تىرامپنىڭ بۇ سۆزى ئامېرىكىدا يەڭگىمەكچى بولغانلارنى چۆچۈتۈۋەتتى
0
2018-11-05 10:33:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

 ئامېرىكا ئاخبارات تورى Axios نىڭ 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېلان قىلغان مەخسۇس زىيارەت ۋىدېيوسىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى تىرامپ زۇڭتۇڭ مەمۇرىي بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا پۇقراسى ھېسابلانمايدىغانلارنىڭ ئامېرىكىدا تۇغۇلغان پەرزەنتلىرى ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە پۇقرالىق سالاھىيىتى بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئويى بارلىقىنى بىلدۈردى.

تىرامپنىڭ بۇ ئىپادىسى ۋاشىنگتون ۋە ئامېرىكا جەمئىيىتىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى ھەمدە بەس مۇنازىرە قوزغىدى. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، تىرامپنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بىر ھەپتە بۇرۇن بۇ ئىپادىنى بىلدۈرۈشىدىكى مەقسىتى قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىۋاتقان كونسېرۋاتىپ سايلىغۇچىلارنىڭ رايىغا بېقىش ئۈچۈن ئىكەن، بىراق بۇ ئاساسىي قانۇنغا تاقىلىدىغان، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ساھەسى ۋە قانۇنشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئاساسلىق تونۇشقا جەڭ ئېلان قىلغانلىق ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن كۈچلۈك تەۋسىيە قىلغان كۆچمەنلەر سىياسىتىدىنمۇ بەكرەك قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىشى ھەمدە ئەمەلگە ئاشماسلىقى مۇمكىن.

قانۇنىي مەسلىھەتچىنىڭ قوشۇلۇشسىلا تىرامپ پارلامېنتتىن «ئايلىنىپ» ئۆتۈپ كەتمەكچى

بۇ قېتىمقى مەخسۇس زىيارەتتە تىرامپ مۇنداق دېگەن :«ئامېرىكا كىشىلەرنىڭ بۇ دۆلەتكە كېلىپ يەڭگىشىگە رۇخسەت قىلغان دۇنيادىكى بىردىنبىر دۆلەت، تۇغۇلغان بالا يەنە ئامېرىكىدا ئۆزلۈكىدىن پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ».

زىيارەتنىڭ كەسمە سۈرىتى

تىرامپ يەنە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئۆز پۇقراسى بولمىغانلار ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە پۇقرالىق سالاھىيىتى بەرمەسلىكى كېرەك، بۇ تولىمۇ بىمەنىلىك، چوقۇم بۇ ئەھۋالنى چەكلەش كېرەك».
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇنى قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن، بىراق مەن مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاشنى تاللايمەن. مەن بۇ ئىشنى قانۇن مەسلىھەتچىسىدىن سورىدىم، بۇ پىلان ھازىر ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ».

ئامېرىكا پارلامېنتى 1868-يىلى ئاساسىي قانۇننىڭ 14-قېتىملىق تۈزىتىلمىسىنى ماقۇللاپ، «ئامېرىكىدا تۇغۇلغان ياكى ئامېرىكا پۇقراسى بولغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ شۇنداقلا ئۇلار تۇرۇۋاتقان ئىشتاتنىڭ پۇقراسى بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. تىرامپنىڭ بۇ قىلمىشى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ بولغاچقا، كەسكىن بەس -مۇنازىرە قوزغىغان.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى قىسمەن سىياسىيونلار ۋە كونسېرۋاتىپ ئۆلىمالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوللىغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، ئاساسىي قانۇن بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىزچىل «خاتا ئوقۇۋېلىنغان»، ئەمەلىيەتتە بۇ قانۇن قانۇنسىز كۆچمەنلەر ياكى قانۇنلۇق ۋىزىغا ئىگە بولغان چەت ئەللىك پۇقرالارغا ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەك ئىكەن.

تەنقىدچىلەرنىڭ قارىشىچە، تىرامپنىڭ زۇڭتۇڭ مەمۇرىي بۇيرۇقىغا تايىنىپلا ئاساسىي قانۇنغا قايتا چۈشەنچە بېرىشى ياكى ئۇنىڭدىكى ماددىلارنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقى يوق ئىكەن. بۇ قاراشتىكىلەر ئىچىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكىلەرمۇ خېلى كۆپ.

ئامېرىكا خەلق ھوقۇقى بىرلەشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، تىرامپنىڭ بۇ قىلمىشى «ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ»، مەمۇرىي بۇيرۇق ئاساسىي قانۇندىن ئۈستۈن تۇرماسلىقى كېرەك، دەپ قارىدى.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن چىققان ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پائۇل ريان مۇنداق دېدى: «تىرامپنىڭ مەمۇرىي پەرمان ئارقىلىقلا تۇغۇلغانلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرسا بولمايدىغانلىقى ئىنتايىن ئېنىق. ئاساسىي قانۇننىڭ 14-قېتىملىق تۈزىتىلمىسىدە بۇ توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە بار».

