ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭنىڭ خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە سۆزلىگەن نۇتقى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-06 17:38

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

رەئىس شى جىنپىڭ 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان باش مەقسەتلىك نۇتقىدا، دىققەتنى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىققا مۇجەسسەملىدى ھەم جۇڭگو يېڭى تەدبىر قوللىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشقا تۈرتكە بولىدۇ دەپ جاكارلىدى. باش مەقسەتلىك نۇتۇق-ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مېھمانلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، كۆپچىلىك بەس-بەستە مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نۇتقى كىشى قەلبىنى روھلاندۇردى، تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرلەر ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىپ تەرەققىي قىلىشنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.

رەئىس شى جىنپىڭ باش مەقسەتلىك نۇتقىدا، ھەمكارلىق، يېڭىلىق يارىتىش، ھەمبەھىرلىككە ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى. كۇئالكوم-يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ يانفون ئۆزىكى ياساش كارخانىسى، ئېچىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، كۇئالكوم شىركىتى جۇڭگو رايونىنىڭ باش مۇدىرى مېڭ پۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ نۇتقىدا دىققەتنى ئېچىۋېتىشقا مەركەزلەشتۈردى، جۇڭگونىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئېچىۋېتىشتىن ئايرىلالمايدۇ، كۇئالكوم شىركىتى ئامېرىكا كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگودىكى تەرەققىياتىدىمۇ جۇڭگو بازىرىنى ئېچىۋېتىشتىن ئايرىلالمايدۇ. كۇئالكوم شىركىتى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىگە پۈتۈنلەي يۇغۇرۇلۇپ بولدى شۇنداقلا جۇڭگو بازىرىنى ئېچىۋېتىش نەتىجىسىدىن نەپكە ئېرىشتى. بىز ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت تارىخىي پۇرسەت، جۇڭگونىڭ يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگودىكى ھەمكارلىق ھەمراھلىرىمىز بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىمىز.

ئالاھىدە چوڭ دۆلەت كارخانىسى بولغان جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ تەييار نېفىت تەمىنات كارخانىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيادىكى 1-چوڭ نېفىت ئايرىش كارخانىسى، ئۇنىڭ كەسپى چەتئەللەردىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تارقالغان. جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لۈ داپېڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ نۇتقىدا، نېفىت، نېفىت خىمىيە كەسپى ۋە كارخانىلىرىنىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. بىز چوقۇم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتىدىكى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى كەسىپداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا كۈچ قوشىمىز.

ئىسرائىلىيە ۋاتېرگېن كارخانىسى-ئىچىملىك سۈيىنى ساپلاشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يېڭىچە كارخانا، تۇنجى نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى نامايان قىلغان غايەت زور تەسىر كۈچ-بۇ كارخانىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە قاتنىشىشنى قارار قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ كارخانىنىڭ جۇڭگو رايونىدىكى باش ۋەكىلى ئىۋان راۋان خەنزۇ تىلىدا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نۇتقى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، بىز ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، غايەت زور جۇڭگو بازىرىنى ئېچىشنى ئۈمىد قىلىمىز دېدى.

جۇڭگو سودا ئايروپىلانى شىركىتىنىڭ باش ئورگىنى شاڭخەيگە جايلاشقان. بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ جۇڭگو دۆلەت سارىيىدا، C919 تىپلىق چوڭ سودا ئايروپىلانىنىڭ مودېلى ھەم تەقلىدى ھەيدەش بۆلمىسى ئاشكارا كۆرسىتىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، جۇڭگو سودا ئايروپىلانى شاڭخەي ئايروپىلان خېرىدارلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش چەكلىك شىركىتىدىن لۇ جېڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نۇتقى بىزنى بەك روھلاندۇردى. ئېچىۋېتىش ئارقىلىق، بىز ھەم ئېكىسپورت ھەم ئىمپورت قىلىپ، ئۆز ئارا يۇغۇرۇلۇش، ئۆز ئارا ئالاقە باغلاشنى كۈچەيتىمىز. مۇشۇ ئاساستا، بىز پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا ئۆز تۆھپىمىزنى، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا جۇڭگو تۆھپىسىنى قوشىمىز.

中央广播电视总台 央广网 版权所有