«بۇ ئېتۇتتا ئەمەلىي ئىستىل مەسىلىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ...»
0
2019-02-09 10:18:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

«ياخشى، بەك ياخشى بوپتۇ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئىستىل مەسىلىلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپتۇ»، «بەك ئەمەلىي بوپتۇ». ھارپا كۈنى كەچتە چاغانلىق كېچىلىكتىكى «سىزگە ئويۇن قويۇپ بېرەي» ناملىق ئېتۇتتا كەنت مۇدىرىنىڭ تەكشۈرگۈچىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن «ئەستايىدىللىق» بىلەن ئورۇنلاشتۇرغان ئويۇنى تۈپەيلى پەيدا بولغان قىزىقارلىق ئىشلار بايان قىلىنغان. تورداشلار بۇ ئېتۇتنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلغان.

بۇ ئىتوتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئالقىشلىنىشىدىكى سەۋەب ئارتىسلارنىڭ ئېسىل ماھارىتى بىلەن كۆپچىلىككە كۈلكە ئاتا قىلغانلىقى بولۇپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى يەنە ئۇنىڭدا ئاممىنىڭ ئاغرىش نۇقتىسى، قىيىن نۇقتىسى، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتىلار مەزمۇن قىلىنغان. ئىتوتتىكى كەنت مۇدىرى نەيرەڭلىرى تولا، كاللا ئوينىتىشقا ئۇستا ئادەم بولۇپ، ئادەمنىڭ ئۆچلىكىنى كەلتۈرگەندىن باشقا يەنە، كۆپچىلىككە «ئىلگىرى بۇ كىشىنى تونۇيدىغاندەك» تۇيغۇ بېرىدۇ.

 

سەنئەت تۇرمۇشتىن كېلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان دېلو مىساللىرىدىن قارىغاندا، ئېتۇتتىكى كەنت مۇدىرىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنىڭ ھەممىسى «ئىنتايىن تىپىك» ھېسابلىنىدۇ.

ئېتۇتتا كەنت مۇدىرى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش پۇلىنى تەھدىت سېلىش شەرتى قىلىدۇ. رىياللىقتا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ خىيانەتچىلىك قىلىپ ئىگىلىۋېلىش، ساختا مەلۇمات يوللاش، تۇتۇپ قېلىپ ئىشلىتىۋېلىش، دوست - بۇرادەرلىرىگە ئېتىبار بېرىش قاتارلىق قىلمىشلىرى ھېلىھەم مەۋجۇت. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىشىش ۋە ئىستىل مەسىلىلىرى ئارىسىدىكى ئاشلىق تولۇقلىما پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش، تۈر مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش ۋە ئۇنىڭغا خىيانەت قىلىش، دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى، ئوغۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىش پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كىشىنىڭ قاتتىق نەپرىتىنى قوزغايدىغان مەسىلىلەردۇر. بولۇپمۇ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدە قىسمەن كادىرلار ھەتتا قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا بېرىشكە تېگىشلىك بولغان نامراتلارنى يۆلەش پۇلى، خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش پۇلى قاتارلىقلارنى ساختا مەلۇم قىلىپ ئېلىۋېلىش، ئاستىرىتتىن بۆلىۋېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن قولىدىن ئۆتكەنلىكى ئىشتىن پايدا ئېلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەختىيارلىق تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى زور زىيانغا ئۇچراتتى. 2018-يىلى 11-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىشىش ۋە ئىستىل مەسىلىسىدىن 133 مىڭ 100ى، 180 مىڭ 100 ئادەم تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، بۇ تۇرمۇشتا يەنە «كەنت مۇدىرى»غا ئوخشاش پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئېتۇتتا كەنت مۇدىرى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا «ئويۇن قويۇش»قا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرىدۇ. رېئاللىقتا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا سانغا ئېسىلىۋېلىش، نامراتلىقتىن ساختا قۇتۇلدۇرۇشتەك ئىشلار توختىماي يۈز بېرىۋاتىدۇ. قىسمەن كادىرلار ئادەتتە ئاممىنىڭ يۈرەك سۆزىگە قۇلاق سالماي، خىزمەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇرماي، پۈتۈن زېھنىنى يۇقىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇشقا، «خىزمەت نەتىجىسى»نى قانداق يۇقىرى كۆتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرىۋاتىدۇ. 1-ئاينىڭ 30-كۈنى، مەركەزنىڭ نامراتلىقنى قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مەخسۇس كۆزىتىشى بويىچە كۆزىتىلىگەن 26 ئوبيېكتنىڭ قايتما ئىنكاس ئەھۋالى ئېلان قىلىندى، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ساھەسىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىگە قارىتا، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كۆپ قىسىم جايلارنى ئىسمىنى ئاتىدى: «نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ھېلىھەم بىر قەدەر گەۋدىلىك بولماقتا، ھەر خىل تەكشۈرۈش، باھالاشلار ھېلىھەم بىر قەدەر كۆپ بولماقتا»؛ «شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنمىغان»؛ «شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى تۈزەشكە يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلىنمىغان».