تىرامپ ھۆكۈمىتى قوشما ئىشتات نارازىلىق ئەرزى سەييارە سوت كوللېگىيەسىنىڭ سودىيەلىكىگە نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن جامېس خونىڭ قارىشىچە، قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى تۇرغۇچىلار بىر تەرەپتىن قانۇننى ھىمايە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا جار سېلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاساسىي قانۇن توغرىسىدا تەكلىپ بەرسە بولمايدىكەن.

6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدە كىشىلەر «قېرىنداشلارنى ئايرىۋېتىش» كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان قانۇن ئىجرا قىلىش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش نامايىشى قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى مۇزى فوتوسى

بۇنىڭدىن باشقا، كالىفورنىيە RSMC دوختۇرخانىسىدىكى پىروبىركىدا بوۋاق يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جۇڭگولۇق مۇتەخەسسىسنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، گەرچە نىشان قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە توغرىلانغان بولسىمۇ، لېكىن تىرامپ ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان كۆچمەنلەر سىياسىتى، بولۇپمۇ تۇغۇلغانلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈش دۆلەت ھالقىپ يەڭگىشكە ئېھتىياجلىق بولغان چەت ئەللىك كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. شۇ جايدىكى پىروبىركىدا بوۋاق يېتىشتۈرىدىغان بىر قىسىم ئورۇنلار، ۋاكالىتەن قورساق كۆتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇنلار، قىرىقىدىن چىقىرىش مەركەزلىرى قاتارلىق ئاپپاراتلار ئۇچرايدىغان تەسىرگە يېقىندىن ئېتىبار بېرىپ ھەمدە باھا بېرىپ، بازارنىڭ مەركىزىنى تەڭشەش ياكى تەڭشىمەسلىكنى قارار قىلىدىكەن.

مەمۇرىي بۇيرۇق مەجبۇرىي يۈرگۈزۈش

ياكى سوتقا چىقىش

بۇ يىل ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنىڭ 14-قېتىملىق تۈزىتىلمىسىنىڭ ماقۇللانغانلىقىغا 150 يىل بولدى. ئامېرىكىدىكى ئاساسىي قانۇن مۇتەخەسسىسى جون ئېستماننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تۈزىتىلمە ئىنتايىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئەدلىيەلىك ئەمەلىيەت باسقۇچىدىن ئۆتكەن ئىكەن، 40 يىلدىن بۇيان ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بارلىق بوۋاقلارنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئاساسىي تونۇش بولۇپ قالغان.

تىرامپ 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاقسارايدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

ئامېرىكا قوشما ئىشتات ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتقا چىققۇچى ئادۋوكاتى جاڭ جۈن مۇنداق دېدى :«ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن پارلامېنتتىكى كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتاسىدىن ئىبارە ئىككى پالاتادىكى 3/2 قىسىم ئەزانىڭ ياكى 3/2 قىسىم ئىشتات پارلامېنتىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكىرىگە قوشۇلۇشىغا ئېرىشىش، ئاخىرىدا يەنە 4/3 قىسىم ئىشتاتلىق قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. قانۇن چىقىرىش جەريانلىرىنى نورمال بېسىپ ئۆتۈش ئېنىقلا تەسكە توختايدۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكىلەر قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق ئاساسىي قانۇننىڭ 14-قېتىملىق تۈزىتىلمىسىنىڭ ئىزاھاتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇپ مەغلۇپ بولغانىدى. تىرامپنىڭ مەمۇرىي بۇيرۇقنى مەجبۇرىي يۈرگۈزۈپ ‹ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتمەكچى› بولغانلىقى تېخىمۇ بەك كەسكىن تالاش -تارتىش پەيدا قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچلۈك سىنىقىغا دۇچ كېلىدۇ».

