ئامېرىكا ياسىغان ئەيدىز ۋاكسېنىسى مايمۇنغا تەجرىبە قىلىندى
0
2019-01-03 16:42:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

يېڭى ئۈمىد! ئامېرىكا يېڭى تىپلىق ئەيدىز كېسىلى ۋاكسېنىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، مايمۇنغا تەجرىبە قىلىپ ئۈنۈمگە ئېرىشتى

ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا يېڭى تىپلىق ئەيدىز كېسىلى ۋاكسېنىسىنى تەتقىق قىلىپ چىققان. مايمۇنغا قىلىنغان تەجرىبىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل ۋاكسېنىنى ئەملىگەندە، ئۇلارنى ئادەمنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئوخشاش ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشىدىن ساقلاپ قالغان. بۇ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، داۋالاشقا يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كەلگەن.

ئامېرىكا سىكرېپىس تەتقىقاتخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ «ئېممۇنىتېت» ئىلمىي ژۇرنىلىدا مۇناسىۋەتلىك نەتىجىلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇلار ئەيدىز ۋىرۇسى ئاقسىلىنىڭ سىرتقى پوستىدىكى ئاجىز نۇقتىغا قارىتا بۇ خىل ۋاكسېنىنى ياساپ چىققان، ۋاكسېنا ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدا بىر خىل ئانتىتېلانى ھاسىل قىلغان، بۇ ئانتىتېلا ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئاجىز نۇقتىلارغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، قوغداش رولىنى ئوينىغان.

تەتقىقاتچىلار بىر توپ گانگې دەرياسى مايمۇنلىرىغا ئوخشىمىغان مىقداردا يېڭى ۋاكسېنا ئەملىگەندە، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم مايمۇنلارنىڭ بەدىنىدە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئانتىتېلا ھاسىل بولغان، يەنە بىر قىسىم مايمۇنلارنىڭ بەدىنىدە تۆۋەن سەۋىيەلىك ئانتىتېلا ھاسىل بولغان. ئادەملەر يۇقۇملانغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان مايمۇن ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك ۋىرۇسى بىلەن ئۇچراشقاندا، يۇقۇملانمىغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ بۇندىن كېيىن بۇ خىل ۋاكسېنىنى ئىشلىتىشتىكى مۇۋاپىق مىقدارنى بېكىتىشكە پايدىلىق ئىكەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇندىن بۇرۇنقى ئەيدىز كېسىلى ۋاكسېنىسى تەتقىقات ئىدىيەسىدە ئاساسلىقى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدىكى T ھۆجەيرە قاتارلىقلارغا تايىنىش ئارقىلىق رول كۆرسىتىش بولغان، لېكىن بۇ خىل يېڭى تىپلىق ۋاكسېنا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئانتىتېلا ئارقىلىق تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، تەسىر قىلىش مېخانىزمى ئوخشىمايدۇ، بۇ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاشنى يېڭى پىكىر يولى بىلەن تەمىنلىگەن.

تەتقىقاتچىلار نۆۋەتتە ئىنسانلارغا كىلىنىكىلىق تەجرىبە ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل يېڭى تىپتىكى ۋاكسېنىنىڭ بالدۇرراق قوللىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

a06.jpg
s13.jpg