تيەنئەنمېن راۋىقىدىكى داھىيمىز ماۋ زېدۇڭ سۈرىتى يېڭىلاندى
0
2018-10-10 14:56:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل خدۇابەردى

2018-يىل 9-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە،  دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن، تيەنئەنمېن راۋىقىغا رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ يېڭى سۈرىتى ئېسىلدى.

شۇ كۈنى كەچ سائەت 11 دىن 2 مىنۇت ئۆتكەندە، سىمىلداپ يېغىۋاتقان يامغۇر ئىچىدە، بىر ئاسماقلىق ئاپتوموبىل ۋە رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ يېڭى سۈرىتى بېسىلغان يۈك ئاپتوموبىلى تيەنئەنمېن راۋىقىنىڭ ئوتتۇرا ئىشىكىدىن چىقىپ كەلدى. ئىككى ئاپتوموبىل مەزمۇت توختىغاندىن كېيىن، رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ راۋاق ئۈستىگە ئېسىلغىنىغا بىر يىل بولغان كونا سۈرىتى ئاسماقلىق ئاپتوموبىل ئارقىلىق راۋاق ئۈستىدىن ئاستا-ئاستا ئېلىندى. ئارقىدىن، يېڭى سۈرەت يەنە ئاسماقلىق ئاپتوموبىل ئارقىلىق راۋاققا ئېسىلدى، پۈتكۈل ئالماشتۇرۇش مەشغۇلاتى تەخمىنەن بىر سائەت ئىچىدە تاماملاندى.

خىزمەتچى خادىملار رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ راۋاققا ئېسىلغىنىغا بىر يىل بولغان كونا سۈرىتىنى ئالماقتا.

رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى يېڭى سۈرىتى 

ھەر يىلى دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، تيەنئەنمېن راۋىقىدىكى رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ سۈرىتى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇلىدىكەن، بۇ «ئادەت»نىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقىنىغا 50 نەچچە يىل بوپتۇ.

شىيۈەن نەشرىياتى نەشر قىلغان «تيەنئەنمېن مەيدانى ئەسلەتمىلىرى» ناملىق كىتابتا خاتىرىلىنىشىچە، تيەنئەنمېن راۋىقىغا ئېسىلغان رەئىس ماۋ زېدۇڭ سۈرىتىنىڭ ئېگىزلىكى 6 مېتىر، كەڭلىكى 4.6 مېتىر كېلىدىكەن، رامكىسىنى قوشقاندا ئومۇمىي ئېغىرلىقى 1.5 توننا كېلىدىكەن، بۇ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە، ئاسىيا بويىچە، ھەتتاكى پۈتكۈل شەرقىي يېرىم شار بويىچىمۇ قولدا سىزىلغان ئەڭ چوڭ باش سۆرەت ھېسابلىنىدىكەن؛ رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ بۇ باش سۈرىتى ھەر يىلدا بىر قېتىم يېڭىلىنىدىكەن، سىزىش خىزمىتى ئادەتتە 8-ئايدا كۈز كىرگەن كۈننىڭ ئالدى-كەينىدە باشلىنىدىكەن، دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا كونىسىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇلىدىكەن.

ئىلگىرى تيەنئەنمېن راۋىقى رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان جيا يىڭيەن «تيەنئەنمېن راۋىقىنىڭ 100 يىلى» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، كىتابىدا ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: 1966-يىل 8-ئاينى بىر پاسىل نۇقتىسى دېسەك، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى، ھەر قېتىملىق چوڭ-چوڭ بايرام كۈنلىرىدە، تيەنئەنمېن راۋىقىغا رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ سۈرىتى ئېسىلغان؛ ئۇنىڭدىن كېيىن، رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ سۈرىتى تيەنئەنمېن راۋىقىغا ھەر كۈنى ئېسىلىدىغان، ھەر يىلى دۆلەت بايرىمىنىڭ ئالدىدا يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇلىدىغان بولدى.

