بۇ ئون ئەپ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى بىلىدۇ
0
2019-05-02 18:47:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

بۇ ئون خىل ئەپ يوشۇرۇن ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئوقىۋاتىدۇ، ئورنىڭىزنى بەلگىلەۋاتىدۇ، ئۈنگە ئېلىۋاتىدۇ، ھەتتا سىز ئۇرغان تېلېفوننى ئوغرىلىقچە ئاڭلاۋاتىدۇ...

 

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش جەھەتتىكى قالايمىقان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تۈزەش ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ «تورنى ساپلاشتۇرۇش 2019» مەخسۇس تۈرلۈك ھەرىكىتى ۋە مەركەز ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق تۆت ئورۇننىڭ ئەپلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلارنى قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا توپلاش، ئىشلىتىشىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا دائىر ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئەپلەرنىڭ ئابونېتلارنىڭ ئۇچۇرىنى دائىرىدىن ھالقىپ توپلىشىغا قارىتا تازىلاپ تۈزەش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرغان. 2019-يىللىق بىرىنچى پەسىلدە، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە 1970 يۈرۈشتىن ئارتۇق ئەپتە ئابونېتلارنىڭ ئۇچۇرىنى دائىرىدىن ھالقىپ توپلاش قىلمىشى بايقالغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ مىڭدىن ئارتۇق ئەپ ئىچىدە، «电视优化大师»، «雪球股票»، «免费小说大全»، «钱聚易» قاتارلىق ئون خىل ئەپتە، ئابونېتلارنىڭ پاراڭلىشىش خاتىرىسى، قىسقا ئۇچۇر ياكى رەڭلىك ئۇچۇرلارنى ئوقۇش، ئابونېتلارنىڭ ئالاقە خاتىرىسى، ئابونېتلارنىڭ ئەسلىھەسىدىكى مەلۇم بولغان ھېسابات نومۇرلىرىنى توپلاش، ئابونېتلارنىڭ تېلېكامېراسى ۋە مېكرافونىنى ھوقۇق چېكىدىن ئاشقان ھالەتتە ئىشلىتىش قاتارلىق كۆرۈنەرلىك مەسىلىلەر مەۋجۇت بولغان.

نۆۋەتتە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ج خ ئورۇنلىرى ئالاقىدار تەكشۈرۈش ئەھۋاللىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىغا دوكلات قىلغان، تەۋەلىكتىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېيىنكى قەدەمدە داۋاملىق ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى تەلەپ بويىچە، «تورنى ساپلاشتۇرۇش 2019» مەخسۇس تۈرلۈك ھەرىكىتى ۋە ئەپلەردىكى قانۇن، بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلارنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەپتىن پايدىلىنىپ پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشتەك جىنايى قىلمىشلارغا كۈچلۈك زەربە بېرىپ، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

 

ئابونېتلارنىڭ ئۇچۇرىنى دائىرىدىن ھالقىپ توپلىغان ئەپلەرنىڭ تىزىملىكى:

بىرىنچى، 电视优化大师 2.9.1 نۇسخىسى

1. ئابونېتلارنىڭ يانفون ھالىتى ۋە سالاھىيىتىنى ئوقۇغان.

2. ئابونېتلارنىڭ (تور ئاساسىدا) تەخمىنىي ئورنىنى توپلىغان.

3. ئابونېتلارنىڭ (GPS) ئېنىق ئورنىنى توپلىغان.

 

ئىككىنچى، 雪球股票 11.17 نۇسخىسى

1. يانفوننى ئاچقاندا ئۆزلىكىدىن قوزغالغان.

2. قوللىنىشچان سىستېمىنىڭ ئاۋاز ئېلىشىغا يول قويغان.

3. قوللىنىشچان سىستېمىدا كۆك چىش بىلەن ئۇلىنىشنى قۇرۇشقا يول قويغان.

4. ئابونېتلارنىڭ يانفون ھالىتى ۋە سالاھىيىتىنى ئوقۇغان.

 

ئۈچىنچى، 免费小说大全 3.8.9.3012 نۇسخىسى

1. يانفوننى ئاچقاندا ئۆزلىكىدىن قوزغالغان.

2. قوللىنىشچان سىستېمىنىڭ ئاۋاز ئېلىشىغا يول قويغان.

3. قوللىنىشچان سىستېمىدا كۆك چىش بىلەن ئۇلىنىشنى قۇرۇشقا يول قويغان.

4. ئابونېتلارنىڭ يانفون ھالىتى ۋە سالاھىيىتىنى ئوقۇغان.

5. ئابونېتلارنىڭ (GPS) ئېنىق ئورنىنى توپلىغان.

6. ئابونېتلارنىڭ يانفونىدىكى ئالاقىلاشقۇچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئوقۇغان.

7. ئابونېتلارنىڭ قىسقا ئۇچۇرى ياكى رەڭلىك ئۇچۇرىنى ئوقۇغان.

