ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك يېزا-ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئالىي

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 17:45

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 5-كۈنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا –ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئالى مەكتەپلەرنىڭ شۇجىلىرى، مۇدىرلىرى ۋە مۇتەخەسسلەر ۋەكىللىرىگە جاۋاپ خەت يېزىپ، يېزا-ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىگە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بەردى ۋە ئۇلارغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ھەسسىلەپ ئىلھاملاندۇردى. كۆپچىلىك: يېزا-ئىگىلىكىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، يېزا-ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشنى ۋەزىپە قىلىپ، يېزا-ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇمىز دېيىشتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋاپ خېتىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردە، يېزىلار ئۈمىدگە تولغان دالا، ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەشتىكى كەڭ سەھنە، دۆلىتىمىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ئالىي مائارىپىنىڭ رولى زور. نەنجىڭ يېزا-ئىگىلىك داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دۇڭ ۋېيچۈن يېزا-ئىگىلىك مائارىپچىسى، شۇنداقلا 1- سەپتىكى يېزا –ئىگىلىكى، پەن-تەتقىقات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇرچىنىڭ شەرەپلىك، زېممىسىدىكى ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھىس قىلدى.

دۇڭ ۋېيچۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېلىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا،كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىكىلوگىيە مەدەنىيىلىكى ۋە گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئىشلىرىنى يولغا قويىۋاتىدۇ. دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مائارىپى بۇنىڭدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىماقتا. يېڭى دەۋردە 2035-يىلغىچە جۇڭگونىڭ يېزا-ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مائارىپىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىپ، كەلگۈسى جۇڭگونىڭ يېزا-ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ماس كېلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان يېڭىچە ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋاپ خېتىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا-ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئالىي مەكتپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرىغا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەنخۇي يېزا-ئىگىلىك داشۆسى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى رېن چى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: "ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، يېزا-ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزا-ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش" يېزا-ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قانداق مەكتەپ باشقۇرۇش، يېزا-ئىگىلىكى پەن ساھەسىدىكى يېڭى ئىختىساسلىقلارنى قانداق يېتىشتۈرۈشىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

رېنچى مۇنداق دېدى: يېزا-ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ "ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش" دىكى ئاچقۇچ ئوقۇغۇچىلارنى يېزا-ئىگىلىكىنى ئۈگىنىش، يېزا-ئىگىلىكىنى سۆيۈش، يېزا-ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك غايە-ئېتىقادىنى چىڭىتىش، يېزا-ئىگىلىكىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، يېزا-ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش قاتتىق ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈپ، "يېزا-ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار" غا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىدە ئۆز قابىليىتىنى نامايەن قىلىپ، كىشىلىك قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش.

جۇڭگونى زامانىۋىلاشتۇرۇش يېزا-ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئايرىلالمايدۇ، يېزا-ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پەن-تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلاردا. جېجياڭ داشۆسى يېزا-ئىگىلىكى ۋە بىئو تېخنىكا شۆيۇەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاۋ جيەنمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ جاۋاپ خېتىدىكى يوليورۇقنىڭ روھىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.ئىقتىسادى ئىجىتمائىي ئىشلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپرەك مۇلازىمەت قىلىش كېرەك، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلامغا، يېزىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يېزا-ئىگىلىكىنى، دېھقانلارنى چۈشۈنۈپ، دېھقانلارنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىلمىي ماقالىلەرنى ۋەتەن كەڭ قوينىدا يېزىپ، يېزا-ئىگىلىكى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا تەشكىللەش كېرەك.

جىلىن يېزا-ئىگىلىك داشۆسى يېزا-ئىگىلىك شۆيۇەنىنىڭ مۇدىرى ۋۇ جىخەي مۇنداق دېدى: بۇندىن كېيىن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتە، زامانىۋى بىئوتېخنىكا ۋە ئۇچۇر تېخىكىسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇپ، يېزا-ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىھتىياجىغا ماس كېلىدىغان يېزا-ئىگىلىك كەسىپىي ئىختىساسلىقلىرىنى يەنىمۇ يېتىشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا-ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشى ۋە يېزا، كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋاپ خېتى يېزا-ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا زور ئىلھام بولدى. سەنشى يېزا-ئىگىلىك داشۆسىنىڭ 4- يىللىق ئوقۇغۇچىسى ۋېن شۇەي مۇنداق دېدى: يېزا-ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تېخىمۇ كۆپ يېزا-ئىگىلىكى پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگىلەپ، يېزاىلارنى چۈشىنىدىغان بىلىدىغان، يېزا-ئىگىلىكىنى سۆيىدىغان، دېھقانلارنى سۆيىدىغان كەسىپىي ئىختىساسلىقلاردىن بولىمەن.

ۋېنشۇەي مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ جاۋاپ خېتىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، يېزا-ئىگىلىكىنى سۆيۈش، يېزا-ئىگىلىكىنى ئۆگىنىش، "يېزا-ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار"خىزمىتىگە ئاتلىنىش ئىشەنچىم ۋە ئىرادەم تېخىمۇ چىڭىدى. كېيىنكى قەدەمدە، كەسىپىي بىلىملەرنى تېخىمۇ قېتىقىنىپ ئۈگىنىپ، يېزا-ئىگىلىك داشۆسىدىكىلەرنىڭ كۈرەش قىلىش روھى ۋە ئىلىم-پەن روھىغا ۋارسلىق قىلىپ، ئىھتىياتچان، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا، كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىمىز.

中央广播电视总台 央广网 版权所有