شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى سۇنغان قەغەزچە بىلەن 7 باشلىق تەكشۈرۈلدى
0
2018-12-25 18:17:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

تېلېۋىزىيەدە بىۋاسىتە تارقىلىۋاتقاندا، شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى بىر پارچە كىچىك قەغەزنى سۇنغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئادەم خىزمىتىدىن توختىتىلدى!

12-ئاينىڭ 21-كۈنى، دەلىللەش ئۇچۇرى «شيەنتاۋ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى» دەپ ئاتالغان «ميەنشۈيدا ئىستىل تۈزىتىش» ناملىق ئۈندىدار جامائەت نومۇرىدا «تاراتقۇلارنىڭ سوئال سورىشىغا چېتىلغان خادىملار، چېتىلغان كارخانىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىغا دائىر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» ئېلان قىلىنغان، جەمئىي يەتتە ئادەم خىزمىتىدىن توختىتىلغان.

بۇ ئۇقتۇرۇشنى، شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى كىچىك قەغەزگە يازغان خەتتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

«جاۋاپ بەرگەن ئىدارە باشلىقىنىڭ جاۋابى سوئالدىن بەكلا چەتنەپ كەتكەن، بۇ كىشىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ»

«تاراتقۇلارنىڭ سوئال سورىشىغا چېتىلغان خادىملار، چېتىلغان كارخانىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىغا دائىر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسەن، خىزمىتىدىن توختىتىلغان يەتتە ئادەم، ئايرىم-ئايرىم ھالدا شيەنتاۋ شەھەرلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىك ئىدارىسى، سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىدارىسى، قاتناش-تىرانسىپورت ئىدارىسى، مەدەنىيەت، رادىئو-تېلىۋېزىيە ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى، باھا ئىدارىسى، يېزا-ئىگىلىك ئىدارىسى ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى قاتارلىق ئالتە ئورۇندىن كەلگەن. ئۇقتۇرۇشتا يەنە، بىر قىسىم كىشلەرنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلىپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

يۇقارقىسى دەل بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن شيەنتاۋ شەھەرلىك تاراتقۇلار تېلىۋېزىيەسىدىكى سوئال سوراشتا ئىمتىھان بەرگەن ئالتە ئىدارە. 12-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى بۇ تېلىۋېزىيەدە سوئال سوراش پروگراممىسىمۇ، شيەنتاۋ شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىش جەريانىدا، بىر پارچە كىچىك قەغەزگە يېزىلغان خەتنى بېرىشى بىلەن دىققەتنى قوزغىغان.

شۇ كۈنىدىكى تېلىۋېزىيەدە سوئال سوراشتا، خۇبېي ئۆلكىسى شيەنتاۋ شەھەرلىك سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىدارىسى، قاتناش-تىرانسىپورت ئىدارىسى، مەدەنىيەت، رادىئو-تېلىۋېزىيە ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى، باھا ئىدارىسى، يېزا-ئىگىلىك ئىدارىسى قاتارلىق ئالتە ئورۇننىڭ مەسئۇللىرى «ئىمتىھان» بەرگەن.

پروگرامما باشلىنىشى بىلەن، شەھەرلىك يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش گۇرۇپپىسى سىنغا ئالغان قىسقا فىلىم قويۇلغان بولۇپ، خەنجياڭ دەرياسىدا توك بىلەن بېلىق تۇتۇشنى قانچە توسىسىمۇ توختىماسلىقتەك قىلمىش ئىنكاس قىلىنغان. يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش گۇرۇپپىسى، توك بىلەن بېلىق تۇتقانلارنى بايقىغاندا، بېلىقچىلىق مەمۇرىيىتى تارماقلىرىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلارغا جازا قوللانمىغانلىقىنى بايقىغان، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر پۇل تاپشۇرسىلا تۇتۇشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ سوئالغا قارىتا، سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئۇدۇل جاۋاب بەرمەي «بەلكىم بىزنىڭ خىزمەت ئىستىلىمىز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان.

شەھەرلىك يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش گۇرۇپپىسى يەنە، بىر قىسىم يېزىلارغا تۇتاشتۇرۇلغان تاشيوللارنىڭ كەڭلىكى، قېلىنلىقى ۋە كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنىڭ تەلەپكە يەتمىگەن بولسىمۇ، يەنىلا قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتكەنلىكىنى، يەنە تېخى تولۇقلىما ئالغانلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭغا قارىتا قاتناش-تىرانسىپورت ئىدارىسىنىڭ باشلىقىمۇ مەسىلە ، تۈزىتىش توغرىسىدا سۆزلىمەي، «پۈتۈن شەھەر ئاھالىلىرىنى ياخشى يولدا ماڭدۇرىمىز» دېگەندەك خىزمەت گەپلىرىنى قىلغان.

بۇ خىل پوزىتسىيەگە قارىتا، شيەنتاۋ شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى خۇ جيۇمىڭ بىۋاسىتە قول تىققان.

خۇ جيۇمىڭ بىر كىچىك قەغەزگە تۆۋەندىكىدەك خەتلەرنى يېزىپ، رىياسەتچىدىن نەق مەيداندا ئوقۇشنى تەلەپ قىلغان -«جاۋاپ بەرگەن ئىدارە باشلىقلىرى، چوڭ سۆزلىمىسۇن، قۇرۇق سۆزلىمىسۇن، رەسمىيەت ئۈچۈن سۆزلىمىسۇن، سوئالدىن چەتنەپ كېتىش، ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ».

