ئانىنىڭ بۇ ئىشى ھەممەيلەننى تەسىرلەندۈردى، سىز قانداق قارايسىز؟
0
2019-07-05 14:54:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :گۈلرىز سۈرئەت

 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوتتىكى بىر سودا سارايدا بىر بالا ئېھتىياتسىزلىقتىن قولىدىكى ئۇماچنى ئۆرۈۋەتكەن، دۇكان ئىگىسى گەرچە تازىلىق ئىشچىسىنىڭ كېلىپ تازىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بالىنىڭ ئاپىسى ئوغلىنىڭ ئۆزى قىلغان ئىشنى تازىلاش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئوغۇل بالا ئارقىدىن ئۇماچ تۆكۈلگەن جاينى پاكىز سۈرتۈپ، ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىغاندىن كېيىن، ئاپىسى بىلەن بىللە سودا سارايدىن ئايرىلغان.

كېيىن بۇ كىچىككىنە ئىش تورداشلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەن

A تورداش: ئاتا-ئانا بالىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى، بالىلارغا مۇشۇنداق ئىش-ھەرىكەت ئارقىلىق ئۈلگە بولۇشىمىز كېرەك.

B تورداش:ئاپىسى زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ بالىسى بىلەن تەڭ سۈرتكەن بولسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولاتتىمۇ-قانداق؟

C تورداش:بۇ بالا بەك تەلەيلىككەن، بىر ياخشى ئاپىسى باركەن.

D تورداش:بۇنداق ئاپا تەربىيەلىگەن بالىنىڭ ئىستىقبالى چوقۇم پارلاق بولىدۇ

E تورداش:نۇرغۇن ئاتا-ئانا ھامبۇرگ بولكىخانىلاردا بالىلىرىنى پەتنوسنى جايىغا قويۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇمۇ بىر خىل ھۆرمەت ۋە تەربىيە.

F تورداش:بالىنى ئەمەلىيەت ئارقىلىق تەربىيەلىگەن ئاتا-ئانا بالىنىڭ ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىسىدۇر.

تورداش، ئۇنداقتا سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

未标题-1.jpg