بۇ يىل 5-ئايدا تۆت كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ
0
2019-03-25 16:50:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا 2019-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى.

ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە

ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ خەلق ھۆكۈمەتلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەر قايسى مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، ھەر قايسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلار :

گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 2019-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىدەك تەڭشەلدى.

بىرىنچى، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە، تۆت كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 4-ئاينىڭ 28-كۈنى (يەكشەنبە)، 5-ئاينىڭ 5-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.

ئىككىنچى، ھەر قايسى رايون، ھەر قايسى تارماقلار ئۆز رايونى، ئۆز ساھەسىدىكى ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىشنى تەڭشەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىشى، ئۈنۈملۈك چارە-تەدبىر قوللىنىپ، قاتناش تىرانسپورت كۈچىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ساياھەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىشى، مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەشنى موللاشتۇرۇشى، ئۇنىۋېرسال تەڭشەشنى كۈچەيتىشى، نورمال يۈرۈشۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئۈچىنچى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى مەزگىلىدە، دىجورنىلىق ۋە بىخەتەرلىك، ئامانلىق ساقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن مۇھىم، زور ۋەقەلەرگە يولۇققاندا، بەلگىلىمە بويىچە دەل ۋاقتىدا دوكلات قىلىش ۋە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، خەلق ئاممىسىنىڭ بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنى تىنچ-ئامان ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى

2019.3.22



1124275911_15534497154291n.jpg
1124274012_15533587057731n.jpg
1111111.jpg
1111111111111.jpg