ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شۇجىلىرى، مۇدىرلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-06 17:22

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 5-كۈنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شۇجىلىرى، مۇدىرلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت يېزىپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىگە قارىتا تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام ۋە ئۈمىد بېغىشلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر مەكتەپ باشقۇرۇش بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىختىساسلىقلارنى كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىشى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئايرىلالمايدۇ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پەن-تېخنىكا، ئىختىساسلىقلاردا. يېڭى دەۋردە، يېزىلار ئۈمىدكە تولغان دالا، ئىگىلىك تىكلەشتىكى كەڭ سەھنە، ئېلىمىزنىڭ ئالىي دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مائارىپى نى-نى ئىشلارنى قىلالايدۇ. سىلەرنىڭ داۋاملىق ئەخلاق ئارقىلىق تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆز ۋەزىپەڭلار قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى بىلىدىغان، دېھقانلارنى سۆيىدىغان يېڭىچە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، مىليونلىغان دېھقاننىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە ئىدىيە-ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، تاغ، كۆل، ئورمان، ئېتىز-ئېرىق، ئوت - چۆپلەرنى سىستېمىلىق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

يېقىندا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار 50 نەچچە ئالىي مەكتەپنىڭ 100 دىن ئارتۇق شۇجىسى، مۇدىرى ۋە دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مۇتەخەسسىسى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، جېجياڭ ئەنجىنىڭ يېڭى دەۋردىكى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، پەن- تېخنىكا قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇشنى چۆرىدەپ مۇھاكىمە قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىققا ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەردىكى1 مىليون 300 مىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىغا ۋاكالىتەن يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈپ، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有