ئىران: ئامېرىكىنىڭ بېسىمىغا ھەرگىزمۇ قاراپ تۇرمايمىز
0
2019-05-02 18:43:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

ئىران مەھر ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي شۇ كۈنى مۇنداق دېگەن: ئىران گەرچە تۈرلۈك بېسىملارغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا كەلگۈسىدە يەنىلا ئىراننىڭ داۋاملىق نېفىت ئېكىسپورت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «خاتا قارار» چىقىرىپ، ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورتىنى يوققا چىقارماقچى بولدى، ئىران كەلگۈسى بىر قانچە ئاي ئىچىدە ئامېرىكىغا ئىراننىڭ داۋاملىق نېفىت ئېكىسپورت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي خەۋەرلەر:

ئامېرىكا ئىرانغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتتى، ھامىنىي: ئىران قاراپ تۇرمايدۇ

ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا، ئامېرىكا ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئىرانغا بولغان ھەر ساھەدىكى جازالاشلارنى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىراننىڭ خام نېفىت ئېكسپورتىنى قامال قىلماقچى بولغان ئىدى، لېكىن ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا، ئامېرىكا ئىراننىڭ خام نېفىتىنى ئىمپورت قىلغۇچى سەككىز دۆلەتكە ئاتالمىش ئالتە ئايلىق «جازانى كەچۈرۈم قىلىش»قا قوشۇلغان. لېكىن بۇ ئاينىڭ 22-كۈنى، ئامېرىكا بۇ ئاتالمىش «جازانى كەچۈرۈم قىلىش»نى داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭغا قارىتا، ئىراننىڭ ئالىي داھىيسى ھامىنىي، 24-چېسلا «ئىران ئامېرىكىنىڭ جازالىشىغا قارىتا قارشى جازا يۈرگۈزىدۇ» دېگەن.

ھامىنىي مۇنداق دېدى: ئىران ئامېرىكىنىڭ «دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتى»گە چوقۇم ئىنكاس قايتۇرىدۇ، «ئىران خەلقى دۈشمەنلەرگە ھەرگىز قاراپ تۇرمايدۇ، ئامېرىكا شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتى چوقۇم جاۋابقا ئېرىشىدۇ، ئىران ھەرگىز تاياق يېسە قاراپ تۇرىدىغان دۆلەت ئەمەس».

ھامىنىي يەنە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورت يولىنى توسۇشنى خام خىيال قىلىپ يۈرىدۇ، لېكىن ئىران خەلقى ئاكتىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىتتىپاقلاشسا، ھۆكۈمەت ئاكتىپ بولسىلا، ئامېرىكىنىڭ مەقسىتى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بىز قانچىلىك نېفىتنى ئېكسپورت قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولساق شۇنچىلىك ئېكسپورت قىلىمىز، بىز قانچىلىك نېفىتنى ئېكسپورت قىلىشنى خالىساق شۇنچىلىك ئېكسپورت قىلىمىز، ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورتىنى قامال قىلىمەن دېيىشى، پەقەت خام خىيال خالاس.

رۇھانىي: ئامېرىكا جازانى بىكار قىلىپ كەچۈرۈم سورىغاندىن كېيىن ئاندىن سۆھبەتلىشىمىز

شۇ كۈنى، ئىران زۇڭتۇڭى رۇھانىي ئىچكى كابېنت يىغىنىدا سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: بەزىلەر «ئامېرىكا سۆھبەتلىشىشكە تەييارلاندى، لېكىن ئىران ئۇنى رەت قىلىۋاتىدۇ» دەپ قارايدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىش نىيىتى يوق، ئۇلارنىڭ مەقسىتى «ئىراننى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىش».

ئۇ يەنە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: سۆھبەتلىشىشكە بولمايدۇ ئەمەس، لېكىن پەقەت ئامېرىكا بارلىق جازانى بىكار قىلغاندا، ھەمدە ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىغا قارىتا ئىراندىن كەچۈرۈم سورىغاندىن كېيىن، ئىران ئاندىن ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ.

ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى: «ئامېرىكا ئاقىۋەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تەييارلىنىشى كېرەك» دېدى.

4-ئاينىڭ 24-كۈنى، نيۇيوركتا پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى زارىف ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئامېرىكا ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىن نېفىت ئېكسپورت قىلىشىنى توسىماقچى بولسا، ئۇنداقتا ئاقىۋەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تەييارلىنىشى كېرەك. ئىران نېفىت ئېكسپورتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، نېفىتىمىزگە داۋاملىق خېرىدار ئىزدەيمىز، ھەمدە داۋاملىق ھالدا ھورمۇز بوغۇزىنى نېفىت ئېكسپورتىدىكى بىخەتەر چېگرادىن چىقىرىش يولى ئورنىدا ئىشلىتىمىز، بۇ بىزنىڭ ئويىمىز. ئىشىنىمىزكى، بىز چوقۇم شۇنداق قىلالايمىز. لېكىن ئامېرىكا تەلۋىلەرچە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بىزنىڭ شۇنداق قىلىشىمىزنى توسىسا، ئۇنداقتا ئۇلار مۇناسىپ ئاقىۋەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تەييارلىنىشى كېرەك.

 

a04.jpg
c02.jpg
c03.jpg
d01.jpg
a08.jpg