بۇ قانۇن توردىن نەرسە –كېرەك سېتىۋېلىشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
0
2018-09-04 19:00:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل خۇدابەردى

 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5- يىغىنى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا «ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى» ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. بۇ قانۇن 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى ھەر قايسى سۇبيېكتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە بولىدىغان، ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان مەخسۇس قانۇن بارلىققا كېلىدۇ، بۇ يەنە مەملىكىتىمىزنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسىدىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك قانۇن ھېسابلىنىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

بۇ قېتىم ماقۇللانغان «ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى»دا قانداق يارقىن نۇقتىلار بار؟ ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ قېنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى. ↓↓↓
ئۈندىدار سودىگەرلىرى، بىۋاسىتە تارقىتىش ئارقىلىق سېتىش قاتارلىقلار ئېلېكتىرونلۇق سودا دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ

ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پۇقرالارنىڭ مال سېتىۋېلىش ئۇسۇلىدا ئاسمان -زېمىن ئۆزگىرىش بولدى، «تاۋباۋ»، «جىڭدۇڭ» قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىدىن باشقا يەنە ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى، بىۋاسىتە تارقىتىش ئارقىلىق سېتىش قاتارلىق ھەر خىل سېتىش ئۇسۇللىرى ئارقا -ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. «ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى»دا مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەندى: ئۈندىدار سودىگەرلىرى قاتارلىقلار ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ ھەمدە بۇ قانۇن تەرىپىدىن چەكلىنىدۇ.

«ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى» : بۇ قانۇندا تىلغا ئېلىنغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار دېگىنىمىز ئالاقە تورى قاتارلىق ئۇچۇر تورى ئارقىلىق مال سېتىش ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشتەك تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى، سۇپىدىكى تىجارەتچىلەر ھەمدە ئۆزى تور بېكەت قۇرغان ياكى باشقا تور مۇلازىمىتى ئارقىلىق مال ساتىدىغان ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«تاۋباۋ»دىكى خۇسۇسىيلار بازار سۇبيېكتىنى تىزىمغا ئالدۇرىدۇ

نۆۋەتتە شەخس ئۆزى تور بېكىت ئاچسا، سودا -سانائەت تارماقلىرىغا تىزىمغا ئالدۇرمايدۇ، كۆپ قىسىم «ئۈندىدار سودىگەرلىرى»نىڭ تور دۇكىنى ئېچىشىغا ئاساسىي جەھەتتىن ھېچقانداق تەلەپ قويۇلمايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار قانۇن بويىچە بازار سۇبيېكتىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك.

«ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى»: ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار قانۇن بويىچە بازار سۇبيېكتىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك. بىراق شەخسنىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقارغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، ئائىلە قول ھۈنەرۋەنچىلىك سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشى، شەخسنىڭ ئۆز ھۈنىرىگە تايىنىپ قانۇن بويىچە ئىجازەت ئېلىشى ھاجەتسىز بولغان خەلققە قولايلىق ئەمگەك پائالىيىتى ۋە پارچە -پۇرات ئاز سوممىلىق سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى، شۇنداقلا قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزام بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇش ھاجەتسىز بولغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.

«ياخشى باھاغا ئېرىشىش ئۈچۈن نەيرەڭ ئىشلىتىش» چەكلىنىدۇ

تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قىسىم سودىگەرلەر ئۆز مەھسۇلاتىغا بېرىلىدىغان باھاغا نەيرەڭ ئىشلىتىپ، «ياخشى باھا بەرسىڭىز ئىككى يۈەن قىزىل بولاققا ئېرىشىسىز» دېگەندەك ۋاسىتىلەر بىلەن بىر تەرەپتىن ئىستېمالچىلارنى ياخشى باھا بېرىشكە قىزىقتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن باھا يېزىپ پۇل تىكىدىغانلارغا ياخشى باھا يازدۇرىدۇ. بۇ خىل قىلمىشلار ئەمدى چەكلىنىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

«ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى»: ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار تاۋارنىڭ ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئۇچۇرىنى چوقۇم ئومۇميۈزلۈك، ھەقىقىي، توغرا ۋە دەل ۋاقتىدا ئاشكارىلىشى، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى ۋە تاللاش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ساختا سودا، باھاغا نەيرەڭ ئىشلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ساختا ياكى كىشىنى خاتا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدىغان سودا تەشۋىقاتى قىلماسلىقى، ئىستېمالچىلارنى ئالدىماسلىقى، ئازدۇرماسلىقى كېرەك.
باغلاپ ساتىدىغان مەھسۇلاتلار زورلاپ سېتىلماسلىقى كېرەك

ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋالغاندا «مەخسۇس ئاپتوموبىل» بىلەن ئاپىرىپ -ئەكېلىش مۇلازىمىتىنى، مېھمانخانا زاكاز قىلغاندا SPA مۇلازىمىتىنى باغلاپ سېتىش... بۇلار قارىماققا ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇلازىمەتتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن قىسمەنلىرى ئىستېمالچىلارغا زورلاپ باغلاپ سېتىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىستېمالچىلار بۇ خىل مۇلازىمەتنى بىلمەيلا سېتىۋالىدۇ.

«ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى»: ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار تاۋار ياكى مۇلازىمەت ساتقاندا، كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغان ئۇسۇللار بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىشى، باغلاپ ساتىدىغان تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى ئىستېمالچى چوقۇم سېتىۋالىدىغان زورلاپ ساتىدىغان تۈر قىلماسلىقى كېرەك.

يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەمدە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

«قوش 11»دا تېز يوللانما شىركەتلىرىنىڭ يەتكۈزۈش ۋاقتىنى مۇددەتسىز ئۇزارتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ

ھەر قېتىملىق «قوش 11»دە سېتىۋېلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ كېچىكىپ كېتىشى ئىستېمالچىلارنى تىت -تىت قىلىپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىكى ھەر خىل باھانە -سەۋەبلەرنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. سودىگەر مالنى تاپشۇرۇش ۋاقتىنى ئالدىن بەلگىلىشى ھەمدە توشۇش جەريانىدىكى خەتەر ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

«ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى»: ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ۋەدىسى بويىچە ياكى ئىستېمالچىلار بىلەن كېلىشىش ئۇسۇلى بويىچە، بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى ئىستېمالچىغا تاپشۇرۇشى ھەمدە تاۋارنى توشۇش جەريانىدىكى خەتەر ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بىراق ئىستېمالچىلارنىڭ تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىنى ئايرىم تاللىشى بۇنىڭ سىرتىدا.
ھەمبەھىر ۋېلىسىپىتنىڭ رەنە پۇلىنى قايتۇرۇشقا نامۇۋاپىق شەرت قويۇشقا بولمايدۇ

توردا مېھمانخانا، ھەمبەھىر ۋېلىسىپىت ھەيدەشنى زاكاز قىلىشتا داۋاملىق ئىستېمالچىدىن ئالدىن رەنە پۇلى تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. بىراق ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، رەنە پۇلىنى قايتۇرۇشتىكى مەسىلىلەر بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە. قىسمەن ھەمبەھىر ۋېلىسىپىتلەرنىڭ رەنە پۇلىنى قايتۇرۇش تەس بولۇشتەك مەسىلىلەر مەملىكەتتىكى كۆپ قىسىم تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

ماتېرىيال سۈرەت

«ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى»: ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار كېلىشكىنى بويىچە ئىستېمالچىلاردىن رەنە پۇلى ئالسا، رەنە پۇلىنى قايتۇرۇش ئۇسۇلىنى، تەرتىپىنى ئېنىق ئەسكەرتىشى، رەنە پۇلىنى قايتۇرۇشقا ئورۇنسىز تەلەپ قويماسلىقى كېرەك. ئىستېمالچىلار رەنە پۇلىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، رەنە پۇلىنى قايتۇرۇش شەرتى قاندۇرۇلغان بولسا، ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار دەل ۋاقتىدا رەنە پۇلىنى قايتۇرۇشى كېرەك.

