شىنجاڭدىن چىققان داڭلىق رىياسەتچى لى يۇڭ ۋاپات بولدى
0
2018-11-05 10:24:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل خۇدابەردى

 

29-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، لى يۇڭنىڭ رەپىقىسى خا ۋېن يازما يوللاپ، يولدىشى لى يۇڭنىڭ كۆز يۇمغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يازمىسىدا مۇنداق دېگەن:

«ئامېرىكىدا، 17 ئايغا سوزۇلغان راكقا قارشى داۋالاشتىن كېيىن، 2018-يىل 10-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت 5تىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، سۆيگىنىمدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدىم...»

شۇنداق ۋاپات بولغىنى دەل ئۇنىڭ قەدىرلىك يولىدىشى ھەم شۇنداقلا مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسىىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى - لى يۇڭ.

لى يۇڭ 1968-يىل 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، جۇڭگو ئاخبارات ۋاسىتىچىلىكى ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ پروگرامما رىياسەتچىسى، جۇڭگو ئاخبارات ۋاسىتىچىلىكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى.

1987-يىلى ئۇ جۇڭگو ئاخبارات ۋاسىتىچىلىكى ئۇنىۋېرسىتېتىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1991-يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا خىزمەتكە چۈشۈپ، پروگرامما تۈزگۈچى ۋە رىژىسسور بولغان. 1996-يىلى مەخسۇس پروگرامما تۈزۈش ۋە رىژىسسورلۇق قىلىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان ھەمدە ھۆججەتلىك فىلىم «شياڭگاڭدىكى ئۆزگىرىشلەر»نىڭ چۈشەندۈرۈگۈچىسى بولغان. 1998-يىلى ئۇنىۋېرسال سەنئەت پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئېلىشقا باشلىغان ھەمدە شۇ يىلى ئەقلىي ئويۇن تۈرىدىكى «تەلەي 52» پروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. 2002-يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ رىياسەتچىسى بولغان. 2003-يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2-قانىلىدا تارقىتىلىدىغان ئاۋام ئىچىدىن سەرخىللارنى تاللاش تۈرىدىكى پروگرامما «قالتىس 1+6» پروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. 2004-يىلى، سەرخىللارنى تاللاش تۈرىدىكى «ئارزۇيۇمدىكى جۇڭگو» پروگراممىسىنىڭ باش لايىھىلىگۈچىسى بولغان. 2008-يىلى، داڭلىقلار بىلەن سۆھبەت تۈرىدىكى «لى يۇڭنىڭ شادىيانە سۆھبەتلىرى» پروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلىشقا باشلىغان. 2009-يىلى «مەڭگۈلۈك لى يۇڭ» ناملىق تەرجىمىھالىنى نەشر قىلدۇرغان. 2013-يىلى لى يۇڭنىڭ كادىرلىق ئارخىپى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن رەسمىي جۇڭگو ئاخبارات ۋاسىتىچىلىكى ئۇنىۋېرسىتېتىگە يۆتكەلگەن.

2010-يىلى، لى يۇڭ «مۇنەۋۋەر ئاڭلاتقۇچى ۋە رىياسەتچى»، تېلېۋىزىيە پروگراممىسى رىياسەتچىلىكىنىڭ 30 يىللىقى بويىچە يىللىق داڭدار شەخس نامىغا ئېرىشكەن. 2013-يىلى 10-نۆۋەتلىك «خۇادېڭ مۇكاپاتى» جۇڭگو بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر رىياسەتچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

لى يۇڭ بىلەن خا ۋېننىڭ تونۇشۇشى تولىمۇ كومىدىيەلىك بىر جەريان ئىدى. خا ۋېن ئەسلىدە لى يۇڭنىڭ ساۋاقدىشى بولۇپ، نىڭشيادىن ئىمتىھان ئارقىلىق جۇڭگو رادىيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاڭلىتىش كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. دەسلەپتە خا ۋېن لى يۇڭنىڭ كۆزىگە يان تەرەپتىن قارىماققا تولىمۇ چىرايلىق، قاش-كۆزلىرى جايىدا كۆرۈنگەن. شۇنىڭ بىلەن لى يۇڭ ھەر كۈنى دەرس ئوقۇۋېتىپ ئۇنىڭغا رەسىم سىزىپ ئەۋەتكەن. شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ئىككىسى تۇرمۇش يولىغا ئورتاق قەدەم قويغان.

تورداشلارنىڭ قالدۇرغان سۆزلىرى
-يۇڭ ئاكا، ئاق يول تىلەيمەن.
-ھېلىمۇ ئىسىمدە، كىچىك ۋاقتىمدا چوڭلار بىلەن بىرگە ئۇ رىياسەتچىلىك قىلغان پروگراممىنى كۆرەتتۇق.
-ھە؟؟؟ ئۇنداق ئەمەستۇ، راستما؟ لى يۇڭ مۇئەللىم؟ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ.
-يۇڭ ئاكا، ئاق يول بولسۇن.
-ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ!
-ھە؟؟؟ بوۋام ئۇنىڭ پروگراممىلىرىنى قويماي كۆرەتتى! ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ.
-ئۇنداق ئەمەستۇ، كىچىك ۋاقتىمدا ئۇ رىياسەتچىلىك قىلغان پروگراممىلارغا بەك ئامراق ئىدىم.
-بەكلا تۇيۇقسىز ھە!
-سىز چوقۇم چاخچاق قىلىۋاتىسىز، بولدى قىلىڭ، بۇنداق چاخچاق قىلماڭ، بۇ چاخچاق بىزەمۇ قىزىق بولمىدى.