ئامېرىكا ساينىت -ئانسېلم شۆيۈەننىڭ ياردەمچى پىروفېسسورى كىرستوف گالدىيېر مۇنداق دېدى :«ناۋادا تىرامپ مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاشتا چىڭ تۇرۇۋالسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇلىدۇ، بىۋاسىتە توختىتىۋېتىش ئېھتىماللىقىمۇ بار؛ دەۋا چىڭىغا چىقىپ، قوشما ئىشتات ئالىي سوت مەھكىمىسىگىچە بارغان تەقدىردىمۇ، باش سوتچىنى زۇڭتۇڭنىڭ مەمۇرىي ھوقۇقى بىلەن ئاساسىي قانۇندىكى ماددىلارغا قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىشىگە قايىل قىلىشمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس». 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدىكى كېننېدى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا سۇرىيەدىن كەلگەن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشمەكتە. ئامېرىكا قوشما ئىشتات 9-سەييارە نارازىلىق ئەرزى سوت مەھكىمىسى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەردە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش جەريانىدا «رابات ھۆكۈمى»نى ئىجرا قىلىشنى جىددىي توختىتىش تەلىپىنى ئىنكار قىلغان. دېمەك بۇ زۇڭتۇڭ تىرامپ ئىمزالىغان چېگرادىن كىرىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ۋاقتىنچە ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى برۇكنىس شۆيۈەننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى داررېل ۋېست مۇنداق دېدى :«تىرامپنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۇنىڭ‹كۆچمەنلەر كوزىرى›نى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىدۇر، ئۇنىڭ مەقسىتى كونسېرۋاتىپ سايلىغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ نامزاتلىرى ئۈچۈن ئاۋاز توپلاشتۇر».
ئامېرىكىدىكى جامائەت پىكىرىدە ئومۇميۈزلۈك ھالدا تىرامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ھەرىكەت قوللانمايدۇ، دەپ قارالماقتا.

مەمۇرىي بۇيرۇقنى ئىشلىتىش ئاسان بولسىمۇ، لېكىن قانۇن ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ

تىرامپ «كۆچمەنلەر كوزىرى»نىڭ ياردىمىدە ئاقسارايغا كىرگەندىن كېيىنكى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئالدى -كەينى بولۇپ «چېگرادىن كىرىشنى چەكلەش بۇيرۇقى»، ئامېرىكا -مېكسىكا چېگراسىغا تام قوپۇرۇش پىلانى، قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان «قېرىنداشلارنى ئايرىۋېتىش» چارىسى قاتارلىق قاتتىق قوللۇق بىلەن چىقىرىلغان كۆچمەنلەر سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئامېرىكىدا زور تالاش -تارتىش ۋە قارشىلىق پەيدا قىلدى، خەلقئارا جەمئىيەتتىمۇ نۇرغۇن تەنقىدكە ئۇچرىدى.

2-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا نەچچە مىڭلىغان ئامما ئاقساراينىڭ ئەتراپىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئىمزالىغان چېگرادىن كىرىشنى چەكلەش بۇيرۇقىغا قارشىلىق كۆرسەتمەكتە

ئەگەر «كۆچمەنلەر كوزىرى»نى ئىشلىتىش توغرا كەلسە تۈگىگىچە ئىشلىتىش، مەمۇرىي بۇيرۇقنى «قانۇن» ئورنىدا ئىشلىتىش، ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنى ۋەيران قىلىۋېتىشى، ئۇنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاجىزلىتىۋېتىشى مۇمكىن.

ئارقا كۆرۈنۈش ئۇلانمىسى

ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنىڭ 14-قېتىملىق تۈزىتىلمىسى جەنۇب -شىمال ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇنىڭدىكى دەسلەپكى مەقسەت ئازاد بولغان قارا تەنلىك قۇللار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئامېرىكىنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىنى بېرىش بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن، باشقا ئىرقتىكىلەرمۇ توختىماي دەۋا قىلىش ئارقىلىق باراۋەر ھوقۇققا ئېرىشكەن.

مەسىلەن، 1898-يىلى، «ئامېرىكا خۇاڭ جىندې دەۋا دېلوسى»دا خۇاڭ جىندېنىڭ ئاتا -ئانىسى جۇڭگولۇق، دەپ، ئۆزى ئامېرىكىدا تۇغۇلغاچقا، ئامېرىكا پۇقراسى، دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان.

ئەلۋەتتە ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمىسى ھەمدە ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى چىقارغان ھۆكۈمنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئوخشىمىغان تارىخى دەۋردە ئوخشاش بولمىغان. مەسىلەن، بۈيۈك دېپرېسسىيە مەزگىلىدە ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتى ۋە تېكساس ئىشتاتى ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان مېكسىكىلىقنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئاھالىنى مېكسىكىغا قايتۇرۋەتكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، تىرامپنىڭ دېگىنىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئامېرىكىدىكى ئاقىللار ئامبىرى كۆچمەنلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، دۇنيادىكى 30 دۆلەتتە تۇغۇلغانلار شۇ دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئېرىشەلەيدىكەن.

پېۋ تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2003-يىلى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 3 مىليون 100 مىڭىنىڭ ئاتا -ئانىسىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ بىرى قانۇنسىز كۆچمەن ئىكەن. 2012-يىلى بۇ سان 4 مىليون 500 مىڭغا يەتكەن.

 

1123658515_15412478846931n.jpg
U020181031369820321634.jpg
U020181031371653937910.jpg
1111111.jpg