جيا يىڭيەن مۇنداق دېدى: 

-نۇرغۇن كىشىلەر رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ سۈرىتىنى 1949-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا ئېسىلغان پېتىچە دەپ قارايدۇ. تيەنئەنمېن راۋىقىغا رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ سۈرىتى 1949-يىل 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بېيپىڭنىڭ تىنچ ئازاد بولغانلىقىنى تەبرىكلەش چوڭ يىغىنىدا تۇنجى قېتىم ئېسىلغان، 1949-يىلدىن ھازىرغىچە بولغان بۇ 60 نەچچە يىلدا، تيەنئەنمېن راۋىقىغا ئېسىلغان رەئىس ماۋ زېدۇڭ سۈرىتى «8 قېتىملىق يېڭىلىنىش»نى باشتىن كەچۈردى، يەنى سۆرەت نۇسخىسى 8 قېتىم يېڭىلاندى.

جيا يىڭيەننىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، سۈرەتنىڭ ئەڭ ئاخىرى بېكىتىلگەن نۇسخىسىغا، يەنى 8-نۇسخىسىغا ئاساس قىلىنغىنى رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ 4-پارچە ئۆلچەملىك سۈرىتى بولۇپ، بۇ سۆرەت 1967-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى تيەنئەنمېن راۋىقىغا ئېسىلغان. بۇ سۈرەتنى بېيجىڭ شەھەرلىك گۈزەل سەنئەت شىركىتىدىن ۋاڭ گودۇڭ باش بولۇپ سىزغان. 1977-يىلدىن باشلاپ، ۋاڭ گودۇڭنىڭ شاگىرتى گې شياۋگۇاڭ تاكى ھازىرغىچە باش بولۇپ سىزىۋېتىپتۇ.

ۋاڭ گودۇڭنىڭ يەنە بىر شاگىرتى شىڭ چيۇچېڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى يىلى ۋاڭ گودۇڭ رەئىس ماۋ زېدۇڭ سۈرىتىنىڭ 88-نۇسخىسىنى سىزغاندا، نۇرغۇن مەسىلىلەرگە يولۇققانىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ماي بۇياق رەسىمنىڭ رەڭگى قۇياش نۇرىنىڭ كۈچلۈك قىزدۇرۇشى ئاستىدا ناھايىتى ئاسانلا سۇسلاشقا باشلايدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر يىلدىن ئارتۇق بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، بۇمۇ ھەم رەئىس ماۋ زېدۇڭ سۈرىتىنى يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشنىڭ سەۋەبى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-، 80-يىللىرىدا، رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ سۈرىتىنى سىزىشقا ئاساسلىق ئىشلىتىلگەن بۇياقلار تيەنجىن گۈزەل سەنئەت بۇياق زاۋۇتى ۋە شاڭخەي گۈزەل سەنئەت بۇياق زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان بۇياقلار ئىدى. قىزىل رەڭنىڭ ئاسان ئۆچۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇستازىم «جۇڭگو كۈمۈش مارجىنى» دەپ ئاتىلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك بۇياقنى ئىشلەتكەن. ئەينى چاغدا ئادەتتىكى بۇياقلارنىڭ بىر تېلى 3-4 موچەنگە كېلەتتى، جۇڭگو كۈمۈش مارجىنى بۇياقلىرىنىڭ بىر تېلى ئاز دېگەندىمۇ 6 موچەندىن يۇقىرى ئىدى، بۇ ئەينى چاغدا خېلىلا ئۆرە باھا ھېسابلىناتتى.»

بۇنىڭدىن سىرت، «سۆرەت بەكلا چوڭ بولغاچقا، سۆرەت رەختى پۈتۈن چىقمايتتى، بىر نەچچە پارچە رەختنى تىكىپ ئۇلاش ئارقىلىق تەييارلىناتتى، تىكىلىشى تەكشى بولمىغاچقا، سۈرەت يۈزىدە ئىككى توغرا سىزىق روشەن ئەكس ئېتىپ قالاتتى، بۇ سۈرەتنىڭ ئىستىتېك تۇيغۇسىغا تەسىر يەتكۈزەتتى. بۇ مەسىلىنى ئۇستازىم خاربىن شەھەرلىك چىگە زاۋۇتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ سىناق قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا كەڭ يۈزلۈك ماي بۇياق رەسىم رەختىنى توقۇپ چىقتى.»

نۇرغۇن كىشىلەر شىڭ چيۇچېڭغا مۇنداق سوئال قويغان: «بىز مەيلى قايسى ئورۇندا تۇرۇپ سۈرەتكە قارايلى، رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ كۆزى بىزگە تىكىلىپ تۇرىدىكەن، بۇ نېمە ئۈچۈن؟» 

-بۇ ھېچقانچە سىرلىق ئىش ئەمەس، -دېدى شىڭ چيۇچېڭ جاۋابەن، -مەسىلەن، سىز كامېراغا قاراپ ئۆزىڭىزنى سۈرەتكە تارتسىڭىز، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن بۇ سۈرەتكە قارىغىنىڭىزدا، سۈرەتتىكى كۆزلىرىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزگە تىكىلىپ تۇرغانلىقىنى بايقايسىز. رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ سۈرىتىمۇ ئەسلىدىنلا مۇشۇنداق سىزىلغان، سۆرەت سىزغۇچىنىڭ ئاساسىي ماھارىتى كامالىغا يەتكەنلا بولسا، رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ ئوبرازىنى دەل جايىدا تەسۋىرلەپ، روھىي سالاپىتىنى روشەن ئىپادىلەپ بېرەلىسە، سۈرەتتىن ئەنە شۇ ئۈنۈم ھاسىل بولىدۇ. ئۇستازىم (ۋاڭ گودۇڭ)نىڭ ئوبرازنى ئىپادىلەپ بېرىش ماھارىتى كەسىپ ساھەسىدىكىلەر ئىچىدە ھەقىقەتەن قالتىس ھېسابلىنىدۇ.

شىڭ چيۇچېڭ يەنە مۇنداق قارىغان: 

-مېنىڭچە، بۇ ھەم دۆلىتىمىزنىڭ ئوبرازى، ھەم دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئەنئەنىسى. بۇ ئەنئەنە دەل نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن كىشىلەر، قانچىلىغان پېشقەدەم سەنئەتكارلارنىڭ بوشاشماي كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا شەكىللەنگەن ئالاھىدە تەجرىبە، ئۆلچەم ۋە مەشغۇلات تەرتىپى، بولۇپمۇ خېلى بۇرۇنلا شەكىللەنگەن ئالاھىدە رەسساملىق ماھارىتى. يەنە ئېيتساق، سىزىلغان سۈرەت بىلەن تارتىلغان سۈرەت ئوخشىمايدۇ، چوڭ ھەجىملىك رەسىم بىلەن ئادەتتىكى ماي بۇياق رەسىممۇ بىر گەپ ئەمەس، چۈنكى، سەنئەتكارلار داھىيمىزنىڭ چوڭ ھەجىملىك ماي بۇياق سۈرىتىنى ھەر قېتىملىق سىزىپ چىققاندا، سۈرەتكە ئاساسەن ئىنچىكىلىك بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىقىدۇ ھەمدە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ بەدىئىي ئىپادىلەشكە تىرىشىدۇ، داھىيمىزنىڭ ھەر بىر قېتىمدا سىزىپ چىقىلغان ماي بۇياق رەسىمى كەسكىن، قاتتىق تەلەپ ئاستىدا قايتا يارىتىلغان چوڭ ھەجىملىك ماي بۇياق رەسىم ئىجادىيىتى ھېسابلىنىدۇ.

00350510100_i1000420000277be_1a68d0c6.jpg
U020181009380840388701.jpg
U020181009381637806708.jpg
a01.jpg