جۇڭگو ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ
0
2019-02-12 17:53:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 2-ئاينىڭ 9-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ھىندىستان زۇڭلىسى مودىنىڭ جۇڭگو-ھىندىستان چېگرىسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونغا بېرىپ پائالىيەت قىلغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

ماتېرىيال سۈرەت

سوئال: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاتالمىش «ئارۇناچال شتاتى»غا بېرىپ پائالىيەت قىلغان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

جاۋاب: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو-ھىندىستان چېگرا مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئىزچىل ئېنىق بولۇپ كەلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «ئارۇناچال شتاتى»نى ئېتىراپ قىلمايدۇ، ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ جۇڭگو-ھىندىستان چېگرىسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلارغا بېرىپ پائالىيەت قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو ھىندىستاننى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى چوڭ ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى قەدىرلەشكە، تالاش-تارتىشنى كۈچەيتىپ، چېگرا مەسىلىلىرىنى مۇرەككەپلەشتۈرىدىغان ھەرقانداق ئىشلارنى قىلماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ.

 

企业微信截图_20190204133129.png
1413624012.jpg