ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن سۆھبەتلەشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-07 18:33

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 6-كۈنى خەلق سارىيىدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن سۆھبەتلەشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: تۈنۈگۈن مەن سىز بىلەن شاڭخەيدە 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتۇق، بىز سۆزىمىزدە بىرلىكتە پۈتۈن دۇنياغا كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى قەتئىي قوغداش، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش ھەققىدە كۈچلۈك سىگنال چىقاردۇق. بىز يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ناھايىتى نۇرغۇن تېمىلار ھەققىدە سەمىمىي، چوڭقۇر، مول ئۈنۈملۈك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىمۇ بىر ئۇچرىمايدىغان زور ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلگەن ئەھۋالدا، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر ھەم شەرق-غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلىشى كېرەك. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە، دۇنياغا، كەلگۈسىگە، خەلققە يۈزلىنىپ، جۇڭگو-فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، داۋاملىق چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىدا مېڭىشنى خالايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىدە كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. بۇ يىل 3-ئايدا، مەن فىرانسىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندىن بۇيان، بىز ھاسىل قىلغان تۈرلۈك ئورتاق تونۇشلار پائال ئەمەلىيلەشمەكتە. تەيشەن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى 1-، 2-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىلىرىنىڭ ھەممىسى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، يەر شارىدا 3-ئەۋلاد يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگە بىلەن تەمىنلىدى. ئىككى دۆلەت 2-تۈركۈمدىكى جۇڭگو-فىرانسىيە سانائەت ھەمكارلىقىدا ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىنىڭ تىزىملىكىنى بىرلىكتە ئېلان قىلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى يېقىندىلا پارىژدا تۆت مىليارد ياۋرولۇق ئىگىلىك ھوقۇقلۇق زايومنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تارقاتتى. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە يەنە جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە كېلىشىمى سۆھبىتىنى تاماملىشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولدى. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن ئالتە چوڭ نىشانغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

بىرىنچى، سىياسىيدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشنى قوغداش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. داۋاملىق ئۆز ئارا ھۆرمەتلەپ، بىر-بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، يادرولۇق مەنپەئەتى، كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ئىپادىسىنى ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى، پارتىيە، ئارمىيەلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مەركەز ۋە يەرلىكتىكى ھەر قايسى تارماقلارنىڭ ئالاقىنى كۈچەيتىشىنى قوللاش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش؛ تور بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش لازىم.

ئىككىنچى، چوڭ تۈرلەر ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن بولغان يادرو ئېنېرگىيەسى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ فىرانسىيە بىلەن ئىككى دۆلەت، 3-تەرەپ بازىرىدا يېڭى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى مۇھاكىمە قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ ۋە قوللاپ، يادرو ئېنېرگىيەسىنىڭ ئۇللۇق ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىرىنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىدۇ؛ ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردە ھاسىل قىلىنغان يېڭى ھەمكارلىقنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

ئۈچىنچى، بازارنى بىر-بىرىگە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش كېرەك. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن قوش يۆنىلىشلىك سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بازار قائىدىسى ھەم ئادىل رىقابەت پىرىنسىپىنى بىرلىكتە قوغداشنى خالايدۇ، جۇڭگو فىرانسىيەنىڭ جۇڭگوغا قارىتا كەمسىتىش خاراكتېرلىك سىياسەتنى يولغا قويماسلىق ئىپادىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن، فىرانسىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك، بىخەتەر يېزا ئىگىلىك، يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئەتراپلىق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۈكسەك ئىرادىگە باي، تەڭپۇڭ بولغان جۇڭگو-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى تېزدىن ھاسىل قىلىشنى قوللايدۇ.

تۆتىنچى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ياۋرو-ئاسىيا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش؛ بېكىتىلىپ بولغان ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرى تىزىملىكىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنىڭ 3-تەرەپ بازىرى ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

5-يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش؛ جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇھىت، جۈملىدىن جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو تېخىمۇ كۆپ فىرانسىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو-فىرانسىيە ۋۇخەن ئېكولوگىيەدە ئۈلگە كۆرسىتىش شەھەرچىسى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور بىرلەشمە ئاپتوموبىلى، سۈنئىي ئاقىل قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش لازىم.

