ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى تەكىتلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 14:07

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېلىمىزنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ئۈستىدە 19-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ،زور بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، تۈرلۈك ئاپەت، ھادىسىلەرگە ۋاقتىدا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مۇھىم بۇرچنى ئۈستىگە ئالغان. دۆلىتىمىزنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، چەت ئەللەرنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇشقا پايدىلىق ئۇسۇللىرىنى ئەينەك قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. چىڭخۇا داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى شۆ لەن بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈردى ھەمدە پىكىر ۋە تەكلىپلەر ئۈستىدە توختالدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.

شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە دۆلەت جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئېلىمىزنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەبىئىي ئاپەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى، ئاپەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر قېتىملىق زور تاسادىپىي ۋەقەلەرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇپ، زور بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇشتا نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى ياراتتى، ئېلىمىزنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىز دۇنيادىكى تەبىئىي ئاپەت ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئاپەت تۈرى كۆپ، تارقىلىش دائىرىسى كەڭ، يۈز بېرىش قېتىم سانى يۇقىرى، زىيىنى ئېغىر، بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلىمىزدە تۈرلۈك ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى ۋە بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرى گىرەلىشىپ، ئاسان، كۆپ يۈز بېرىپ،جامائەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىللار كۈنسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەم جىددىي ۋەزىپە، ھەم بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنىڭ مەنبەسىدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى بىخ ھالىتى ۋە ئاپەت بولۇشتىن ئىلگىرى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. خەۋپ-خەتەرنى باھالاش ۋە كۆزىتىش،سىگنال بېرىش،خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار، كان، يول قاتنىشى، ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل ئاپەت تۈرى ۋە ئاپەت زەنجىرىنى ئۇنىۋېرسال كۆزىتىش، خەۋپ-خەتەرنى بالدۇر پەرقلەندۈرۈش، ئالدىن مەلۇمات ۋە سىگنال بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر قايسى ھالقىلاردىكى مەسئۇلىيەت ۋە تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دەل جايىدا تۈزەشنى يولغا قويۇپ، سىگنال بېرىش ۋە ئېلان قىلىش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجراسى دەل جايىدا بولۇش لازىم. قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇشنىڭ قانۇنچىللىشىش، قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇن، قائىدە-نىزاملارنى سىستېمىلىق رەتلەپ ۋە تۈزىتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش قۇتقۇزۇش تەشكىلاتلىرى، دۆلەتنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنىڭ بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇن،قائىدە-نىزاملارنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قانۇن ئىجراسى خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاممىۋى قاراش ۋە ئاممىۋى لۇشيەن ھەمدە جەمئىيەت تەڭ ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ،پۇقرالار بىخەتەرلىك تەربىيەسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك تەشۋىقاتىنىڭ كارخانىلار، يېزىلار، مەھەللىلەر، مەكتەپلەر، ئائىلىلەرگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،جامائەت پاراۋانلىقى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىك مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، دائىملىق جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش مانېۋىرىنى قانات يايدۇرۇپ، مەھەللىلەرنىڭ ئاھالىلەردىكى خەۋپ-خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش ۋە تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرىنى تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى خەلق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جىددىي تاقابىل تۇرۇش قۇتقۇزۇش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس ھەم دائىملىق بولغان، ئىنكاسى تېز، ئىستىلى ياخشى، ئىقتىدارى يۇقىرى ۋە كۈچلۈك جىددىي تاقابىل تۇرۇش قۇتقۇزۇش قوشۇنى قۇرۇش كېرەك. كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال قۇتقۇزۇش كۈچى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يەرلىكتىكى كەسپىي قوشۇن، پىدائىيلار قوشۇنى بىلەن بىرلىشىش ۋە ئورتاق مەشىق قىلىش، قۇتقۇزۇش ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. جىددىي تاقابىل تۇرۇش قۇتقۇزۇش قوشۇنىنىڭ جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاجىز ھالقىلارنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئاپەت، ھادىسىدىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئاز ھەم ساز بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆتكۈر پىچاق ۋە مۇشت كۈچى بەرپا قىلىپ، يېقىن ئەتراپقا يۆتكىلىش، تېز ھەرىكەت قىلىش، تەرتىپلىك قۇتقۇزۇش پىرىنسىپى بويىچە رايون جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى قۇرۇش كېرەك. ئاۋىياتسىيە جىددىي تاقابىل تۇرۇش قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش قۇتقۇزۇش ھاۋا تەۋەلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچنى تېز يەتكۈزۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىش لازىم. قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش پەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش جابدۇقلىرى تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك پەن-تېخنىكا بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە بىرىكتۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش پەن-تېخنىكىسىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇشنىڭ ئىلمىيلىشىش، كەسىپلىشىش، ئەقەللىيلىشىش، ئىنچىكىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئىلغار ياراملىق ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پەن-تېخنىكىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆزىتىش سىگنال بېرىش ئىقتىدارى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى، قوشۇمچە قوماندانلىق قىلىش ۋە تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى، قۇتقۇزۇش ئەمەلىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارى ۋە جەمئىيەتنى سەپەرۋەر قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر «بىر تەرەپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە شۇ تەرەپنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش» سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. زور تەبىئىي ئاپەت ۋە بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا سەل قاراپ زىيان ياكى زور ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغانلارغا قارىتا، قانۇن - ئىنتىزام بويىچە جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىكى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كەسپىي ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەت تەقسىماتىغا ئاساسەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، «ئالدىنى ئېلىش» ۋە «قۇتقۇزۇش» مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى ياخشى جىپسىلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت زەنجىرىنىڭ يوچۇقسىز تۇتاشتۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى بىر يىلدا 365 كۈن، ھەر كۈنى 24 سائەت جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش نۆۋەتچىلىكى قىلىدۇ، ھەر ۋاقىت كەسكىن ئەھۋال ۋە ھايات-ماماتلىق سىناققا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قۇتقۇزۇش قوشۇنىنىڭ بارلىق كوماندىر-جەڭچىلىرى پارتىيەگە سادىق بولۇش، ئىنتىزامى چىڭ بولۇش، ھەر قانداق قىيىنچىلىقتىن يانماسلىق، سەمىمىيەتلىك بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان كۈچكە ئايلىنىشى كېرەك. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش يۇقىرى يۈك، يۇقىرى بېسىم،يۇقىرى خەۋپ-خەتەر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قۇتقۇزۇش قوشۇنى نۇرغۇن تۆھپە قوشۇپ، ناھايىتى زور قۇربانلىقلارنى بەردى، ھەر قايسى تەرەپلەر بۇ قوشۇنغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، كەسىپكە بولغان شەرەپ تۇيغۇسى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى تەكىتلىدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېلىمىزنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ئۈستىدە 19-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى.