ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - فىرانسىيە ئىقتىساد باشلىقلار يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-07 18:25

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ11-ئاينىڭ 6-كۈنى خەلق سارىيىدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - فىرانسىيە ئىقتىساد باشلىقلار يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرىدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش،تەڭ ئۇتۇق قازىنىشتىن ئىبارەت ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى- تاشقى ھەمتۈرتكىلىك رولىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا دۆلەتلەر ۋە خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزىدۇ. فىرانسىيە،ياۋروپا سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا،جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت. جۇڭگونىڭ دەرۋازىسى باشتىن-ئاخىر دۇنياغا ئېچىۋېتىلىدۇ،فىرانسىيە،ياۋروپا دەرۋازىسىنىڭمۇ جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئادىل ئېچىۋېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ياۋروپا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدۇ، فىرانسىيە ۋە ياۋروپا بىلەن بىرلىكتە، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوللاپ، قورۇقچىلىق، بىر تەرەپچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ئەركىن، ئېچىۋېتىلگەن سودا ۋە مەبلەغ سېلىش سىياسىتى مۇھىتى بەرپا قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قۇۋۋەت قوشۇشنى خالايدۇ. بىز ئېچىۋېتىش، كەڭ قورساق بولۇش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، پاك بولۇش، يېشىل بولۇش ئىدىيەسى بويىچە، ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىدىغان خەلقئارا قائىدە ئۆلچىمىنى پائال تۇتاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش،خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، « بىر بەلباغ، بىر يول » نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. بىز يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىلگەن، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ، ھەمكارلىق يارقىن نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈشىمىز لازىم. بىز چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، يەر شارىنى تۈزەش قىزىل رەقىمى مەسىلىسىنى ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداپ، يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
ماكرون مۇنۇلارنى بىلدۈردى : فىرانسىيە جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، بۇنىڭ فىرانسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەرنى مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. فىرانسىيە كارخانىلىرى ئىلغارلىقنى باتۇرلۇق بىلەن قولغا كەلتۈرۈش روھى بىلەن جۇڭگو بازىرىنى داۋاملىق ئېچىشى كېرەك. فىرانسىيە ۋە ياۋروپامۇ جۇڭگوغا بازىرىنى ئېچىۋېتىپ،جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئېلىپ، ئۇلارغا ئادىل رىقابەتلىشىدىغان سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى لازىم. فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو، ياۋروپا بىلەن جۇڭگو كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتى، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ياڭ جېچى، خۇ چۈنخۇا، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有