ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«باش شۇجى كۆڭۈل بۆلگەن پۇقرالارنىڭ يېنىدىكى ئىشلار» جۇڭگو بالىلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 16:56

«شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ــ يېڭى دەۋردىكى يېڭى نەتىجە، يېڭى سەھىپە» «باش شۇجى كۆڭۈل بۆلگەن پۇقرالارنىڭ يېنىدىكى ئىشلار» جۇڭگو بالىلىرى ئەمگەك تەربىيەسى ئىچىدە ساغلام چوڭ بولماقتا

 

باش شۇجى جىنپىڭ 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئەمگەك روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەمگەكنى سۆيۈش، ئەمگەكنى ھۆرمەت قىلىش، ئەمگەكنىڭ ئەڭ شەرەپلىك، ئەڭ ئالىيجاناب، ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ گۈزەل ئىكەنلىكىدەك قائىدىنى چۈشىنىش، چوڭ بولغاندىن كېيىن تىرىشىپ، سەمىمىي، ئىجادىي ئەمگەك قىلىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

ئەمگەك تەربىيەسى بەش تەربىيە سىستېمىسىدىكى مۇھىم بىر ھالقا، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمگەك ئارقىلىق ئەخلاق يېتىلدۈرۈش، ئەمگەك ئارقىلىق، ئەقىل پاراسىتىنى ئاشۇرۇش، ئەمگەك ئارقىلىق تەن ساغلاملىقىنى كۈچەيتىش، ئەمگەك ئارقىلىق گۈزەللىك يارىتىش، ئەمگەك ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش..... جۇڭگو بالىلىرى مانا مۇشۇنداق ئەمگەك تەربىيەسى ئىچىدە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلمەكتە.

13مو مېۋىزارلىق، 8 مو چايزارلىق، 4 مو قارا ئۆرۈك بېغى، 11 مو تاتلىق ياڭيۇ ئېتىزى.... 1994-يىلىدىن باشلاپ جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى تۇنجى يېزا ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت بازىسى بولغان نەنجىڭ شەھىرى پۇكو رايونى شىڭجى باشلانغۇچ مەكتىپى مەخسۇس شەھەر ئوقۇغۇچىلىرىنى يېزا تۇرمۇشىنى كەچۈرۈپ بېقىشقا قوبۇل قىلدى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەردە ھەر يىلى يېزا تۇرمۇشىنى ھېس قىلىپ بېقىش ئۈچۈن كەلگەن 30مىڭدىن ئارتۇق شەھەر ئوقۇغۇچىسى قوبۇل قىلىنىدۇ، يەنە ئونمىڭدىن ئارتۇق چەتئەل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرى بۇ يەردە تۇرمۇش ئۆگىنىدۇ.

2014-يىلى «كىچىك دېھقانچىلىق مەيدانى» ــ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەدەنىيەت پائالىيىتىدىكى قوبۇل قىلىش نۇقتىسىغا ئايلاندى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 100 نەچچە دۆلەتتىن مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا كەلگەن دوستلارنى نېلۇپەر كۆلى بويىدا نېلۇپەر تونۇش، نېلۇپەر تېرىش، تاماشا قىلىشقا تەشكىللىدى، چايزارلىق ئىچىدە ئۇلار بىرلىكتە چاي ئۈزۈپ، چاي قورۇپ، چاي سورتنى تېتىدى.

ئۈچىنچى يىللىق ئىككىنچى سىنىپنىڭ مۇدىرى گې دېشيا مۇنداق دېدى: ئەمگەك تەربىيەسى بالىلارنى تۇغما قابىلىيىتىنى كۆرسىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارغا ئۆگىنىش، تۇرمۇشتا پەقەت كىتاب يۈزىدىكى بىلىملا ئەمەس يەنە باشقا نۇرغۇن نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

