ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ گرېتسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەمدە بىرازىلىيەگە بېرىپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 11-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-08 11:29

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گرېتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى پاۋلوپولوس، برازىلىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بولسونارونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە گرېتسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەمدە بىرازىلىيەگە بېرىپ بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 11-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ. 11-ئاينىڭ 7-كۈنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى چىن گاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە گرېتسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. جۇڭگو بىلەن گىرېتسىيە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ياخشى دوستلار، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەقىقىي دوستلار، خەلقى دوستانە ئۆتىدىغان سەمىمىي دوستلار، «1 + 17» ھەمكارلىقىدىكى يېڭى دوستلار. بۇ قېتىمقى زىيارەت جۇڭگو-گرېتسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتەك تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ. زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پاۋلوپلوس، زۇڭلى مىزوتاكىس بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، سودىغا مەبلەغ سېلىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىك، ئەركىن سودىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىدۇ. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا ھەمتۈرتكە بولىدۇ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز ئارا ئەينەك قىلىشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىدۇ.

مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ما جاۋشۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 11-قېتىملىق ئۇچرىشىشى 11-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە برازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن قاتنىشىدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ گۈللەنمە بازارلار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە يۈزلەنگەن بىر قېتىملىق مۇھىم دىپلوماتىيە ھەرىكىتى. شۇ چاغدا رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ، رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى يېپىق يىغىنى، ئاشكارا يىغىنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا-سانائەت كېڭىشى ۋە يېڭى تەرەققىيات بانكىسى بىلەن بولغان سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ ھەمدە مۇھىم سۆز قىلىدۇ. يىغىندا رەھبەرلەر خىتابنامىسى ئېلان قىلىنىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ برازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسونارو بىلەن سۆھبەتلىشىپ، كۆپ ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالايدۇ، يەنە يىغىنغا قاتناشقان باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك كۆرۈشىشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. جۇڭگو ئۇچرىشىشتا ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ گرېتسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەمدە بىرازىلىيەگە بېرىپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 11-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گرېتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى پاۋلوپولوس، برازىلىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بولسونارونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە گرېتسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەمدە بىرازىلىيەگە بېرىپ بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 11-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ. 11-ئاينىڭ 7-كۈنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى