ئەنگلىيەلىك قىز جۇڭگولۇقلارغا ئىسىم قۇيۇپ مىليون پۇل تاپتى
0
2019-03-25 16:55:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

ھەممىمىز بىلىمىز، بالىغا چىرايلىق ئىسىم قويۇش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش، بۇ شۇنداقلا نۇرغۇن ئاتا ئانىنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان بىر ئىش، بىز جۇڭگولۇقلار بالىغا ئىسىم قويغاندا ئىسىمنىڭ مەنىسىنىڭ ياخشى بولۇشىغا ناھايىتى دىققەت قىلىمىز. گۈزەل مەنىلىك ئىسىملار ئاتا ئانىنىڭ بالىدىن كۈتكەن ئۈمىدىگىمۇ ۋەكىللىك قىلىدۇ.

بىز جۇڭگودا خىزمەت قىلىۋاتقان، ئوقۇۋاتقان چەتئەللىكلەرنىڭمۇ ئۆزىگە ماسلاشقان جۇڭگوچە ئىسىملارنى قويىۋالغانلىقىنى بايقايمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش چەتئەللەردىكى جۇڭگولۇقلارمۇ ئۆزىگە ئىنگلىزچە ئىسىم قويىۋالىدۇ. لېكىن بەزى ئىسىملارنىڭ ئىنگلىزچە مەنىسى ياخشى بولمىغاچقا، ياكى تەلەپپۇز قىلغاندا مەنىسى ئۆزگىرىپ كەتكەچكە، بەزى چاغلاردا ناھايىتى ئوڭايسىز ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا مەيلى قايسى تىلدا ئىسىم قويۇش بولسۇن، چوقۇم بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

ئەنگلىيەلىك 19 ياشلىق قىز Beau Jessup مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى بۇ خىل پەرقتىن ناھايىتى چوڭ بىر سودا پۇرسىتىنى بايقىغان. بۇ قىز ھازىرغىچە 677 مىڭ جۇڭگولۇق بوۋاققا ئىنگلىزچە ئىسىم قويۇپ بېرىپ، تەخمىنەن 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 3 مىليون 340 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) كىرىم قىلغان.

2015-يىلى بۇ قىز جۇڭگوغا ئوينىغىلى كەلگەندە، دادىسىنىڭ خىزمەتدىشى ۋاڭ خانىم ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۈچ ياشلىق قىزىغا بىر ئىنگلىزچە ئىسىم تەۋسىيە قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان، Beau Jessup ئۇ چاغدا بۇنىڭدىن ناھايىتى زور شەرەپ ھىس قىلغان، شۇنداقلا ۋاڭ خانىمنىڭ قىزىغا ناھايىتى چىرايلىق ئىنگلىزچە ئىسىم قويۇپ بەرگەن.

بۇ ئىش Beau Jessup قا ناھايىتى بەك تەسىر قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەنگلىيەگە قايتقاندىن كېيىن، دادىسىدىن 1500 فوندستېرلىڭ سوراپ، ئادەم تەكلىپ قىلىپ تور بېكەت ياساتقان، شۇنداقلا ئۈچ ھەپتە ئىچىدە 4000 غا يېقىن ئىنگلىزچە ئىسىمنى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرگۈزگەن.

ئېھتىياجى بارلار بۇ تور بېكەتتىن، جىنسى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۆزى ئېھتىياجلىق ئىسىملارنى تاپالايدىكەن. بۇ تور بېكەت بىر قېتىملىق مۇلازىمەت ئۈچۈن 0.6 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 5.3 يۈەن خەلق پۇلى) مۇلازىمەت ھەققى ئالىدىكەن.

Beau Jessup ئۆزى تاپقان بۇ پۇللارنى ئۆزىنىڭ داشۆدىكى ئوقۇشىغا ئىشلىتىدىغانلىقىنى ۋە ئۆي مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان.

بۇ خەۋەرنى كۆرگەن تورداشلار، چەتئەللىكلەرگە جۇڭگوچە ئىسىم قويۇپ بېرىدىغان تور بېكەت قۇرساق، بۇنىڭدىنمۇ كۆپ پۇل تاپقىلى بولغۇدەك، دېيىشكەن.

 

 

1124275911_15534497154291n.jpg
1124274012_15533587057731n.jpg
1111111.jpg
1111111111111.jpg