مەكتەپ مۇدىرى ياڭ رۇيچىڭ مۇنداق دېدى: ئەمگەك تەربىيەسىنىڭ ماھىيىتى ــ قىممەت قارىشى تەربىيەسى، مائارىپ ئىشلەپچىقىرىش، ئەمگەك بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلۈشى، ئەركىن، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىدىغان كىشىلەر تەربىيەلەپ چېقىلىشى كېرەك. مائارىپنىڭ چوقۇم تۇراقلىق دەرسلىك شەكلى بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى ھاجەتسىز، ئادەتتە ئازراق ئەمەلىيەتكە قاتناشتۇرغاندا بالىلارنى كوللېكتىپ ھەمكارلىقنىڭ قىممىتىنى، ئايلانما ئىقتىسادنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ يۆياڭغا جايلاشقان خۇنەن مىللىي كەسپى مەكتىپى قارمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتىپىدە مۇنداق غەلىتە بىر ئىش بار، كىچىككىنە بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش بىناسى ئىچىدە 200 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ناھايىتى چوڭ بىر ئاشخانا بار، ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن بالىلار بۇ يەردە چۆمۈچ تالىشىپ، ئۆزلىرى تاماق ئېتىدۇ ئاندىن تازىلىق قىلىدۇ، قاچا قۇچىلارنى يۇيىدۇ، ئاشخانا جابدۇقلىرىنى جاي جايىغا رەتلىك يىغىشتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن دەرستىن چۈشىدۇ.

بەشىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى چېن جياچى مۇنداق دېدى: ئاپام تۇنجى قېتىم مەن قورۇغان سەينى يەپ، خۇشاللىقىدىن يىغلاپ كەتتى، ۋە سەن ھەرقانداق تاماقنى ياخشى ئېتىسەن دېدى.

ئاشخانىنى باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئېلىپ كىرىش مەكتەپ مۇدىرى فاڭ شاۋۋېننىڭ ئىجادىيىتى. فاڭ شاۋۋېن بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقى ئىچىدە ھەمىشە ئۆي ئىشلىرىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ئالاقىسى يوقتەك: بۈگۈن مەن ئاپامنىڭ يەر سۈپۈرىشىگە ياردەملەشتىم دېگەندەك سۆزلەرنى يازىدىغانلىقى، بالىلارنىڭ ئۆز ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئىقتىدارىنىڭ يوقلۇقى، ئائىلە، جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيەت دېگەندىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقايدۇ، فاڭ شاۋۋېن بۇنى ئۆزگەرتىشنى ئويلايدۇ، 2003-يىلى ئۇ مەكتەپ بىناسىنىڭ ئۈستىگە بوشلۇق كۆكتاتلىقى ئېچىپ، ئوقۇغۇچىلارنى نۆۋەت بىلەن ئەمگەكنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىلىنىشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپ«ھەپتە ئاخىرى مەن خوجايىن»، «ئاشخانىغا مەن خوجايىن»،« مەن كىچىك قاتناش ساقچىسى» دېگەندەك يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ.

ھەر بىر كىچىك ئىشتىن باشلاپ قىلىش، ھەر كۈنى قىلىشتەك سىڭىشمە، يۇغۇرۇلما ئەمگەك تەربىيەسى ئەمگەك ئېڭىنى تېخىمۇ نۇرغۇن بالىلارنىڭ قەلبىگە يىلتىز تارتقۇزماقتا.
ئەمگەكنىڭ ئۇنىۋېرسال تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمگەك تەربىيەسى يېتەكچى پىروگراممىسىنى تۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتى، ئەمگەك ماھارىتى ۋە كەسپىي قاتنىشىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇ يىل 7-ئايدا ئېلان قىلىنغان«جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ھەققىدىكى پىكىر»دە ئەمگەك تەربىيەسىنىڭ ئورنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، جەمئىيەت ۋە دەۋر ئۆزگىرىۋاتىدۇ، يېڭى دەۋرگە ماس كېلىدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەمگەك تەربىيەسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، ھەر بىر بالىنى ئەمگەك تەسىراتىغا ئىگە قىلىدۇ، ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ،ئەمگەك قىممىتى يارىتىدۇ، ئەمگەك نەتىجىلىرىدىن بەھرىلەندۈرىدۇ. 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

中央广播电视总台 央广网 版权所有