يۇقىرىقى بەلگىلىمە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ئالاقىدار باشقۇرۇش تارماقلىرى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

«جىڭدۇڭ»، «تيەنماۋ»لاينىڭ «ئۆز مەھسۇلاتىنى بىۋاسىتە سېتىش»ى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك

ئىستېمالچىلار «تيەنماۋ»، «جىڭدۇڭ» قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىدا «ئۆز مەھسۇلاتىنى بىۋاسىتە سېتىش» (自营) دېگەن خەتنى كۆپ ئۇچرىتىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

«ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى»: ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى بۇ سۇپىدا ئۆز مەھسۇلاتىنى بىۋاسىتە سېتىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان بولسا، ئۆز مەھسۇلاتىنى بىۋاسىتە سېتىش كەسپى ۋە سۇپا ئىچىدىكى تىجارەتچىلەر قانات يايدۇرغان كەسىپلەرنى كۆرۈنەرلىك ئۇسۇلدا ئېنىق ئايرىپ بەلگە سېلىشى، ئىستېمالچىلارنى ئازدۇرماسلىقى كېرەك.

ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىكى تىجارەتچىلەر «ئۆز مەھسۇلاتىنى بىۋاسىتە سېتىش» دېگەن بەلگە سېلىنغان مەھسۇلاتلار ۋە مۇلازىمەتلەرنى ساتىدىغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

تور تاكسىسىدا قەستكە ئۇچراش ئەھۋالى كۆرۈلسە، سۇپا بەلگىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ

يېقىندا جېڭجۇلىق ئايروپىلان خانقىزى، ۋېنجۇلۇق قىزنىڭ تور تاكسىسىدا قەستكە ئۇچرىغانلىقى بەس مۇنازىرە قوزغىدى. ئۇنداقتا بۇنداق ئېچىنىشلىق ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدە تور تاكسىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى سۇپىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارمۇ -يوق؟

ماتېرىيال سۈرەت

«ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى»: ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسى سۇپىدىكى تىجارەتچىلەر سېتىۋاتقان تاۋار ياكى تەمىنلىگەن مۇلازىمەتنىڭ جىسمانىي، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكى تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق -مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلارنىڭ بارلىقىنى بىلىشى ياكى بىلىشى كېرەكلىكى ئېنىق بولسىمۇ، زۆرۈر چارە- تەدبىر قوللانمىغان بولسا، قانۇن بويىچە مۇشۇ سۇپىدىكى تىجارەتچىلەر بىلەن تەڭ چاتما جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

ئىستېمالچىلارنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا چېتىلىدىغان تاۋار ياكى مۇلازىمەتلەرگە قارىتا، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىسى سۇپىدىكى تىجارەتچىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى ئىستېمالچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي ئىستېمالچىنى زىيانغا ئۇچراتسا، قانۇن بويىچە ئالاقىدار مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

ناچار باھانى ئۆز ئالدىغا ئۆچۈرۈۋەتكەنلەرگە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 500 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ

قىسمەن مەھسۇلاتلار ياخشى بولمىسا، ئىستېمالچىلار ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تەسىراتىنى يېزىپ قالدۇرىدۇ، ئەمما تىجارەتچى ياكى سۇپا بۇنداق ناچار باھالارنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ.

«ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى»: ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى ئىناۋەت باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئىناۋەت باھالاش قائىدىسىنى ئاشكارىلىشى، ئىستېمالچىلارنى سۇپىدا سېتىلغان تاۋار ياكى مەھسۇلاتلارغا باھا بېرىش يوللىرى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ بۇ سۇپىدا سېتىلغان تاۋار ياكى مۇلازىمەتلەرگە بەرگەن باھاسىنى ئۆچۈرۈۋەتمەسلىكى كېرەك.

بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ. 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئېلېكتىرونلۇق پۇل تۆلەشتە مەسىلە كۆرۈلسە كىم ئىگە؟

ئېلېكتىرونلۇق پۇل تۆلەش تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگىچە چوڭقۇر سىڭىپ كىردى. ئۇنداقتا ئېلېكتىرونلۇق پۇل تۆلەشتە خاتالىق كۆرۈلسە، قانداق قىلىش كېرەك؟

«ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى»: ئېلېكتىرونلۇق پۇل تۆلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى تەمىنلىگەن ئېلېكتىرونلۇق پۇل تۆلەش مۇلازىمىتى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار پۇل تۆلەش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەي، ئىشلەتكۈچى زىيانغا ئۇچرىسا، تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

1123374124_1535988883806_title0h.jpg
11111111.jpg
123123.jpg
1123367303_15358715974511n.jpg
640.webp-(4).jpg