ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو ياسىمىچىلىقنىڭ سېتىۋېلىش دىرېكتور كۆرسەتكۈچى كېڭىيىش رايونىغا قايتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-01 18:42

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 11-ئايدا جۇڭگو ياسىمىچىلىقنىڭ سېتىۋېلىش دىرېكتور كۆرسەتكۈچى %50.2 بولۇپ، ئالدىنقى ئايغا قارىغاندا 0.9 پوئېنت ئۆرلەپ، كېڭىيىش رايونىغا قايتتى.

11-ئايدا ياسىمىچىلىقنىڭ سېتىۋېلىش دىرېكتور كۆرسەتكۈچى نەتىجىسى بازار كۆزلىمىسىدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 1.8 پوئىنت ئۆرلىدى، يېڭى زاكاز كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 1.7 پوئىنت ئۆرلىدى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى مۇلازىمەتچىلىكنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ كارخانا ئاۋاتلىقى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شى جاۋخۈي مۇنداق دېدى: ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېھتىياج تەڭ ئۆرلەپ، كىيىنكى يېرىم يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ قايتا ئۆرلىشىگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىپ كەلدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي ئاۋاتلىقى بەلگىلىك ياخشىلاندى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有