لى يۇڭنىڭ مىكرو بىلوگىدىكى ئەڭ ئاخىرقى يازمىسى 2017-يىل 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدە توختاپ قالغانىدى.

بىراق مانا بۇخەۋەر تارقىلىپ بىردەمنىڭ ئىچىدىلا پۈتۈن خەلىق ئاممىسى قاتتىق قايغۇردى.

كىشىلەر بىر تەرەپتىن قاتتىق ئىچىنسا بىر تەرەپتىن قاتتىق قايغۇردى. مانا بۇ يۇمۇرىستىك خاراكتىرگە ئىگە ، تەبئىي دولقۇنسىمان چاچلىرى بار.بىردەۋر كىشىلىرىنىڭ بالىلىقى ھەم ياشلىقىغا ھەمراھ بولغان داڭلىق رىياسەتچى 50يىشىدا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خۇشلاشتى.

ئۇنىڭ 《幸运52》،《非常6+》، قاتارلىق پىروگراممىلاردىكى نادىر رىياسەتچىلىك ئۇسلۇبى ئىلگىرى مىليۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىگە سىڭىپ ئۇلارغا چەكسىز خۇشاللىقلارنى ئاتا قىلغان .

ئۇ ۋاقىتلاردا لى يوڭ مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانىسىدىكى بىردىنبىر چىچىنى بۇياپ رىياسەتچىلىك قىلالىغان رىياسەتچى.

ئۇ گۈللۈك كۆينەك بىلەن ئۇچلۇق ئايىقىنى كىيگىنىچە، ئۆزىنىڭ ھىچكىمگە ئۇخشىمايدىغان شىبلىت كاستىيۇملىرى بىلەن سەھنىدىن ئوت چىقىرىپ كىشىلەرنى لال قىلغان.ئەينى ۋاقىتتا ئۇ دائىم قولىدا بىر قۇلۇلىنى تۇتىۋىلىپ ئىكرانغا قاراپ " قېنى كىمنىڭ پۇرسىتى بار؟" دەپ نۇرغۇن قىتىم تەكرارلايتى.

非常6+1 پىروگراممىسىدا بولسا ئۇ دائىم قاتناشقان ماھىرلاردىن قايسى تۇخۇمنى تاللايدىغانلىقىنى كۈلۈپ تۇرۇپ سۇرايتى.

ئەگەرماھىرلار مۇكاپاتقا ئېرىشپلا قالسا ئۇ بولقىنى يەرگە قۇيۇپلا ماھىرلاېنى مىھرى بىلەن چىڭ قۇچاقلاپ قوياتتى.

《幸运52》پىروگراممىسىدا بولسا ئۇنىڭ ھەممىدىن بەلگىلىك ھەرىكىتى دەل قولىدىكى كارتىنى تاشلاش بولۇپ ئۇنىڭ بۇخىل ئادىتى 《幸运52》 پىروگراممىسدىن《咏乐汇》 پىروگراممىسىغىچە ئۆزگىرىپ باقمىدى.

مانامۇشۇنداق ئۆزگىچە ئادەتلىرى كېلىشكەن قامىتى بىلەن ئۇ دۆلىتىمىز ئونىۋىرسال پىروگرامملىرى رىياسەتچىلىرىنىڭ كوزىرى بولۇپ كەلگەن .

مەن ئۆزەمنى مىيخۇا گۈلىگە ئۇخشىتىمەن، تا بۈگۈنگىچە" 10 مۇنەۋۋەر رىياسەتچى " بولۇپ باھالانغان بولساممۇ بىراق يەنىلا داۋاملىق پورەكلەپ ئىچىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن .
ئۇ ئۆزىنىڭ تۇغما بولغان يۇمۇرىستىك خاراكتىرى ئارقىلىق داۋاملىق تۈردە كۆرۈرمەنلەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلىپ كەلدى. 喜剧总动员ناملىق پىروگراممىدا ئۇ ھەتتا داڭلىق كۈلدۈرگە چولپانلىرى بىلەن بىرلىشىپ كۈلدۈرگە ئورۇنلىدى.

باشلىنىشىدىكى كىشىنى جەلب قىلىدىغان دولقۇنسىمان بۈدرە چاچلىرىدىن تاكى ئاخىرىقى ئۆمۈرلىرىدىكى قىسقا چاچلىرىغىچە، مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانىسدىكى ۋاقىتلىرىدىن تارتىپ ئاخىرىدكى توردىكى ئونىۋىرسال پىروگراممىلارغا رىياسەتچىلىك قىلىشقىچەبۇلارنىڭ ھەممىسى كىنولىنتىسىدەك كۈز ئالدىمىزدىن ئۆتمەي قالمايدۇ.  

لى يۇڭ ۋە رەپىقىسى خا ۋېن.

شۇنداق ھايات مانا مۇشۇنچىلىك قىسقا ھەممىمىزبالىلىقىمىزغا، ياشلىقىمىزغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن، بىزھەممىدىن ئامراق چولپانلىرىمىزنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ قاتتىق قايغۇرۇشقا باشلىدۇق.

 

 

1123658515_15412478846931n.jpg
U020181031369820321634.jpg
U020181031371653937910.jpg
1111111.jpg