ئالتىنچى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ 2021-يىللىق جۇڭگو-فىرانسىيە مەدەنىيەت ساياھەت يىلىنى بىرلىكتە ياخشى ئۆتكۈزۈپ، مۇزېي ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملار ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىنى ئۇلتېشى قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىنىڭ بىردەك كېڭىشىش شەكلىدە توغرا يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئورتاق ئەمما پەرقلىق مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «پارىژ كېلىشىمى»نى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايدۇ.

ماكرون مۇنداق دېدى: فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقى پەيتىدە يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئىككىمىز قويۇق ئالاقە قىلىپ، فىرانسىيە-جۇڭگو دوستلۇقى ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردۇق. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ فىرانسىيە-جۇڭگو ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارىشىنى پۈتۈنلەي قۇۋۋەتلەيمەن. فرانسىيە بىلەن جۇڭگو نۇرغۇن زور خەلقئارا مەسىلىلەردە ئوخشاش مەيدانغا ئىگە، نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو چوڭ دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالاھىدە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، فىرانسىيە جۇڭگو بىلەن بولغان سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئۈلگىلىك رول ئوينايدۇ. فىرانسىيە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بەزى ئىختىلاپلارنى ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش روھى بويىچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنى خالايدۇ. فىرانسىيە كارخانىلىرى جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو بازىرىغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كىرىپ، جۇڭگوغا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى كۆپەيتىپ، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى، پۇقراۋى يادرو ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىگە ناھايىتى تەقەززا بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگو فىرانسىيەدە ياۋرو زايومى تارقاتتى، بۇ فرانسىيەگە نىسپەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. فىرانسىيە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ فىرانسىيەگە كېلىپ ھەمكارلىشىشىغا ئوچۇق پوزىتسىيە تۈتىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىغا بازىرىنىڭ دەرۋازىسىنى تاقىۋالمايدۇ. فىرانسىيە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا-ئاسىيا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنى خالايدۇ. فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق قوغداپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىستراتېگىيەلىك ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىنىڭ بالدۇرراق ئىلگىرىلەشكە ئېرشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو بىرلىكتە «فرانسىيە- جۇڭگو جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى بېيجىڭ تەشەببۇسى»نى ئېلان قىلدى، ئىككى دۆلەت بۇ مۇھىم مەسىلىلەردە يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرسا بولىدۇ. نۆۋەتتە ئېنىقسىزلىققا تولغان دۇنيادا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم، فىرانسىيە ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياۋروپا-جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتى مۇساپىسىنى تېزلىتىشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى، بۇ ئاۋىئاتسىيە، ئالەم قاتنىشى، يادرو ئېنېرگىيەسى، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش، مەدەنىيەت مىراسلىرى، يېزا ئىگىلىك، سانائەت، تەبئەتنى قوغداش، پۇل-مۇئامىلە، ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆرۈشتى ھەمدە جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىنى قوغداش ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمى سۆھبىتىنى ئاياقلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرلەشمە بايانات»نى ئىمزالىشىغا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى.

ئىككى دۆلەت «جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتى ھەرىكەت پىلانى» ۋە «جۇڭگو-فىرانسىيە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى بېيجىڭ تەشەببۇسى»نى بىرلىكتە ئېلان قىلدى.

شى جىنپىڭ ماكروننىڭ گۇۋاھلىقىدا فىرانسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى لولياڭ تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى.

شى جىنپىڭ سۆھبەتتىن ئىلگىرى خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا ماكرون شەرىپىگە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. پېڭ لىيۈەن، ياڭ جيېچى، خۇ چۈنخۇا، ساۋ جيەنمىڭ، ۋاڭ يى، شيا باۋلۇڭ، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.


中央广播电视总台 央广网 版权所有