ئاق ھاراق، «لافايت»تىن باشقا قىزىل ھاراق ئىچمىگەن. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى «ماۋتەي ئىدارە باشلىقى» دەۋالغان. ئۇ يەنى فوتوگرافلىققا قىزىقىپ قېلىپ، قول ئاستىدىكىلەرنى ئىشقا سېلىپ، مەلۇم بىر ئامانلىق ساقلاش شىركىتىگە 170 مىڭ يۈەنلىك ئېسىل فوتو ئاپپارات ئالدۇرغان. بېيجىڭدىكى دوستىغا سوۋغات بېرىش ئۈچۈن شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنى بىر جىڭى 2000 يۈەن كېلىدىغان ئېسىل يېشىل چايدىن 200 مىڭ يۈەنلىك سېتىۋېلىشقا بۇيرۇغان.

نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇش ئارقىلىق سەتچىلىكلىرىنى بىر تەرەپ قىلغان

ئىگىلىنىشىچە، چېڭ خەننىڭ كۆپ قىسىم ئاشنىلىرى ئايال ساقچىلار ئىكەن. قىسمەنلىرى ئىدارىدە ئاشكارىلىنىپ كەتكەن مەخپىيەتلىك ئىكەن، بىراق چېڭ خەن بۇ سەتچىلىكتىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا زىياپەتلەردە ئۆزىنىڭ بۇ سەتچىلىكىنى پەش قىلىپ ماختانغان.

2014-يىلى 6-ئايدا خېفېي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چېڭ خەنگە يېزىلغان بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۇۋالغان. كونۋېرتنىڭ ئىچىدە بىر بارماق دىسكا بار بولۇپ، ئۇنىڭدا چېڭ خەننىڭ بىر ئايال ساقچى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندىكى سىن كۆرۈنۈشلىرى بار ئىكەن.

ئەسلىدە بۇ ئىككىيلەننىڭ خېفېيدىكى بىر بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدا ياتاق ئاچقاندا ئوغرىلىقچە تارتىۋېلىنغان سىن كۆرۈنۈشلىرى ئىكەن.

كېيىن چېڭ خەن بۇ سىننى تارتقان كىشىنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ كەسكىنلىك بىلەن بۇ ئىشقا ئالاقىدار ئايال ساقچى ۋە باشقا ساقچىلارنى «ئالاھىدە مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى» تەشكىللەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى سىر ساقلاشقا ۋەدە بەرگۈزۈپ، دېلو تۇرغۇزمايلا بىۋاسىتە تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان ھەمدە تېخنىكىلىق رازۋېدكا قىلىش ۋاسىتىلىرىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلىتىپ، تېخنىكىلىق رازۋېدكا قىلىش رەسمىيىتىنى باشقا بىر قاقتى سوقتى قىلىش دېلوسىغا توغرىلاپ ئورۇنلاشتۇرۇۋەتكەن.

ئۈچ كۈندىن كېيىن بۇ سىن تارتقان كىشى تۇتۇلغان. چېڭ خەن بۇ دېلونى بەك ئىچكىرىلەپ تەكشۈرمەسلىكنى، پەقەت ئۇنىڭ شېرىكىنىڭ بار -يوقلىقى، سىن كۆرۈنۈشىنىڭ نۇسخىلانغان- نۇسخىلانمىغانلىقىنىلا تەكشۈرۈشنى ئېيتقان.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئوغرىلىقچە سىن تارتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئىككى ئادەم ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشنى مەخسۇس چېن خەننى بابلاش ئۈچۈن قىلمىغانلىقى، بەلكى خېفېيدىكى بەش يۇلتۇزلۇق ئۈچ مېھمانخانىغا ئوغرىلىقچە سىن تارتىش ئەسۋابى ئورناتقانلىقى ھەمدە مۇشۇ ئارقىلىق باشقىلارنى قاقتى- سوقتى قىلماقچى بولغانلىقى ئېنىقلانغان. چېڭ خەن بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، سىن كۆرۈنۈشىنى يوقاتقاندىن كېيىن ئۇلارنى جىنايىتىنى تونۇشتا «ئىپادىسى ياخشى» دەپ قاراپ قويۇپ بەرگەن.

