ترامپ: ئامېرىكا كارخانىلىرى خۇاۋېيغا مال تەمىنلىسە بولىدۇ
0
2019-07-01 10:13:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

جۇڭگو مۇنداق جاۋاپ قايتۇردى: «ئەگەر ئامېرىكا دېگىنىنى قىلالىسا، بىز ئەلۋەتتە قارشى ئالىمىز.»

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ترامپ ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ خۇاۋېيگە داۋاملىق پارچە زاپچاسلارنى سېتىشقا يول قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇنىڭغا قارىتا جۇڭگو مۇنداق جاۋاب قايتۇرغان: «ئەگەر ئامېرىكا دېگىنىنى قىلالىسا، بىز ئەلۋەتتە قارشى ئالىمىز.»

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋېزىيە خەۋەرلەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، شۇ كۈنى، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ترامپ خۇاۋېينىڭ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشىغا يول قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ترامپ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا شىركەتلىرى خۇاۋېيگە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ بەرسە بولىدۇ... دۆلەتلەر ئارىسىدا چوڭ جىددىي مەسىلىلەر مەۋجۇت ئەمەس».

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ G20 بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى، خەلقئارا ئىقتىساد مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شياۋلۇڭ، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاخبارات مەركىزىدە جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ مۇنداق دېدى: ترامپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ خۇاۋېي شىركىتىگە بولغان بىر قىسىم چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى، ئەگەر ئامېرىكا دېگىنىنى قىلالىسا، بىز ئەلۋەتتە قارشى ئالىمىز. چۈنكى خۇاۋېي بىر پۇقراۋى كارخانا، يەنە كېلىپ ئۇچۇر تېخنىكىسى جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنداق شىركەت مەيلى نەگە بېرىپ مەبلەغ سالسۇن ياكى شۇ يەرنىڭ خەۋەرلىشىش كەسپىنى ئېچىش، قۇرۇش، يۈرگۈزۈشىگە قاتناشسۇن، شۇ يەرنىڭ خەۋەرلىشىش كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

 

1.jpg
未标题-1.jpg