ئامېرىكىنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىغا «مىكرو بىلوگ،QQ» لارنى تاپشۇرىدىكەن
0
2019-06-04 10:09:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىشنى باھانە قىلىپ، ئامېرىكا ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەردىن ئىجتىمائىي ئالاقە نومۇرى ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. بۇ يېڭى بەلگىلىمە 5-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

نېمە ئۈچۈن ئىشلەتكەن نومۇرلارنى تولدۇرىدۇ؟

نۆۋەتتە، ئامېرىكا ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلىش تور بېتىدە، ئىلتىماس جەدۋىلىدىكى بىر تۈردە، ئۆتكەن بەش يىل ئىچىدە 20 ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېتىدە ئىشلەتكەن شەخسىي نومۇرنى تولدۇرۇش دېگەن تەلەپ بار بولۇپ، بۇ ئالاقە سۇپىلىرى دوۋبەن، QQ بوشلۇقى، شىنلاڭ ياكى تېڭشۈن مىكرو بىلوگى، يوۋكۇ قاتارلىقلارنى، شۇنداقلا چەتئەللەردە مودا بولىۋاتقان ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدىن Facebook، Instagram، تىۋىتتېر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ سىياسەت پەقەت جۇڭگو پۇقرالىرىغىلا قارىتىلغان ئەمەس. ئامېرىكا بۇنىڭغا «تېررورچىلار»نى تەكشۈرۈپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن دەپ چۈشەندۈرۈش بەرگەن. ئامېرىكا «پارلامېنىت تېغى» تور بېتىنىڭ 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىدىكى بىر ئەمەلدار مەزكۇر ئىشنى ئېتىراپ قىلغان، ھەمدە زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، بۇنىڭ ئامېرىكا چېگراسىغا كىرىدىغان چەتئەللىكلەرنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشنىڭ «ئەڭ مۇھىم باسقۇچ»ى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ۋىزا ئىلتىماس قىلغۇچى، ئىجتىمائىي ئالاقە نومۇرى «يوق» دېگەن تاللاشنى تاللىسا بولىدىكەن، لېكىن بۇ ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە، ئەگەر ئىلتىماس قىلغۇچى بۇنىڭغا «يالغان جاۋاب بەرسە»، ئۇلار «ئېغىر ئاقىۋەت»كە دۇچار بولىدىكەن.

ئامېرىكىغا بارماقچى بولغان جۇڭگو پۇقرالىرى نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئامېرىكىغا بارماقچى بولغان جۇڭگو پۇقرالىرىغا مۇنداق دەپ قايتا ئەسكەرتتى: ۋىزىغا ئىلتىماس قىلغاندا، ئالاقىدار قانۇنلارغا بويسۇنۇش، ئامېرىكىغا بېرىش مەقسىتىنى ئەينەن تولدۇرۇش، ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى ئەينەن تاپشۇرۇش، ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن، ۋىزا تىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىق كېرەك.

ئۇنىڭدىن سىرت، كۈچكە ئىگە بولغان ئامېرىكا ۋىزىسىغا ئىگە بولۇش، ئامېرىكىغا چوقۇم كىرگىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئامېرىكا چېگراسىدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار چېگرادىن كىرىشكە ئىجازەت قىلىشتا ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئامېرىكا ۋىزىسى ئېلىپ ئامېرىكىغا بارغاندا، چېگرادىن كىرىشىنى رەت قىلىش ئەھۋالى ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئامېرىكا چېگرا قانۇنى ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلىرىنىڭ شۇ كىشىنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشتىكى مەقسىتىنى ۋىزا تىپى بىلەن ئوخشىمايدۇ دەپ گۇمانلىنىش بۇنىڭدىكى سەۋەب. ئەگەر قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار، چېگرادىن كىرگۈچىنىڭ چېگرادىن كىرىش مەقسىتىدىن ياكى قولىدىكى گۇۋاھنامىسىدىن گۇمانلانسا، چېگرادىن كىرگۈچى ئىككىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈش رايونىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە يۈز تۇرانە كۆرۈشىدۇ.

بۇ ئۆزگىرىش تۇيۇقسىزلا كۆرۈلگەن ئەمەس

خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: كەلگۈسىدە ئامېرىكا ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن يەنە تېخىمۇ كەڭ بولغان ساياھەت قىلىش تارىخى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەشمۇ تەلەپ قىلىنىدۇ.

بۇ يېڭى ئۆزگىرىش ھەرگىزمۇ تۇيۇقسىزلا پەيدا بولغان ئەمەس، 2017-يىلىلا، ترامپ بىر تۈرلۈك مەمۇرىي بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، ئامېرىكىغا كىرمەكچى بولغان يولۇچىلار، سودا ئۈچۈن كەلگەن يولۇچىلار ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ تۇغقانلىرى قاتارلىقلارغا ۋىزا تارقاتقاندا، يېڭىدىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. بۇ تەكشۈرۈش، ئىلتىماس قىلغۇچىدىن ئۆزىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى سوراشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەگەر بىر ئادەم ئىلگىرى ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» كونتىروللىقىدىكى رايونلاردا تۇرۇپ باققان بولسا، ئۇ چاغدا چوقۇم ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى تارىخىي خاتىرىلەر ئارقىلىق تەكشۈرۈش كېرەك. «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»دە مۇنداق دېيىلدى: بۇ تىرامپنىڭ سايلام رىقابىتىدە ۋەدە قىلغان «چېكىگە يەتكەن تەكشۈرۈش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تۇنجى ئىزناسى ئىكەن.

ئامېرىكىدا يېڭى بەلگىلىمىنى تەنقىدلىگەنلەر كۆپ ساننى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم تەنقىد قىلغۇچىلار «بۇ بەلگىلىمە كەمسىتىش قىلمىشىنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ، يەنە كېلىپ توپلىغان ئۇچۇرلار دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان دائىرىدىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتكەن» دەپ قارىغان.

 

111111111111.jpg
123123.jpg
U020190531615186055933.jpg
U020190531616170688575.jpg