بۇ دېلو مۇشۇ پېتى يوشۇرۇپ قېلىنغان. چېڭ خەن 2017-يىلى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندا، ئەنخۇي ئۆلكىسى بېڭبۇ شەھىرىدىكى ساقچىلار بۇ ئىشنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

«ئىستىل بۇلغىنىشى» تۈپەيلى غۇلاپ چۈشۈش شەكلىدە چىرىكلىشىش پەيدا بولغان

«زومىگەر باشلىق»نىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قانۇن، ئىنتىزامغا خىلاپ ھالدا بارلىققا كەلتۈرگەن جىسمانىي جەھەتتىن بېقىنىش چەمبىرىكى خېفېي شەھىرىدىكى ج خ تارماقلىرىنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان. چېڭ خەن ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن 200 گە يېقىن كادىر سۆزلىشىشكە چاقىرتىلغان. قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى سۇڭ مېيخۇا، ئاممىۋى قاتناش شۆبە ئىدارىسى (پۇقراچە كىيىنگەن تەھقىقلەش تارماق ئەترىتى، سىن ماتېرىيالىنى تەھقىقلەش تارماق ئەترىتى)نىڭ كومىسسارى ياڭ چاۋخۈي قاتارلىق بىر تۈركۈم كادىرلارمۇ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.

قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى سۇڭ مېيخۇا چېڭ خەن ئۆزى بىر قوللۇق ئۆستۈرگەن كادىر بولۇپ، ئۇ چېڭ خەنگە يۈكسەك ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاغزىدىن چىققاننى بەجا كەلتۈرىدىكەن.

سۇڭ مېيخۇا ئىدارىدە چېڭ خەننى خوجايىن دەپ چاقىرىدىكەن، ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھاراق تۇتىدىكەن، تارماق ئەترەتكە قايتقاندىن كېيىن ئۇنى دوراپ، قول ئاستىدىكىلەرگىمۇ ئۆزىنى «خوجايىن» دېگۈزۈپ، ئۆچرەتتە تۇرۇپ ھاراق تۇتقۇزغان. قول ئاستىدىكىلەردىن مال -مۈلۈك قوبۇل قىلغان، كارخانا خوجايىنلىرىنىڭ «ياردىمى»دە ئۆي سېتىۋالغان، بېزىگەن. چېڭ خەننىڭ ئاشنىسى، نۇرغۇن ئۆيى بار بولغاچقا، ئۇمۇ چېڭ خەننى دوراپ ئاشنا تۇتۇپ، «دېلو ئىچىدىكى دېلو»نى بارلىققا كەلتۈرگەن.

يۆتكەپ كېتىلگەندە كادىرساقچىلار «ۋابا»نى ئۇزاتقاندەك بولغان

ئىگىلىنىشىچە، چېڭ خەن ئىلگىرى ئاپپارات ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇپ، ج خ شۆبە ئىدارىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، رېۋىزىيە ئىشخانىسى ۋە سىياسىي خىزمەت ئىشخانىسىنى بىرلەشتۈرۈۋەتكەن، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسىنى باشقا ۋەزىپىگە قويغان.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، چېڭ خەن توغرىسىدىكى ئىنكاسلار ئىنتايىن كۆپ بولغان. بىراق ئۇ خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە شەھەرلىك ج خ يىغىنلىرىدا :« پاش قىلىش خېتى يازغانلار قاراڭغۇ بۇلۇڭغا يوشۇرۇنۇۋالغان چاشقانلاردۇر» دېگەن.

دېلو بېجىرگۈچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چېڭ خەن «زومىگەر» بولغىنى بىلەن، ئۆزىنىڭ قىلمىش -ئەتمىشلىرىدىن ئەندىشە قىلىپلا يۈرگەن. قىسمەن ساقچىلار ئۇنىڭ يېرىم كېچىدە ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن، بىر ئاشنىسى ئۇنىڭ يېرىم كېچىدە چۆچۈپ ئويغىنىپ، كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ يىغلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

2014-يىلى 8-ئايدا، چېڭ خەن خېفېي شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن يۆتكىلىپ، ئەنخۇي ئۆلكىلىك ئەدلىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا خېفېي شەھەرلىك ج خ تورىدا ئايرىلىش ئالدىدىكى ھېسلىرىنى ئېلان قىلىپ، ساقچىلارنىڭ باھا يېزىپ ئالقىشلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ساقچىلار پەقەت چىداپ تۇرالماي «ئەلۋىدا»، «ۋابانى ئۇزىتىش» دېگەندەك تېمىلاردا شېئىرلارنى يازغان.

ۋەزىپىسىدىن يۆتكەلگەندىن كېيىن چېڭ خەن قىسمەن ئۇچۇرلارنى ئاڭلاپ قالغان ھەمدە تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، قىسمەن مال -مۈلۈكنى يۆتكىۋەتكەن ياكى قايتۇرۋەتكەن. بىراق ئۇ يەنىلا جازادىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. 2016-يىلى 5-ئايدا ئۇ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلىپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغان.