 

تۆتىنچى، 桌面批量卸载 4.2.5 نۇسخىسى

1. ئابونېتلارنىڭ (GPS) ئېنىق ئورنىنى توپلىغان.

2. سىستېمىنىڭ كۇنۇپكا قۇلۇپىنى ئىشلىتىشنى مەنئىي قىلىشىغا يول قويغان.

3. سىستېمىنىڭ ئۇرۇلغان تېلېفوننى نازارەت قىلىش، ئۆزگەرتىش ياكى ۋاز كېچىشىگە يول قويغان.

4. سىستېمىنىڭ باشقا سىستېمىلارنى قايتىدىن قوزغىتىشىغا يول قويغان.

5. سىستېمىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كۆزنەك ئېچىشقا يول قويغان، ئۈچىنچى تەرەپ قوللىنىشچان سىستېمىلارغا مەزكۇر ھوقۇق چېكى بەرمىگەن.

6. سەزگۈر كۈندىلىك خاتىرە ئۇچۇرلىرىنى ئوقۇش.

 

بەشىنچى، LED Disco نىڭ 0.812 نۇسخىسى.

1. ئابونېتلارنىڭ قىسقا ئۇچۇرى ياكى رەڭلىك ئۇچۇرىنى ئوقۇغان.

 

ئالتىنچى، K&A LOVING STORY نىڭ 2.1 نۇسخىسى

1. ئابونېتلارنىڭ يانفونىدىكى خەۋەرلىشىش خاتىرىسىنى ئوقۇغان.

2. ئابونېتلارنىڭ يانفونىدىكى ئالاقە خاتىرىسىنى ئوقۇغان.

3. ئابونېتلارنىڭ قىسقا ئۇچۇرى ياكى رەڭلىك ئۇچۇرىنى ئوقۇغان.

4. SD كارتىسىدىكى مەزمۇنلەرنى ئۆزگەرتكەن / يۇيىۋەتكەن.

 

يەتتىنچى، 钱聚易 نىڭ 1.1 نۇسخىسى

1. ئابونېتلارنىڭ قىسقا ئۇچۇرى ياكى رەڭلىك ئۇچۇرىنى ئوقۇغان.

2. تېلېفون ھالىتىنى زىيارەت قىلغان.

3. تېلېكامېرانى زىيارەت قىلىپ سۈرەتكە تارتقان.

 

سەككىزىنچى، WiFi 万能钥匙 نىڭ 4.3.56 نۇسخىسى

1. قوللانمىنىڭ قىسقا ئۇچۇر / رەڭلىك ئۇچۇر يوللىشىغا يول قويۇپ، تاساددىپىي ھەقلەرنى پەيدا قىلغان.

2. قىسقا ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا يول قويغان، مەزكۇر قوللانما ئەپتە ئابونېتلارنىڭ ئەسلىھەسىگە ئەۋەتىلگەن قىسقا ئۇچۇرلارنى نازارەت قىلىش ياكى ئابونېتلارنىڭ ئەسلىھەسىگە يوللانغان قىسقا ئۇچۇرلارنى يۇيىۋېتىپ ئابونېتلارغا كۆرسەتمەسلىك مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن.

3. ئابونېتلارنىڭ ئەسلىھەسىدە مەلۇم بولغان ھېسابات نومۇرى جەدىۋىلىگە ئېرىشكەن.

4. ئابونېتلارنىڭ قىسقا ئۇچۇرى ياكى رەڭلىك ئۇچۇرىنى ئوقۇغان.

5. ئابونېتلارنىڭ ئەسلىھەسىدىكى ئالاقىلاشقۇچىلارنى ئوقۇغان.

6. تېلېكامېرانى زىيارەت قىلىپ رەسىم ۋە سىن ھۆججىتىگە تارتقان.

7. ئەسلىھەنىڭ مېكروفونىنى ئىشلىتىپ ئاۋازغا ئالغان.

 

توققۇزىنچى، 金太阳 نىڭ 5.4.0 نۇسخىسى

1. قىسقا ئۇچۇر / رەڭلىك ئۇچۇر يوللىشىغا يول قويۇپ، تاساددىپىي ھەقلەرنى پەيدا قىلغان.

2.قوللانمىنى، ئاپپاراتنى ھەر ۋاقىت ئىشلىتىپ، رەسىمگە ۋە سىنغا تارتىشىغا يول قويغان.

3. قوللانمىنى ھەر ۋاقىت مېكروفوننى ئىشلىتىپ ئاۋازغا ئېلىشىغا يول قويغان.

 

ئونىنچى، 枣庄智能交通 نىڭ 1.1 نۇسخىسى

1. يانفون ھالىتى ۋە سالاھىيىتىنى ئوقۇغان.

 

a04.jpg
c02.jpg
c03.jpg
d01.jpg
a08.jpg