ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ سولومون تاقىم ئارىلى زۇڭلىسى سوگاۋارې بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 18:16

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 9-كۈنى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا سولومون تاقىم ئارىلى زۇڭلىسى سوگاۋارې بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىككى دۆلەت بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ئاساسىدا رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، بۇ دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىدىغان ياخشى ئىش. دوستلۇق ئىلگىرى-كېيىنلىككە ئايرىلمايدۇ، قانات يايدۇرۇلسىلا، پارلاق ئىستىقبالى بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن يەرلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشتا ياخشى ئاساسقا ئىگە، مول تەجرىبە توپلىدى. بىز بارلىق تەرەپلەرنىڭ گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جۇڭگونىڭ يەرلىك ئۆلكە، شەھەرلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى قوللايمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سولومون تاقىم ئارىلى 21-ئەسىردىكى دېڭىز يىپەك يولىنىڭ جەنۇبقا سوزۇلغان بەلبېغىغا جايلاشقان. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش چۈشىنىش ئەسلەتمىسىنى ئىمزالاشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىق، قاتناش، خەۋەرلىشىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق يارقىن نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有