چېڭ خەن ۋەزىپىدىن قالغاندىن كېيىن خېفېي شەھەرلىك ج خ تارماقلىرىنىڭ يېڭى رەھبەرلىك بەنزىسى «زومىگەرلىك مەدەنىيىتى» ۋە جىسمانىي جەھەتتىن بېقىنىش چەمبىرىكىنى پاكىز تازىلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق قوشۇن قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلغان، پارتىيە ئىشلىرى ئارقىلىق ساقچى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن، پارتىيە ئىستىلى ئارقىلىق ساقچى ئىستىلىنى كۈچەيتكەن.

پارتىيە 18 -نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 -ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان « يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىرقانچە مىزان » ( تۆۋەندە « مىزان » دەپ ئېلىندى )دا مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەنگەن: رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئائىلە باشلىقىلىق تۈزۈمى ئورنىتىۋالسا، باشقىلاردىن بۇيرۇققا شەرتسىز ئىتائەت قىلىشنى تەلەپ قىلسا، بولۇپمۇ تۆۋەندىكىلەردىن پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ ئىشلارنى قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ؛ تۆۋەندىكىلەر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بۇنداق تەلەپلىرىنى رەت قىلىشى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا، ھەتتا مەركىزىي كومىتېتقا مەلۇم قىلىشى، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارغا قارىقويۇق بويسۇنىۋەرمەسلىكى لازىم. پارتىيە ئىچىدىكى يولداشلىق مۇناسىۋەتنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ساپلاشتۇرۇش كېرەك، رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە ئەزالىرىغا تەكەببۇرلۇق قىلماسلىقى، پارتىيە ئەزالىرى رەھبىرىي كادىرلارغا خۇشامەت قىلماسلىقى كېرەك.

ئەنخۇي ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ شۇشىننىڭ تەھلىل قىلىشىچە، مەسىلىسى بار ئەمەلدارلارنىڭ زومىگەرلىك ئىش -ھەرىكەتلىرى شۇ شەخسنىڭ ساپا مەسىلىسى، شۇنداقلا چوڭقۇر تارىخىي مەنبە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. نۆۋەتتە ھېلىھەم فېئوداللىق بىلەن ئادەم ئىدارە قىلىشنىڭ ئاسارەتلىرىدىن ھەزەر ئەيلىمەي بولمايدىكەن.

« مىزان » دا، ھەر قانداق كىشى پارتىيەنىڭ كادىرلىرىنى شەخسىي مۈلكى قىلىۋالماسلىقى، پارتىيە ئىچىدە جىسمانىي بېقىندىلىق مۇناسىۋەت ئورناتماسلىقى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. ج ك پ مەركىزى كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ پىروفېسسورى جۇ لىجيانىڭ قارىشىچە، قىسمەن مەسىلىسى بار ئەمەلدارلارنىڭ زومىگەرلىكى «ئادەتلىنىش»تىن پەيدا بولغان، يۇقىرىدىكىلەر پەقەت خىزمەت نەتىجىسى، ئۈنۈمىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشلارنى بولۇشىغا قويۇۋەتمەسلىكى، تۆۋەندىكىلەر يۇقىرى يامىشىپ، پايدىنىلا كۆزلەپ، باشقىلارنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن. «جىسمانىي جەھەتتىن بېقىنىش چەمبىرىكى»نىڭ قورقۇنچلۇق يېرى شۇكى، بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆز ئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەش، ئۆز -ئارا چاپان يېپىشتەك «چىرىكلىشىش ئورتاق گەۋدىسى» بارلىققا كېلىدىكەن.

مەركىزىي سوتسىيالىزم شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى جاۋ فېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئىستىل مەسىلىسى، ماھىيەتتە پارتىيەۋىلىك مەسىلىسىدۇر، پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ئىنتايىن قاتتىق بولغان پارتىيە ئىچىدىكى تۇرمۇش داۋامىدا پارتىيەۋىلىكىنى تاۋلاپ، ئۆزىنى قاتتىق تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھوقۇقنى قاتتىق يۈرگۈزۈپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، يامان ئادەتلەرگە قارشى ئىممۇنىتېت كۈچى ۋە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك.

U020180815367354106138.jpg
U020180815365806547668.png
U020180815357873179921.jpg
U020180815353670289817.jpg