ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 09:33

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، بىز خىرىسلار ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان، خەۋپ-خەتەر كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز، بىر تەرەپلىمىلىك، قورۇقچىلىق دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، ھەرقانداق دۆلەت ئۆزىنىڭلا غېمىنى يېمەسلىكى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز ئىككى دۆلەت بىر خىل ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتتۇق. بىزنىڭ كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇشىمىز ھەقىقەتەن زۆرۈر.نۇرغۇن ئىشلاردا كېڭىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشقا توغرا كېلىدۇ، نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزى يالغۇز ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، دۇنيا چوڭ ئائىلىسىنىڭ ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئىككى مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن،ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە، ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.بۇ جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەگىلا ئەمەس، دۇنياغا نىسبەتەنمۇ بارغانسېرى مۇھىم بولۇپ قالدى.ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ئېتىبار بېرىپ، باراۋەر سۆھبەتلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتەك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلەردىن بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىقىدىكى تورتنى تېخىمۇ چوڭايتىش كېرەك. سىز بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا ئىككى تەرەپ نۇرغۇن ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ھاسىل قىلدى، بۇ جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشتە دېگىنىنى قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.جۇڭگونىڭ بازىرى يېتەرلىك چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەرەققىياتنىڭ بارغانسېرى زورىيىشىغا ئەگىشىپ، گېرمانىيە ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ يېڭى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.جۇڭگو-گېرمانىيە ئاپتوموبىل كەسپى ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ تەڭ مەنپەئەتلىنىشىدىكى ياخشى مىسال. ئىككى تەرەپ ئېچىۋېتىشتە ئالدىن كۆرەرلىك ئېڭىنى ساقلاپ،ئاپتوموبىلنى ئاپتوماتىك ھەيدەش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، سىپىرلاشتۇرۇش،«5G» قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كەلگۈسى بازارنى ئورتاق يېتىلدۈرۈشى ۋە ئېچىشى كېرەك.جۇڭگو پۇل مۇئامىلە ۋە مۇلازىمەت كەسپىنى ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىۋاتىدۇ، گېرمانىيەنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ.سىز يەنە ۋۇخەنگە زىيارەتكە بارىسىز. گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز. ئادىمىيەت ۋە ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئىككى دۆلەت ئاممىسىنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشىنى ۋە مەدەت بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى ئورتاق نامايان قىلىپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، ئەركىن سودا ۋە كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىق قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك.

مېركېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ سۆھبەت ھەمكارلىقى كەڭ ۋە چوڭقۇر، جۇڭگو گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى. ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى تېخىمۇ ياخشى يۆنىلىشنى بويلاپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.گېرمانىيە جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال، جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشنى داۋاملىق زورايتىپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.بىر تەرەپلىمىچىلىك، قورۇقچىلىقمۇ گېرمانىيەگە پايدىسىز تەسىر كۆرسەتتى. ھەرقايسى تەرەپلەر ئىختىلاپ ۋە سۈركىلىشنى سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق مۇۋاپىق ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەك.گېرمانىيە كۆپ تەرەپچىلىك، ئەركىن سودا روھى بويىچە، جۇڭگو بىلەن خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.گېرمانىيە ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ.

ئىككى تەرەپ يەنە نۆۋەتتىكى مۇھىم خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.








中央广播电视总台 央广网 版权所有