ۋاقىت نەگە كەتتى؟ شى جىنپىڭنىڭ 2018-يىلى
0
2019-02-09 10:15:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

بىز دائىم ۋاقىت ھەش-پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كەتتى، دەپ ئۇھسىنىمىز، ئۆتكەن بىر يىل نەگە كەتتى؟ بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2018-يىللىق ۋاقىت جەدۋىلىدىن جۇڭگونىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغانلىقى توغرىسىدىكى جاۋابلارنى ئىزدەپ تاپايلى.

ئاشكارىلانغان ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا، شى جىنپىڭ 429 تۈرلۈك ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە قاتناشتى، يەنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئايدا 36 تۈر.

ئۇ يەنە «ئۆز مەيدان دىپلوماتىيەسى»دىن تۆتكە، تاشقى ئىشلار پائالىيىتىدىن157گە رىياسەتچىلىك قىلىپ، 98 دۆلەتنىڭ 126 رەھبىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇنىڭ ئاياغ ئىزى بەش قىتئەدىكى 13 دۆلەتكە يېتىپ، باسقان مۇساپىسى جەمئىي 110 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى، بۇ مۇساپە يەرشارىنى ئىككى يېرىم قېتىم ئايلىنىپ چىقىشقا يېتىدۇ.

بۇ بىر يىلدا، جۇڭگونىڭ «دوستلار چەمبىرىكى» كېڭەيدى، ئىسلاھاتنىڭ قەدىمىمۇ تېزلەشتى. شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سەككىز قېتىملىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىنىڭ باش تېمىسى «نامراتلارنى يۆلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش» بولدى. ئۇنىڭغا ئوخشاش ئالدىراش ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك رەھبەر جۇڭگو خەلقىنى تىرىشپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە، كەلگۈسى ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىمەكتە.

企业微信截图_20190204133129.png
1413624012.jpg
1124081360_15491156949761n.jpg