ئىتوتتا كەنت مۇدىرى «ئۇستاتلىق» بىلەن شەرت قويۇپ، سايلامنى كونترول قىلغان. رىياللىقتا ھەقىقەتەن بىر قىسىم كىشىلەر ئاساسىي قاتلامدىكى سايلامدا نەيرەڭ ئىشلىتىپ، تەھدىت سېلىش، ئازدۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، كەنت «ئىككى كومىتېتى»نىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلام ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىشقا ئالاقىدار تىپىك مىسللاردا قورقاق سېلىش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىنى كونترول قىلغانلار، پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ «ئىككى كومىتېت»نىڭ قارارىنى كونترول قىلغانلار، زىياپەت بېرىپ بېلەت توپلاپ، پارا بېرىپ سايلانغانلار، سايلىغۇچىلارنى ساختا مەلۇم قىلىپ، سايلام بېلىتىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، سايلامغا بېلەت تاشلاشقا قاتناشقانلار بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزگەن.

«ھەممە ئادەم ساڭا ئوخشاش ساختىلىق قىلسا، پۇقرالار ياخشى كۈن كەچۈرەلەمدۇ؟» ئېتۇتتىكى تەكشۈرگۈچىنىڭ كەنت مۇدىرىغا قىلغان بۇ بىر ئېغىز سۆزى نەق مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭراتتى، تاماشىبىنلارمۇ ئۇنىڭ قىلمىشىدىن پەيدا بولغان ناچار تەسىرنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى.

ئاممىنىڭ ئاغرىش نۇقتىسى، قىيىن نۇقتىسى دەل پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ مەركەزلىشىش نۇقتىسىدۇر. ئېتۇتتا تەكشۈرگۈچى ئالدىن خەۋەرلەندۈرمەيلا بىۋاسىتە كەنتكە چۈشىدۇ، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئاغزىدىن ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، كەنت مۇدىرىنىڭ «ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرغان» كۆز بويامچىلىقىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلاملارغىچە كېڭەيتىلگەنلىكىنىڭ جانلىق ئىپادىسى. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىشىش ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش مائارىپ ۋە داۋالاش، مۇھىت ئاسراش، يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىكى قاتارلىق ئاممىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى دەل جايىدا قانات يايدۇرۇشتا، دېلو ئارقىلىق ماھىيەتتىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تىپىك دېلولارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارلاپ، رەزىللىكنى تۈگىتىش، كۆزىتىش بىلەن تەكشۈرۈشنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەن ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى قۇرۇپ چىقىش، شەھەر، ناھىيە ئىككى دەرىجىنى ئۆز دائىرىسىدىكى نامرات يېزا -بازارلارنى ماس قەدەمدە تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. 2018-يىلى 10-ئايدا، مەركەز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تۇنجى قېتىم مەخسۇس كۆزىتىپ، بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاممىغا ئەتراپىدىكى ئىشلارنى باشقۇرىدىغان، مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ئادەمنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىشىش ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى سىجىل تۈزەش ئارقىلىق، خەلق ئاممىسىغا ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەختىيارلىق تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ ئەمەلىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىشىش ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىگە قارىتا يېڭى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ بولغان، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ھەر خىل قىلمىشلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشى، دىققەتنى ئاممىنىڭ ئاغرىش نۇقتىسى، قىيىن نۇقتىسى، مەركىزىي نۇقتىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېتۇتتىكى كەنت مۇدىرىغا ئوخشاش پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىياسىي ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشى شەرت.

企业微信截图_20190204133129.png
1413624012.jpg
1124081360_15491156949761n.jpg