سوئال سوراش نەق مەيدانىنىڭ كەيپىياتى شۇ زامان جىددىيلەشكەن. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كەمچىل بولغان دېھقانچىلىق دورىلىرى دۇكانلىرىدا، خىمىيىلىك بۇيۇملارنى قالايمىقان قويۇپ قويۇش، پۇقراۋى بالىلار باغچىلىرىنىڭ قالايمىقان ھەق ئېلىشى، يېزا كۇتۇپخانىلىرىنىڭ شەكىلگە تەسىس قىلىنىشى، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش فىلىملىرى ۋە تەكلىپلىك مېھمانلارنىڭ ئۆتكۈر باھالىرى، ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىنى يىڭنە ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك قىلىپ قويغان، ئۇلار مەسىلىلەرنى بىر-بىرلەپ خاتىرىلىگەن ھەمدە نەق مەيداندا پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرگەن.

شيەنتاۋ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى، بۇ ئالتە ئورۇننىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق تۈزىتىش خىزمەتلىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدىغانلىقىنى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىر كۈندىن كېيىنلا «تاراتقۇلارنىڭ سوئال سورىشىغا چېتىلغان خادىملار، چېتىلغان كارخانىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىغا دائىر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» ئېلان قىلىنغان.

«يۈز قىزارغۇدەك نومۇس تۇيغۇسى سوراپ چىقىرىلغان»

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان يەتتە ئادەمنى خىزمەتتىن توختىتىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشتىن سىرت، يەنە چېتىشلىق بەش كارخانىمۇ ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ تۈزىتىش، پېچەتلىنىش ۋە نۇقتىلىق تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللاردا بىر تەرەپ قىلىنغان؛ مۇناسىۋەتلىك كارخانىلاردىن قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەردە، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەكشۈرگەندىن كېيىن ئىلگىرىلەپ بىر تەرەپ قىلىش تىلغا ئېلىنغان.

بىر قىسىم تاراتقۇلار بۇ ئىشقا باھا بېرىپ، خۇ جيۇمىڭ بەرگەن قەغەز گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىسى، ھەر بىر پارتىيەلىك كادىرنىڭ ئەستايىدىل ئويلىنىشىغا ئەرزىيدۇ دېگەن.

بۇ شيەنتاۋ شەھىرىنىڭ تۇنجى قېتىم سوئال سوراش شەكلىدە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىشى ئەمەس.

بۇ يىل 8-ئاينىڭ 16-كۈنى، شيەنتاۋ شەھىرى بۇ يىللىق تۇنجى قېتىم تېلىۋېزىيەدە سوئال سوراشنى ئۇيۇشتۇرغان. يەتتە پارچە يوشۇرۇن زىيارەت فىلىمى ئارقىلىق يېمەكلىك ۋە دورا، داۋالاش ۋە سەھىيە، مائارىپ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى قىيىن مەسىلىلەر ئىنكاس قىلىنغان.

پىروگرامما نەق مەيدانىدا خۇ جيۇمىڭ مۇنداق دېگەن: يوشۇرۇن زىيارەت قىلىنغان قىسقا فىلىمغا چېتىلغان خىزمەتچى خادىملارنىڭ ھەممىسى بىردەك ۋەزىپىسىدىن توختىتىلىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىدۇ؛ چېتىلغان كەسىپ ۋە كارخانىلارنىڭ ھەممىسى بىردەك توختاپ ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىككىنچى كۈنى، بىر نەپەر كادىر بىراقلا ۋەزىپىدىن بوشىتىلغان، 12 ئادەم خىزمەتتىن توختىتىلىپ تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغان.

ئىككىنچى قېتىملىق تېلىۋېزىيەدە سوئال سوراشنى بىۋاسىتە تارقىتىشتىن تۆت كۈن بۇرۇنقى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى، شيەنتاۋ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، تۇنجى قېتىملىق تېلىۋېزىيەدە سوئال سوراشتىكى ئىككى مەسىلە توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئۇقتۇرۇش قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئايالى ئېلىم-بېرىمغا مەسئۇل بولغان، ئۆزى ئايالىغا قوغدىنىش كۈنلۈكى بولۇپ بەرگەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ كادىرى ما جۈنشياڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.

2016-يىلى، شيەنتاۋ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەخسۇس تېمىلىق سوئال سوراش شەكلىدە، مال-چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشنى تۈزەشنى سورىغان. بۇ قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق سوئال سوراشقا قارىتا، خۇ جيۇمىڭ ئىلگىرى، نەق ئاغرىغان ئورۇننى، نەق كەمچىل ئورۇننى سورىغانلىقىنى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق ئاستىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە نومۇس تۇيغۇسىنى سوراپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن. يۈزمۇ-يۈز، نۆل ئارىلىقتا سوئال سوراش ئارقىلىق، بىر خىل ئەستايىدىللىق روھى سوراپ چىقىلغان، شۇنداقلا بىر خىزمەت بېسىمى سوراپ چىقىلغان.

«قانغا تولغان GDP كېرەك ئەمەس، بۇلغىنىش قوشۇلۇپ كەلگەن GDP كېرەك ئەمەس»

بۇ يىل 49 ياشقا كىرگەن خۇ جيۇمىڭ، خۇبېي توڭچېڭدىن، جۇڭنەن سىياسىي-قانۇن شۆيۈەنى (ھازىرقى جۇڭنەن مالىيە-ئىقتىساد، سىياسىي-قانۇن داشۆسى) ئىقتىسادىي قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئىلگىرى خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ باشقارما دەرىجىلىك كاتىپى، خۇبېي ئۆلكىسى يۈنشەن ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 2016-يىلى 7-ئايدا، خۇ جيۇمىڭ خۇبېي ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىدىن شيەنتاۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا يۆتكەلگەن.

بىر ئايدىن كېيىنلا، ئەسلىدىكى شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى خىزمەتتىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، خۇ جيۇمىڭ شيەنتاۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن.

 

 

1123887956_1545393503518_title0h.jpg
d03.jpg
222.jpg
U020181221360270262223.jpg