دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: جۇڭگو ئارمىيەسى جەڭدىن باش تارتمايدۇ
0
2019-06-04 10:03:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

6-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگونىڭ دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې شانگىرىلا سۆھبەت يىغىنىدا باش مەقسەتلىك سۆز قىلدى.

ۋېي فېڭخې سۆزىدە تەيۋەن مەسىلىسى توغرىسىدا مەيدانىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. دۇنيادا ھەرقانداق بىر دۆلەت ئۆز دۆلىتىنىڭ پارچىلىنىشىغا قاراپ تۇرالمايدۇ. ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمدا، ئامېرىكىلىق دوستۇم ماڭا: «لىنكولىن جەنۇب-شىمال ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلىپ ۋە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ زۇڭتۇڭ بولغان» دېگەن ئىدى. ئامېرىكىنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشقا بولمىغان يەردە، جۇڭگونىڭ بىرلىكىنى ئەلۋەتتە پارچىلاشقا بولمايدۇ. جۇڭگو چوقۇم بىرلىككە كېلىشى كېرەك، شۇنداقلا چوقۇم بىرلىككە كېلىدۇ، نەدىمۇ بىرلىككە كەلمەيدىغان قائىدە بولسۇن؟

ۋېي فېڭخې مۇنداق دېدى: ئەگەر بىرى تەيۋەننى جۇڭگودىن پارچىلىۋەتمەكچى بولىدىكەن، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ باشقا تاللىشى يوق، چوقۇم جەڭدىن باش تارتمايدۇ، ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن يانمايدۇ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغدايدۇ. تەيۋەن دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى دائىرىلىرى ۋە تاشقى ئارىلىشىش كۈچلىرىگە شۇنى رەسمىي ئۇقتۇرىمەن: بىرىنچى، جۇڭگونى پارچىلىماقچى بولغان ھەر قانداق مەقسەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس. ئىككىنچى، تەيۋەن مەسىلىسىگە ئارىلىشىشتىكى ھەر قانداق يول چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ. ئۈچىنچى، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى بوش چاغلاش ئىنتايىن خەتەرلىك. بىز ئەڭ چوڭ سەمىمىيىتىمىز، ئەڭ زور تىرىشچانلىقىمىز بىلەن تىنچ بىرلىككە كېلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز. لېكىن قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىشكە ۋەدە بەرمەيمىز. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئارمىيەنىڭ يۈكسەك مەجبۇرىيىتى. ئەگەر جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىيالمىسا، ئۇنداق ئازادلىق ئارمىيەنى نېمە قىلىمىز؟

 

111111111111.jpg
123123.jpg
U020190531615186055933.jpg
U020190531616170688575.jpg