جۇڭگوغا ئاپىرىن! ھىندىستاندىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ھەيكەل
0
2018-11-28 17:08:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

ھىندىستان زۇڭلىسى مودى يېقىندا يۇرتى گۇجارات ئىشتاتىدا ئېگىزلىكى 182 مېتىرلىق دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ھەيكەل «ئىتتىپاقلىق ھەيكىلى»نىڭ يوپۇقىنى ئاچتى. بۇ ھەيكەل ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىق قەھرىمانى سادار ۋالاباي پاتېرنى ئەسلەش ئۈچۈن ياسالغان.

«ئىتتىپاقلىق ھەيكىلى» گۇجاراتنىڭ چەت قىسمىدىكى نارمادا رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئېگىزلىكى ئامېرىكا نىيۇيوركتىكى ئەركىنلىك ئايال ئىلاھى ھەيكىلىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ھەيكەلدە پاتېرنىڭ تىك تۇرۇپ، سادار سالۋار توسمىسىغا قاراپ تۇرغانلىقى ئىپادىلەنگەن.

ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار بىلەن كۆكتىن گۈل چاچقان. ھىندىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇسۇل ئۆمەكلىرى يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىدا ئويۇن قويغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، قۇرۇلۇشقا تۆت يىل ۋاقىت كەتكەن بولۇپ، 29 مىليارد 900 مىليون رۇپىيە (تەخمىنەن 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) مەبلەغ سەرپ قىلىنغان. 3000 دىن ئارتۇق ئىشچى ئىشلىگەن، تەخمىنەن 1000 مىڭ توننا بېتون ۋە پولات ئىشلىتىلگەن. ھەيكەل 6.5 بال يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن.

يېقىندا ئۆتۈپ كەتكەن ھىندىستاننىڭ يېڭى يىل چىراغ تىزىش بايرىمىدا، ھىندىستاندىكى «ئىتتىپاقلىق ھەيكىلى» شۇ يەردىكى كىشىلەرنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

ئېكسكۇرسىيە قىلىش بېلىتىنى توردىن زاكاز قىلغىلى بولىدىكەن، 350 رۇپىيە (4.75 ئامېرىكا دوللىرى) خەجلىسىلا، ھەيكەلنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى 153 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىغا چىققىلى بولىدىكەن.

ھەيكەلنىڭ تەگ قىسمى بىر مۇزېي بولۇپ، 40 مىڭ ھۆججەت، 2000 پارچە رەسىم ساقلانغان، يەنە پاتېرنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان تەتقىقات مەركىزى بار.

مودى ئىلگىرى، بۇ تۈرنىڭ ئىنتايىن مۇھىم مەنزىرە نۇقتىسى بولۇپ، شۇ يەرنىڭ ساياھەت كەسپىنى گۈللەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ يەرنىڭ ھەر كۈنى 15 مىڭ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.

مۇخبىرنىڭ سەنيى ئېغىر سانائەت ھىندىستان شەخسىي چەكلىك شىركىتى (قىسقارتىلىپ «سەنيى ھىندىستان» دېيىلىدۇ) دىن ئىگىلىشىچە، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار ئېغىر سانائەت قوراللىرى، مول قۇرۇلۇش تەجرىبىسى ۋە كۈچلۈك سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتكە ئىگە بولغانلىقتىن، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز بۇ ھەيكەلنى ياساش جەريانىدا، جۇڭگونىڭ تېخنىكىسىمۇ مۇھىم ۋە ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرغان.

لايىھە تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەيكەلگە 210 مىڭ كۇپ مېتىر بېتون قۇيۇلغان. بۇنىڭدىن سىرت، قۇرۇلۇشتا يەنە 18500 توننا پولات، 6500 توننا قۇرۇلما پولات، 1700 توننا بىرونزا، 565 پارچە چوڭ تاختا ۋە 6000 دانە كىچىك تاختا ئىشلىتىلگەن.

سەنيى گۇرۇھىنىڭ مۇۋىن لىدىرى، قوشۇمچە سەنيى گۇرۇھىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى باك جاگېر مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: «ھىندىستاندا، بىز ئىختىساسلىقلارنى يەرلىكلەشتۈرۈش، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە تەتقىقاتنى يەرلىكلەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ھەيكەلنى ياساشقا مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتنىشىش ۋە ياردەم بېرىش، سەنيى ئېغىر سانائىتىنىڭ يەرلىكلەشتۈرۈشنىڭ يەنە بىر قېتىم گەۋدىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ، بۇ يەنە جۇڭگو ئېغىر سانائەت قوراللىرى ۋە تېخنىكىسىنىڭ دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئەۋزەللىكىنى ئىسپاتلايدۇ.»

 

111111111.jpg
2222222.gif
U020181128387982048374.gif
111111111.jpg